يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ

 

Shocked screaming young African American business woman with her social network friends and business partners in a diagram

 

مۇتەللىپ ئىقبال

 

خەلقىمىزدە ”يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ“ دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. بۇ ماقال-تەمسىلدە بىر كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتى، كىملىكى ۋە كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنداق بولسا، سېمىز كىشىلەر بىلەن دوست بولساق سېمىز بولۇپ قالامدۇق؟ بۇ سوئال قارىماققا كۈلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى، قازانغا يولۇقساق  قارىسى يۇققان بىلەن سېمىز كىشى بىلەن دوست بولساق سېمىز بولۇپ قېلىش ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئەخمىقانلىقتەك بىلىدۇ. مەن يېقىندا كۆرگەن تېد(Ted) لىكسىيەسىدە بۇ تېما ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەتقىقاتچىلار 2000-يىلى 2200 كىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سېمىز كىشىلەر بىلەن دوست بولغانلارنىڭ سەمرىش ئېھتىماللىقى %45 ئىكەن. ئەگەر بىزنىڭ دوستىمىزنىڭ دوستى سېمىز بولسا، بىزنىڭ سەمرىش ئېھتىماللىقىمىز %25ئەتراپىدا ئىكەن. ئەگەر دوستىمىزنىڭ دوستىنىڭ دوستى سېمىز بولسا بىزنىڭ سېمىز بولۇش ئىھتىماللىقىمىز %10 ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ ئەلۋەتتە بىر-بىرىگە يېقىن كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىدىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك . بۇ نۇقتىدا، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئىجتىمائىي باغلىنىشىمىز(Social Network) ئىنتايىن مۇھىم. مەلۇم مەنىدە، ئىدىيە ۋە ھېسسىيات قاتارلىق بەزى نەرسىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە جەمبىرىكىمىز ئارقىلىق تارقىلىپلا قالماستىن، بەلكى، مەلۇم بىر خىل كېسەللىك ياكى يامان ئىشنىڭمۇ مەلۇم ئالاقە چەمبىرىكى ئىچىدە تارقىلىدىغانلىقى ئېنىق .

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئاساسلىقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. بۇ بىر ھېسابتا ئاتۇشتىكى سودىغا پىششىق بولۇش ئادېتىنىڭ ئاتۇش جەمئىيىتىنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق تارقىلىشى ۋە ئاخىرىقى ھېسابتا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ سودا قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ شەكىللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېمەككى، جەمئىيەتتە مەلۇم بىر خىل ئادەت ۋە ھادىسىمۇ مەلۇم بىر ئالاقە چەمبىرىكى ئىچىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى تىز تارقىلىدۇ ۋە ئومۇملىشىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا يەنە ”ئاقىللار بىلەن دوست بولغىن“ دېگەندەك ئىدىيەلەر بار. بۇ نۆۋىتى كەلگەندە ئاقىل كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز، ئىدىيەيىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ”قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقىدۇ“ دېگەن ماقالنىڭ باشقىچە بىر خىل ۋارىيانتى.

ئۇنداقتا ھېسسىياتمۇ تارقىلامدۇ؟ بىز ئاكتىپ پىكىرلىك، ئۈمىدلىك، چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، ئاكتىپ ئېنېرگىيە بېرىدىغان بىر كىشى بىلەن دوست بولساق، ئۇ ھالدا بىزمۇ ئۈمىدلىك ۋە تەبەسسۇملۇق بىرى بولالامدۇق؟ بۇ سوئالغا تەتقىقاتچىلار ئاللىقاچان جاۋاب تېپىپ بولغان ئىكەن. جەمئىيەتتە ئىدىيە ۋە مەلۇم ئادەتلەر مەلۇم بىر ئالاقە چەمبىرىكى ئىچىدە تارقالغىنىدەك، ھېسسىياتمۇ تارقىلىدىكەن. قىسقىسى، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ياكى دوستلىرىمىز قانداق كەيپىياتتا بولسا، بىزمۇ بىلىپ-بىلمەي شۇنداق ھېسسىياتنىڭ ياكى كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەنمىز. چۈنكى، ئىنسان بىر-بىرىدىن تەسىر قوبۇل قىلىدىغان خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى پىسخولوگلارنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بىر كىشى ئەسنىسە، بىزنىڭمۇ ئەسنەيدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. گەرچە بىزنىڭ ئەسنەش ئىھتىماللىقىمىز بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئىنساننىڭ بىر-بىرىدىن پىسخولوگىيەلىك تەسىر قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

ئۇيغۇرلاردا يەنە ”قاغا بىلەن دوست بولساڭ يېيىشىڭ پوق“ دەيدىغان تەمسىل بار. بۇ تەمسىل بىزگە قانداق كىشىلەر بىلەن ئارىلاشساق ۋە دوست بولساق، شۇ خىل كىشىلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئىشارەت قىلىدۇ. مىنىڭ چۈشەنچەمگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل چۈشەنچىنى پۈتۈنلەي خاتا دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسان ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن تەسىرلىنىدۇ. باشقىلارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ خىل ھالەت داڭلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ . مەن ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن ئىلىم سۆيەر قىزلارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى فولكلورشۇناس پىرافېسسۇر راھىلە داۋۇت مۇئەللىمىدەك كەسىپتە ۋە تۇرمۇشتا نەتىجە قازانغۇسى بارلىقىنى ئاڭلىدىم. دېمەككى، نۇرغۇن كىشىلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ رول مودېلىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. بۇ خىل ھالەت بالىلار كىچىك ۋاقتىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ .

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پىسخولوگلار ۋە نىرۋاشۇناسلىق ئالىملىرى ئۇزۇن مەزگىل ياخشى ئۆتكەن ئەر-ئاياللارنىڭ چىرايىنىڭمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلغان. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەر-ئاياللار تۇرمۇش مەسىلىلىرىدە ئوخشاش ھېسسىيات ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلارغا ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ نېرۋىلىرىمۇ قارشى تەرەپنىڭ خۇلقى، مىجەزى ۋە ھەرىكىتىنى بەك پىششىق بىلىپ كېتىدىكەن. ياخشى ئۆتكەن ئەر-ئاياللار ئوخشاش ھېسسىياتنى بەھىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئوخشاش ھېسسىيات ۋە ئىنكاس يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ ئوخشىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-ئاياللارنىڭ ھېسسىياتى ۋە ھەرىكىتى بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىۋەرسە، چىراي ئىپادىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بىزنىڭ كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىمىزمۇ بىزمۇ جىسمانىي جەھەتتىن كىم بولۇشىمىزغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كىشىلەر ئارىسىدا ”تاماكا دوراشتىن، ھاراق زورلاشتىن بولىدۇ “ دەيدىغان گەپ بار. بۇ پىكىردە تاماكا چېكىشىنىڭ باشقىلارنى دوراش ۋە باشقىلارنىڭ يېڭى ئۆگەنگۈچىنى قىزىقتۇرۇشى ئارقىلىق ئۆگىنىلىپ كېتىدىغانلىقى ئەكس ئېتىدۇ. ھاراقمۇ بىرىنچى قېتىمدا باشقىلارنىڭ زورلىشى ۋە قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئىچىلىدۇ. ئاخىرىدا ھاراق ئىچكۈچىمۇ باشقىلارنى زورلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنسانلار زور دەرىجىدە بىر-بىرىدىن تەسىرلىنىدۇ. مەسىلەن تۈركىيەدە كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈچلۈك. بۇنىڭ سەۋەبى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە بىر توپ كىشىلەرنىڭ باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. دېمەككى، بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىدىكى كىشىلىرىمىز بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز، ئىدىيەيىمىز، ھەتتا ھېسسىياتىمىز قاتارلىقلارغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ئېلان شىركەتلىرى ئىنسانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى ياخشى تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە ئېلان شىركەتلىرى ئىستېمالچىلارغا كۈچلۈك تەسىر قىلىش ئۈچۈن قايسى خىل شەكىل ۋە رەسىملەرنى قوللانسا ئىستېمالچىلارنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ سېتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنگەن. مەسىلەن، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئېلانلىرىدا توق قىزىل رەڭنى كۆپ ئىشلەتكەندە كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلىغىلى بولىدىكەن . مىنېرال سۇنىڭ ئورالمىلىرىدا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان كۆك رەڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىشىمۇ بۇ خىل قانۇنىيەتنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. بۇ مىسالدىن قارىغاندا، يېمەكلىك ئېلانىدا ئىشلىتىلىدىغان رەڭ بىلەن سوپۇن ئېلانىدا قوللىنىدىغان رەڭلەر بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت ۋە پىرىنسىپ بولسا مەھسۇلاتقا ماس رەڭلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىنسان پىسخولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ كۆپ سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياخشى بالىلار بىلەن ئارىلىشىشىنى، يامان بالىلاردىن يىراق تۇرىشىنى دائىم تەكىتلەيدۇ. دېمەككى، بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەيىمىزدە كىمنىڭ كىم بىلەن ئارىلىشىشى ۋە دوست بولۇشى بىر كىشىنىڭ كىملىكى، ھەرىكىتى ۋە ئىدىيەسىنى مەلۇم دەرىجىدە زەرەتلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ .

شۇنىسى مۇھىمكى، ئۈمىدلىكلەرنىڭ ئۈمىدلىك كىشى بىلەن، دانالارنىڭ دانالار بىلەن دوست بولۇشى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقىدە بىر خىل باراۋەرسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك . سىنىپتا دەرستە ياخشى بالىلار بىر-بىرى بىلەن دوست بۇلىۋالسا، دانالار پەقەت دانالار بىلەنلا ئارىلاشسا، سېمىز كىشىلەرنىڭ دوستى سېمىز بولسا، ئۇ ھالدا جەمئىيەتتە پىسخولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن زور بۆلۈنۈش كېلىپ چىققان بولىدۇ . بۇ خىل بۆلۈنۈش جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىدا پەلەمپەيسىمان يۇقىرى-تۆۋەنلىك شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل ھادىسە بىز دەۋاتقان ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىك ئاتمۇسفىراسىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

جەمئىيەتشۇناسلىق چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسان ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. جۈملىدىن، بىزنىڭ قانداق تىلدا سۆزلەيدىغان ئادەم بولىشىمىزمۇ جەمئىيەتنىڭ بىزگە قىلغان ھەدىيەسى سەۋەبىدىن بولىدۇ . بىراق، ئىنسان ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى ئۆزگەرتىش قابىلىيىتىگە ئىگە جانلىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئالاقە چەمبىرىكى ئىچىدە ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدىغان ، ئۆزىنىڭ ئاكتىپ يارىتىشچانلىق خۇسۇسىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان بىر مەخلۇق بولالىشى كېرەك . مېنىڭچە ، بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىمىزدىن ئالىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز بولىدۇ . بۇلار بىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما، بىز يەنە ئۆزىمىز خالىغان ئالاقە چەمبىرىكىنى قۇرۇپ چىقالايدىغان مەخلۇق. بۇ سەۋەبتىن ، نوقۇل ھالدا جەمئىيەتنىڭ سىرتقى تەسىرىنى قوبۇل قىلماستىن، جەمئىيەتنى ئۆزىمىز خالىغانچە يارىتىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك .

ئۇنداقتا يامانغا يولۇقۇپ يارىسىنى ئالامدۇق ياكى ياماننىڭ ياخشىلىقىنى قولغا كەلتۈرەمدۇق؟ ياماننىڭ يارىسىدىن قېچىش ئوڭاي ، ئەمما ياماننىڭ ياخشىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن تەس ئىشلارنىڭ بىرى. جۈملىدىن، بۈگۈنكى دۇنيا ھەممىمىز مۇكەممەللىك، خۇشاللىق،  ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە باي-باياشاتلىق قوغلىشىپ ياشاۋاتقانلىقىمىز راست. ئۇنداقتا، قانداق قىلىمىز؟ قانداق ئىجتىمائىي چەمبىرەك قۇرۇپ چىقىمىز؟ نوقۇل ھالدا باشقىلاردىن تەسىر قوبۇل قىلىدىغان ئادەم بولامدۇق ياكى باشقىلارنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئادەم بۇلامدۇق؟بۇ ھەممىمىزنىڭ ھاياتىغا قالدۇرۇلغان سوئال .

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز