يۈز قىلغانغا يۈز قىل

masked-man

-گوفمان ۋە ”يۈز ئىشى“[1]

مۇتەللىپ ئىقبال

يۈز نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن مۇقەددەستۇر. بۇ سەۋەبتىن قوغدىلىشقا ۋە ئېتىبار قىلىنىشقا موھتاج . يۈز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى قالقاندۇر. بۇ سەۋەبتىن ، قارشى تەرەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بىزگە خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلالمايدۇ. يۈزگە ئېتىبار بېرىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ئۆزىنى ھۆرمەتلەش مەۋجۇت يەردە باشقىلارنىڭ بىزگە ئېتىبار قىلىشى ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ . يۈز ئىككى كىشى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە مەنپەئەتچان مۇناسىۋەتلەردە ساقلىنىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بىز باشقىلارنى ھۆرمەتلەيمىز، بۇنىڭ نەتىجىسىدە باشقىلارنىڭمۇ بىزنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.

يۈز ھەققىدە كۆپ خىل جەمئىيەتلەردە كۆپ خىل چۈشەنچە مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بىلەن تۈركلەرنىڭ يۈز ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشاش ۋە خاسلىققا ئىگە. يۈز قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش جەھەتلەردە بۇ ئىككى خەلقنىڭ چۈشەنچىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭ يۈزىنى ئاۋايلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسە، تۈركلەر باشقىلارغا يۈز قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. تۈركلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە قانچىلىك يېقىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلاپ ئولتۇرمايدۇ. ”ئانگلو-ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ”يۈزىنى يوقىتىش“ ئىبارىسى خاتا يۈزگە ئىگە بولۇپ قېلىش، يۈزسىزلىشىش ياكى نومۇسقا قېلىش دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.  بىرىنىڭ ”يۈزىنى ساقلاپ قېلىش“ بولسا بىر كىشىنىڭ يۈزىنى يوقاتمىغان ئاساستا باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ”يۈز بېرىش “  بىر كىشىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان يۈزىدىن ئۇنىڭغا ياخشىراق يۈز بېرىش مەنىسىدە كېلىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئۇ كىشى ئۆزىگە بېرىلگەن يۈزنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە يۈزلۈك بولىدۇ ”[2].

ئىنسان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە گەپ-سۆزى ۋە ئىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ياكى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. دېمەككى،  ”بىر ئىنساننىڭ يۈزى ئۇنىڭ بەدىنى بىلەن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ”[3]. بۇ سەۋەبتىن ، بىر ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزى ئۇنىڭ يۈز ۋە كىملىكلىرىگە زىچ باغلانغان بولىدۇ . ھالبۇكى كىملىكىنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسى كۆپ بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇ ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يۈز بولسا، ئىنساننىڭ كىملىكىگە يانداش ھالدا ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئوبرازىنى ئىپادىلەپ بېرىشتە قوللىنىلىدۇ.

ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە كىشىلەر ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ يۈزىنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە بىزگە يۈز قىلغان كىشىگە يۈز قىلىمىز، يۈز بەرگەنگە يۈز بىرىمىز. باشقىلار يۈز قىلغان ۋە يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۈزىنى قوغداش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىمىز. قىسقىسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىق شەكىلدە داۋام قىلىدۇ. بىزنىڭ باشقىلارنىڭ يۈزىنى قىلغانلىقىمىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ يۈزىنى قوغدىغانلىقىمىزغا باراۋەر. چۈنكى، بىز باشقىلارنىڭ يۈزىنى قوغداش ئارقىلىق نۆۋىتى كەلگەندە باشقىلارنىڭمۇ بىزنىڭ يۈزىمىزنى قوغداش مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرەلەيمىز.

”ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشنىڭ قائىدە  ئۈنۈمىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر كىشى باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يۈزىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ“[4]. بۇ دېگەنلىك، ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى ۋە بۇ ھۆرمەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان كىشى باشقىلار بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىسە ياكى باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى خالىمىسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە يۈزىنى قوغداپ قېلىش ئويى ۋە تىرىشچانلىقىمۇ بولمايدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە كىشىلەر ئۆزىنىڭ يۈزىنى قوغداپ قالغانغا ئوخشاش، باشقىلارنىڭ يۈزىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقىدە بولغان كىشىلەر بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىق شەكىلدە ھەم ئۆز ھەم باشقىلارنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قالىدۇ. ”يۈز بەرگەنگە يۈز بەر“ دېگەندەك تۇراقلىق ئىبارىنىڭ مەنىسى دەل مۇشۇ يەردە ئايدىڭ بولىدۇ . گوفمانغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قېلىپلاشقان نىزامىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ”بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم“ دېگەنگە ئوخشاش، ئىنسانلار باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە يۈزىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈزىنى قوغداپ قالىدۇ.

ئىجتىمائىي ھاياتتا تەسىرلىشىش[5] (ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت) پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىنسان ئىككى خىل ماھارەتنى ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك . بىرى ئۇ ئۆزلۈكىنى گەۋدىلەندۈرگەن ۋە يۈزىنى قوغدىغان بولۇشى كېرەك . يۈزىنى قوغداش جەريانى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ باشقىلار ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن ۋە باشقىلار ئالدىدا ئىشەنچسىز بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان باشقىلار ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا قېلىشتىن ساقلىنىش ۋە ناچار تەرەپلىرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى يۈزىنى قوغدىغان بولىدۇ . ئىككىنچىسى، ئىنسان باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ شەرىپىگە دەخلى قىلماسلىق، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئىنسان تەبىئىي ھالدا باشقىلارنىڭ يۈزىنى قوغدىغان بولىدۇ. ”بىر كىشىنىڭ باشقا كىشىلەرگە بېرىلگەن يۈزلەرنى قوللاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى نۇرغۇن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ھەر بىر كىشى باشقىلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش ۋە يوق قىلىشتىن ساقلىنىدۇ“[6].

”بىر ئىنساندا باشقىلارنىڭ يۈزى توغرىلىق تۇيغۇلار بولىدۇ . بۇ تۇيغۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يۈزى ھەققىدىكى تۇيغۇلاردىن سان ۋە يۆنىلىش جەھەتتىن پەرقلىق بولىدۇ ”[7]. بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ يۈزى ھەققىدىكى تۇيغۇلىرى ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ئۆزى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر بىلەن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. باشقىلارنىڭ يۈزى بولسا، ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قۇرۇش جەريانىدا باشقىلارنىڭ بەرگەن ئوبرازى ۋە تەسىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

”يۈز قوغداش ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى يۈز قوغدىغۇچىلار بىلىنسۇن ياكى بىلىنمىسۇن، يۈز قوغداش ئىشى ئادەتلەشكەن ۋە ئۆلچەملەشكەن بولىدۇ . بۇ خۇددى بىر ئويۇننىڭ ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئوينىلىشى ياكى بىر ئۇسسۇلدىكى ئەنئەنىۋى قەدەم شەكلىگە ئوخشايدۇ“[8]. قىسقىسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىنى بىلىش، ئۇنى قوغداش، ئۇنىڭغا دەخلى تەرۇز قىلماسلىق، بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭمۇ بىزنىڭ يۈزىمىزنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق قېلىپلىشىپ، نىزاملىشىپ كەتكەن ھادىسىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىنسان بۇ خىل نىزاملارنى بەزىدە ھېس قىلىپ، بەزىدە ھېس قىلمايدۇ. جەمئىيىتىمىزدە يۈز قوغداش ياكى يۈزىنى قىلىش ھەققىدىكى بىلىملەر دىپلومات ۋە سىياسەتچىلەرگە تېخىمۇ ئايدىڭ. چۈنكى، ئۇلار دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز قىلىش ۋە يۈز قىلماسلىقنىڭ قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى يۈزلەرنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق رولى بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە نامرات ئەللەرگە ياردەم بېرىش بىر خىل ئىنسانىي ئەخلاق دەپ چۈشىنىلسىمۇ، ئەمما، ئامېرىكا چاۋشيەنگە ياردەم بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىش ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ياردەم قىلغان دۆلەتنى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىتراتىگىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ . دېمەككى، بەزى دۆلەتلەر ئافرىقىدىكى كىشىلەرنى قوللاش ئارقىلىق ئۇلار ئالدىدىكى يۈزىنى ۋە ئېتىبارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولىدۇ .

يۈز ئارقىلىق كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. ئەگەر بىر كىشى بىزگە يۈز قىلمىغان بولسا، ئۇ ھالدا بىزمۇ باشقىلارغا يۈز قىلمايمىز. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، يۈز كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىككى ياققا ئېغىشنى ساقلايدىغان تارازا تېشىلىق سۈپىتىدە رول ئوينىغان بولىدۇ . ئەگەر بىز بىر كىشىگە بەك يۈز قىلساق، يۈز قىلغانلىقىمىزنى بىلمەي قالسا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ بۇخىل مۇناسىۋەتلەردىن كۆڭلىمىز سۇ ئىچمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر بۇزۇلىدۇ. ئوخشاش شەكىلدە، بىرسى بىزگە بەك يۈز قىلسا، بىز ئۇنىڭ يۈزىنى مۇۋاپىق شەكىلدە قايتۇرمىساق، ئو ھالدا باشقىلارنىڭ يۈز قىلىشىمۇ توختىغان بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار يۈزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق. بۇ سەۋەبتىن بىزدە بەزى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلار ناھايىتى ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بولۇپمۇ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىستېمال ساھەسىدە ”يۈز“ سەۋەبىدىن نورغۇنلىغان تېتىقسىز ۋە ئۇرۇنىسىز پائالىيەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرىي بولىمىز. كىشىلەر ”يۈز“ىنى قوغداش ئۈچۈن ھەشەمەتچىلىك قىلىدۇ. باشقىلارغا ”يۈز“ىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىممەت باھالىق كىيىم، ماشىنا ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئالىدۇ. ”يۈز“ قازىنىش ئۈچۈن خەير-ساخاۋەت قىلىدۇ. ”يۈز“لۈك بولۇش ئۈچۈن ھاجىم بولىدۇ . ”يۈز“لۈك بولۇش ئۈچۈن بىساتى تۈگەپ كەتسىمۇ بالىسىنى چەتئەلدە ئۇقۇتىدۇ. باشقىلار ئالدىدا ”يۈز“لۈك بولۇش ئۈچۈن، تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە روزا تۇتىدۇ. ”يۈز“لۈك بولۇش ئۈچۈن داڭدار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا ھېرىسمەن كېلىدۇ . ”يۈز“لۈك بولۇش ئۈچۈن باشلىق بولىدۇ. ”يۈز“لۈك بولۇش ئۈچۈن بەزىدە ئۆز مىللىتىدىن تانىدۇ… مىسال كەلتۈرسەك ساناپ تۈگىتەلمەيمىز. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردىكى يۈز ئۇقۇمى باشقىلار ئالدىدا ساختا كىملىك پەيدا قىلىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلانغان.

قىسقىسى، باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر نىزام ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قائىدە ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە باشقىلارغا مەسئۇل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولۇش ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى ۋە گەپ-سۆزىگە دىققەت قىلىش ئارقىلىق يۈزىمىزنى قوغداش شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقسا، باشقىلارغا مەسئۇل بولۇش ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دەخلى قىلماسلىق ۋە شەرەپ-يۈزىنى قوغداش شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىز بۇ نىزامنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىنى قوغدىغان بولىمىز. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىمىزنىڭ يۈزىنى قوغدىشىمىز ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىنى ئاسرىشىمىز قوش يۆنىلىشلىك مەنپەئەتچان مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ يۈزىنى قوغدىشىمىز باشقىلارنىڭ بىزنىڭ يۈزىمىزنى قوغدىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

 

 

 

[1] گوفماننىڭ ”يۈز ئىشى“( On Face-work) ناملىق ماقالىسى ھەققىدە مۇلاھىزە

[2] Erving Goffman, (1967) Interaction Ritual: Essays on Face-to-Face Behavior, New York: Doubleday, Anchor Books.p.9

[3] Erving Goffman, (1967) Interaction Ritual: Essays on Face-to-Face Behavior, New York: Doubleday, Anchor Books.p.7

[4] Erving Goffman, (1967) Interaction Ritual: Essays on Face-to-Face Behavior, New York: Doubleday, Anchor Books.p.11

[5] Social Interaction, 社会互动

[6] Erving Goffman, (1967) Interaction Ritual: Essays on Face-to-Face Behavior, New York: Doubleday, Anchor Books.p.42

[7] Erving Goffman, (1967) Interaction Ritual: Essays on Face-to-Face Behavior, New York: Doubleday, Anchor Books.p.6

[8] Erving Goffman, (1967) Interaction Ritual: Essays on Face-to-Face Behavior, New York: Doubleday, Anchor Books.p.13

يۈز قىلغانغا يۈز قىل“ ھەققىدە ئىنكاسلار

    • بۇ تىمىنىڭ مەقسىتى پەقەت يۈزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى قېلىپلىشىپ قالغان تەرىپىنى ئېچىپ بىرىش ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز چۈشەنچىسى، يۈزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئورنى ۋە يۈزگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئايرىم تەھلىل قىلىنسا ياخشى بۇلاتتى. قولۇمدا تەكشۈرۈش ماتېرىيالى بولمىغاندىكىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر نەرسە يازمىدىم.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز