SPSS  ھەققىدە دەرسلىك ئىشلەندى

 

ibm-spss-logo

بۈگۈنكى كۈندە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى SPSS ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ باققان. ئىجتىمائىي پەنچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ۋە ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىز ھەردائىم دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىدۇر. ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بىلەن كۆرگەن، بىلگەنلىرىمىز، ھېس قىلغانلىرىمىزنى تەسۋېرلىگەن ياكى ئىشخانىدىن چىقماي ئولتۇرۇپ يازغان ماقالىلىرىمىز ئەمەلىيەتتە سەۋىيەسى تۇلىمۇ تۆۋەن، پاكىتچانلىقى يوق ۋە ھېسيات تۇلۇپ تاشقان ماقالىلەردۇر. بۇ سەۋەپتىن ئەنئەنىۋى كاللىغا ئىگە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى دائىم خىرىدارسىز قالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئىلمىي ژورناللىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن تەسۋىرلەش تىپىدىكى ماقالىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، بىر تەرەپتىن تەتقىقاتچىلىرىمىز جەمئىيەت تەكشۈرۈش ھەققىدە ئىلمىي پىرىنسىپ ۋە جەريانلارنى بىلمىگەنلىكىدە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىلگەن تەقدىردىمۇ كومپىيوتېردىن پايدىلىنىپ، ئىرىشكەن ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كىلىپ چىققان بۇلىدۇ. جۈملىدىن، بۈگۈنكى كۈندە سىستىمىلىق، ئىلمىي ۋە پاكىتلىق ئىلمىي ماقالە يازىمەن دەيدىكەنمىز، SPSS قوللىنىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈر. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ژورناللار SPSS ئىشلىتىلمىگەن ئىجتىمائىي پەن ماقالىسىنى ئاسانلىقچە ئېلان قىلمايدۇ. چۈنكى، ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ھېسابلاش ئېلىپ بارمىغان ھەرقانداق بىر جەمئىيەت تەكشۈرۈشىدىن كىلىپ چىققان نەتىجە بىر تەرەپلىمە ۋە خاتالىققا تولغان بۇلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا SPSS ئادەتتە تۇلۇق كۇرس سەۋىيەسىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك سۈپىتىدە ئۈتىلىدۇ.

SPSS يۇمشاق دىتالى جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىساد، سىياسەت، ئەدەبىيات، باشقۇرۇش ئىلمىي… قاتارلىق نورغۇن پەنلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئىجتىمائىي پەن كەسپى بىلەن شوغۇللانغۇچىلار بۇ يۇمشاق دېتالنى ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەت تەكشۈرۈش تەھلىلى ئېلىپ بارالايدىغان يۇمشاق دىتاللارنى قوللىنىشنى ئۆگىنىشى كىرەك.

SPSS پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە قوللىنىلىدىغان سىتاتېستىكىلاش يۇمشاق دىتالىدۇر. بۇ دېتال IBM شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ دېتال ھەققىدە ئۇيغۇرچە دەرسلىك ئىشلەنمىدى. مەن ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنچىلىرى ۋە ئىجتىمائىي پەن ئۈگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى موللاشتۇرۇش مەقسىتىدە ناھايتى ئاددىي ۋە ئىجچام بولغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بۇ دەرسلىكنى ئىشلەپ تارقاتتىم. SPSS ھەققىدىكى بۇ دەرس تېخى باشلانغۇچ سەۋىيەدە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دەرسلەرنى ئىشلەپ تۇلۇقلاشقا توغرا كىلىدۇ. تەتقىقاتچى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ بۇ ھەقتە پىكىرى بولسا، ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئىشلىگەن دەرسلىكىنىڭ مېنىڭ تور بېتىمدىن قويۇش ئادرېسى مۇنداق:

Youtube تا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.

优酷 تورىدا كۆرگۈچىلەر بۇ يەرنى بېسىڭ

 

بۇ دەرسلىكنىڭ ئەسلى مەنبەسىدە قويۇلۇش ئادرېسى مۇنداق:

Youtube تا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.

优酷 تورىدا كۆرگۈچىلەر بۇ يەرنى بېسىڭ

 

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز