سەپەر ۋە زەپەر

 

Hiker/Climber in Triumphant Pose

مۇتەللىپ ئىقبال

 

سەپەر ۋە زەپەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەريان ۋە نەتىجىنىڭ سىمۋولى بولىدۇ. سەپەر ئادەتتە بىر ئىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان جەرياننى كۆرسەتسە، زەپەر ئېرىشىلگەن نەتىجىنى كۆرسىتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ سەپەردىن بەكرەك زەپەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ سەۋەبتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا دائىر كىتابلارنىڭ بازىرى ھەرقانداق جەمئىيەتتە ئىتتىك بولماقتا. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا دائىر لىكسىيەلەرمۇ چۆچەك ۋە ئەپسانىلەر بۇرۇنقى زامان كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك كىشىلەرنى جەلپ قىلماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ھەممە كىشى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ۋە داڭلىق ئاتىلىپ باشقىلار تەرىپىدىن ئىززەتلىنىشكە، داڭلىق ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقى تۈپەيلى پۇل تېپىپ باياشات ياشاشقا موھتاج. دېمەككى، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىدە سەپەردىن بەكرەك زەپەر، جەرياندىن بەكرەك نەتىجە ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدۇ.

ھەممىگە روشەنكى، زەپەرگە يىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن سەپەرنىڭ لايىھەسىنى ياخشى تۆزۈش كېرەك. بۇ دېگەنلىك نەتىجە قازىمەن دەيدىكەنمىز، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆڭلىمىزگە بىر ئارزۇ ۋە نىشان پۈكۈشىمىز كېرەك . بۇ سەپەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە سەپەرنىڭ قايسى مەنزىلدىن قايسى مەنزىلگە بېرىش ھەققىدىكى سېخىمىسى سىزىلىدىغان باسقۇچ. ئەلۋەتتە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى قىلىنغان بىر جەمئىيەتتە ھەممە كىشىنىڭ خام بولسۇن پىششىق بولسۇن، ھاياتىدا قىلىدىغان ئىش- سەپەر ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىلەردە بۇلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ دېگەنلىك، ئارزۇ ۋە نىشان قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھاياتىنىڭ نىشانىنى بېكىتىدۇ. بەزىلەر يەرشارىدىن ئاي شارىغا چىقىشتىن ئىبارەت سەپەرنى ئۆزىنىڭ زەپەر-مەقسىتى قىلغان بولىدۇ. بەزىلەر ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا كېلىشنى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ سەپەر ھېسابلايدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن قاراقاشتىن خوتەنگە بېرىشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ سەپەر. بەزىلەرنىڭ ھايات سەپىرى پەقەت ئۆز مەھەللىسىدىكى كىچىك كوچىلارنى كېچىش بولىدۇ …

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بەزىلەر ئۈچۈن سەپەر پەقەت كونكرېتنى بىر رايوندىن كونكرېتنى بىر رايونغا بېرىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگودىن ئامېرىكىغا بېرىش، كورلىدىن بېيجىڭغا بېرىش دېگەندەك. ئەمما، بەزىلەر ئۈچۈن سەپەرنىڭ شەكلى كونكرېتنى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ قەلبىدىن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سەپەر قىلىش. بۇ خىل سەپەرلەر يازغۇچىلار، دىنىي ئۆلىمالار، سىياسىي داھىيلار ۋە بىر تالاي روھىيەت ئىنژىنىرلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر. بۇ دېگەنلىك، بىر كىشىنىڭ قىلىدىغان سەپىرى رايون ئاتلاش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئاتلاش ياكى يالغۇز قەلبتىن مىليون كىشىنىڭ قەلبىگە سەپەر قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل سەپەر قىلغۇچىلار خەلقنىڭ قەلبىدە ئۇزاق ياشايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل سەپەرنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنى ئاقارتىش، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش، ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە دەردلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدە ۋە كۆزىدە ھاياتنى سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان مۇھەببەت يالقۇنجىتىش بولىدۇ.

ھاياتىدا كونكرېتنى سەپەر قىلىدىغانلار ئاساسەن ئۆز ئۈچۈن ياشىغان بولىدۇ. سەپەر قىلىش ئارقىلىق ياخشى ۋە مەنزىرىلىك يەرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. سەپەر قىلىش ئارقىلىق كاللىنى ئاچقىلى بولىدۇ. سەپەر قىلىش ئارقىلىق كۆپ خىل مەدەنىيەتلەردىن بەھرىلەنگىلى ۋە ئالەمنىڭ رەڭگارەڭلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. سەپەر قىلىش ئارقىلىق پۇل تاپقىلى ۋە يۈز تاپقىلى بولىدۇ. سەپەر قىلىش ئارقىلىق زالىمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن ۋە ھۆر تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە شەخسىنىڭ مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، شەخس پەقەت ئۆزىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن رايون ئاتلاپ سەپەر قىلىدۇ. بۇرۇنقى جەمئىيەتلەردە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت يوللارنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىي سەپەر قىلىدىغان كىشىلەر جىق ئىدى. يەنە شۇنداقلا ئۆزىنى قۇيۇپ خەلقى ئۈچۈن، بىلىم ئېلىپ خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن سەپەر قىلىدىغانلارمۇ مەلۇم مىقداردا بار ئىدى. رايونىمىزدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خەلقى ئۈچۈن سەپەر قىلغانلار ئىچىدە مەمىتىلى ئەپەندى ۋە ئابدۇقادىر داموللاملار قەلب تۆرىمىزدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەمەلىي سەپەر ئارقىلىق خەلقنىڭ قەلبىگە سەپەر قىلىشنى تاللىغانلار ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە كىشىنىڭ زەپەر ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئالدىدا قەيت قىلىپ ئۆتتۈم. بۈگۈنكى كۈندە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن يولغا چىققان كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن سەپەرگە چىققان كىشىلەر سانىلىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن سەپەرگە چىقىش خەلقى پاراۋان ۋە مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، شەخس ئۆزى ئۈچۈن سەپەرگە چىقىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزغان ۋە ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشىپ جەمئىيەتتىن بىر كىشىلىك نېسىۋىسىنى تېپىپ يېگەن بولىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن سەپەرگە چىققانلار يەنە جەمئىيەتتە كېرەكسىز بىر كىشى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئۆزىگە پايدىسىز كىشىلەرنى چەتكە قاققان، پايدىلىق كىشىلەرنى ياراتقان بولىدۇ. يارىمازلارنىڭ يۈك بىلىنىشى ۋە چەتكە قېقىلىشى ئەسلىدە جەمئىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر كىشى سەپەرگىمۇ چىقمىسا، كۆڭلىدە زەپەرمۇ بولمىسا، ئو ھالدا بۇ كىشى جەمئىيەتتە قانداق قىلىپ ھايات كەچۈرىشى مۇمكىن؟ قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي تەرتىپكە خىلاپ ھالدىكى ئۇسۇللار بىلەن ھايات كەچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاش، پارىخورلۇق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش… دېگەندەك. بۇ خىل مۇلاھىزىلەر ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس روبىرت مېرتون(Robert K. Merton)نىڭ جىنايەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىدە روشەن ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. بۇ مەنىدە جەمئىيەتنىڭ ئادەت ۋە قانۇنلىرى يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە رىزىق ئىزدەپ سەپەرگە چىققان بىراۋ ئەسلىدە جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئەخلاقى پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان بىراۋ ھېسابلىنىدۇ.

گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، زەپەرگە ئىنتىلىش بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزنىڭ ئورتاق خاھىشىدۇر. زەپەر كىشىلەرنىڭ جىم تۇرۇۋالغان يۈرىكىنى سوقتۇرىدۇ، قاتماللىشىپ كەتكەن تەپەككۇرىنى جانلاندۇرىدۇ. زەپەر ھەۋىسى كىشىنى جاپا تارتقۇزىدۇ. زەپەر ھاياتقا نۇر ئاتا قىلىدۇ. زەپەر كىشىلەرنى ھەرىكەت قىلىشقا، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بىر كىشى ئۈچۈن ئوقۇپ بىر كىشىلىك خىزمەت ياكى ئورۇنغا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى زەپەر بولۇشى مۇمكىن. ياكى ئاشىقىنىڭ ۋەسلىگە يىتىش زەپەر بولۇشى مۇمكىن. ۋەياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش زەپەر ھېسابلىنىشى مۇمكىن. ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ زەپەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما زەپەر قايغۇسى بار كىشىنىڭ ھاياتى ۋە يۈرىكى مەلۇم بىر نىشان ياكى يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. دېمەككى، زەپەرسىز ھايات تۇرغۇن سۇغا ئوخشاپ قالىدۇ.

كىشىلەر زەپەرگە ئەھمىيەت بەرگەن ئىكەن، ئەسلىدە زەپەردىن بەكرەك سەپەرگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، سەپەر ياخشى لايىھەلەنگەندە، سەپەردىكى قىيىنچىلىقلارغا چىدىغاندا، سەپەرنىڭ بوران -چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىلا ئاندىن زەپەرگە يەتكىلى بۇلاتتى. بۇرۇنقى كىشىلەر كارۋان تارتىپ سەپەرگە چىققان ۋاقتىدا شۇنچىلىك تەجرىبىلىك بولسىمۇ، ئاش-ئۇزۇقنى يېتەرلىك ئېلىۋالسىمۇ، يول ۋە يۆنىلىشنى توغرا بىكىتسىمۇ، بوران -چاپقۇنلاردىن مۇداپىئەنى ياخشى قىلسىمۇ، يەنىلا چۆلدە ۋە يولدا جەسىتى قالاتتى. دېمەككى، زەپەردىن بەكرەك سەپەر جەريانى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇندا ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە كىشىلەر زەپەر قازىنىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بىلەن سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ بولالمايتتى. چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا زەپەرگە يىتىش ئىلگىرى ۋاقىتتىكىدىن نەچچە ھەسسە قىيىنلاشقان ئىدى. بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىزنى ئەمەس، بەلكى كىنىشلىكىلىرىمىزنى تونۇيدىغانلىقى ئۈچۈن بىز توختىماي كىنىشكە توپلىمىساق، توختىماي ئۆزىمىزنى قاسراق تاشلاتقۇزۇپ يېڭى كىنىشكە ۋە كىملىكلەرگە ئىگە بولمىساق، بولمايدىغان ھالغا يەتكەن ئىدى. دېمەككى، بۈگۈنكى كۈندىكى سەپەر قىيىنچىلىقى ئىلگىرى دەۋرىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. شۇڭا زەپەر دەرۋازىسىنى قاقماقچى بولغانلار قەتئىي ئىرادە، جانلىق تەپەككۇر، مەلۇم ئىقتىسادىي بايلىق ۋە توغرا يۆنىلىشكە ئىگە بولمىسا، يېرىم يولدا قالىدىغان بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، ساغلام بىر جەمئىيەتتە بىراۋنىڭ زەپەرگە يېتىشى ئۈچۈن ھەممەيلەنگە ئادىل سىياسەت، پۇرسەت ئاتا قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، پارىخورلۇق، ئارقا ئىشىك، يۈز، ئىززەت-ئابرۇي ياكى پۇل-مال دۇنيا بىلەن زەپەرگە يېتىدىغان ئەخلەت جەمئىيەت ھادىسىسى ھەققىدە توختالمايمەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زەپەر قازانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خەلقى ئۈچۈن سەپەرگە چىققان كىشىلەر دەپ تونۇيدىغان خاتا تەشۋىقات بار. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نەتىجە قازانغان ياكى مەلۇم ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولغان كىشى خەلق ئۈچۈن تىرىشقان، ئوقۇغان، خىزمەت قىلغان بولمايدۇ. بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، شەخسنىڭ نەتىجە قازىنىشى خەلق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ. بىر كىشى ئالىم بولۇپ ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان بولسا، ئو ھالدا بۇ ئالىملىق ماقامىغا ئىگە كىشىنىڭ قىلىدىغان كەسپىي بۇرچى. بىر كىشى ئىنژېنېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولسا، ئو ھالدا ئو كىشى ئىنژېنېرلىق ئۇنۋانى ئارقىلىق شۇ ئۇنۋان تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەك. بىر كىشى ئالىي مەكتەپكە مۇدىر بولغان بولسا، بۇ مۇدىرنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت بۇرچى بار بولىدۇ . باشلىقنىڭ قىلغان ئەمگىكى ئەسلىدە مەلۇم ئورۇنغا ئىگە بولغانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك كەسپىي ئىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر كىشى ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ كەسپىي خىزمەت تەلىپىدىن باشقا يەنە قوشۇمچە ئىشلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشقان، خىزمەت قىلغان بولسا، ئو ھالدا بۇنى ھەقىقەتەن خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان دەيمىز. بولمىسا، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلغانلىق خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق ۋە بۇ ئارقىلىق مائاشقا ئىگە بولۇپ، ھايات كەچۈرگەنلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھەممە كىشىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى دېيىش ئەخمىقانە تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ھەرخىل دىنلارنىڭ سەپەر ۋە زەپەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىسلام دېنى زەپەردىن بەكرەك سەپەرگە ئەھمىيەت بىرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، سەن ھاياتىڭدا باشقىلار ئېتىراپ قىلغۇدەك نەتىجە قازانمىساڭمۇ، ھاياتىڭدىن ئىبارەت بۇ سەپەرنى قانداق تاماملىغانلىقىڭ سېنىڭ ئاخىرەتتە جاۋاب بېرىدىغان مەسىلەڭ بولىدۇ. ئاخىرەتتە سېنىڭ بۇ دۇنيا ئېرىشكەن خىزمەت ئورنۇڭ، بايلىقىڭ ۋە شان-شەرىپىڭدىن ئەمەس، بەلكى، خىزمەتنى قانداق قىلغانلىقىڭ، بايلىقنى نەدىن تېپىپ قەيەرگە ئىشلەتكەنلىكىڭ، شان-شەرەپتىن قانچىلىك كەمتەر بولغانلىقىنىڭ سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، سوئال سوراق زەپەردىن ئەمەس، بەلكى، سەپەردىن سورىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىككى پەرىشتە دائىم شەخسىنىڭ ھەرىكىتىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. دېمەككى، زەپەر مۇھىم ئەمەس، سەپەر ئەڭ مۇھىم سانىلىدۇ.  ھاياتنىڭ پەقەت سەپەر ئىكەنلىكى ھەققىدە بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۇرى جالالىددىن رۇمىي  شۇنداق دېگەن: ئۇنۇتماڭلار!دۇنيادا ياشاۋاتمايسىلەر،دۇنيادىن ئۈتۈپ كىتىۋاتىسىلەر!

ئۇيغۇرلاردا زەپەر ئىزدەپ ياقا يۇرتلاردا ئوقۇش ئۈچۈن سەپەرگە چىققانلار، زەپەر ئىزدەپ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلار، زەپەر ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقانلار كۈرمىڭ. ئەمما، يەنە ئۈجمە تۈۋىدە سەپەرنىڭ خىياللىرى ۋە زەپەرنىڭ شانلىرى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقانلار بار. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت-قارىشى يېڭىلىنىشقا، ئۆزگەرتىلىشكە ۋە يېڭى قان تۇلۇقلاشقا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زەپەر ھەققىدىكى بايان ۋە ھەقىقەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشقا خەلقلەرنىڭ ۋە چەتئەللىك يازغۇچى ۋە ناتىقلارنىڭ كىتابلىرى ۋە نۇتۇقلىرىدىن قوبۇل قىلىندى. ئەلۋەتتە، بۇ زەپەر ھەققىدە خەلقىمىزنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى يوق دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما، زەپەر ھەققىدە باشقىلار بىزدىن ئالدىدا ئىزدەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ زەپەر ھەققىدىكى ئىدىيەلىرى سىستېمىلاشتى، ئىلمىيلاشتى. بۇ سەۋەبتىن بىر پۇلنى قانداق قىلىپ ئىككى قىلىش ھەققىدە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ، سەپەردىكى جاپادا پىسخىكىنى قانداق تەڭشەش ھەققىدە پىسخولوگلارنىڭ ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە نەيرەڭۋازلىقنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە سىياسەتشۇناسلارنىڭ پىكىرلىرى بىزنى ئاجايىپ جەلپ قىلدى. ئەلۋەتتە، بىر سائەتلىك ۋاقىتنى ئاتمىشقا بۆلۈپ سەپەرنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغان ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بىزگە زەپەرگە تېزراق يىتىش ھەققىدە يول كۆرسىتىپ تۇردى.

ئەسلىدە زەپەر ئېينىشتىيىن(Albert Einstein) ئېيتقاندەك، ئىشلەش، ئويناش ۋە ئاغزىمىزنى يومۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. گەرچە ئېينىشتىيىننىڭ بۇ پىكىرىنى مۇتلەق توغرا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، تىرىشقان كىشىگە بەلگىلىك نىسبەتتە زەپەر تەقسىم بۇلىدىغانلىقى ئېنىق. ئېينىشتىيىننىڭ زەپەر فورمۇلاسىدا سەپەر جەريانىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ھىيلە-نەيرەڭگە يول قويۇلمايدۇ. ئېينىشتىيىن زەپەرگە يىتىش ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش ۋە قۇرۇق گەپ قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ زەپەر فورمۇلاسى تۆۋەندىكىچە:

A=مۇۋەپپەقىيەت

X=ئىشلەش. تىرىشىپ ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ.

Y=ئويناش. مۇۋاپىق دەم ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

Z=ئاغزىنى يۇمۇش. بۇ قۇرۇق گەپ بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەسلىك ۋە پەقەت پايدىلىق ئۇچۇرلارنىلا ئاڭلاشنى كۆرسىتىدۇ.

نەتىجىدە:

مۇۋەپپەقىيەت =ئىشلەش+ئويناش+ئاغزىنى يۇمۇش

بۇ سەۋەبتىن ئېينىشتىيىن چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىپ ، سەپەر جەريانىدىكى ھەرخىل تاكتىكىلارغا، ھىيلە-نەيرەڭلەرگە ئورۇن بەرمەيدۇ. ئەمما، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سەپەرنىڭ پۈتۈن قىسمىغا چارە-تەدبىر، ھىيلە-نەيرەڭلەرنى قوشىدۇ ۋە بۇنىڭ بىردىنبىر زەپەرگە باشلايدىغان يول ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشىدۇ. بۇ خىل يازمىلاردا قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ ئامال بار تەبەسسۇم قىلىڭ، ئۇنىڭغا كەمچىلىكىڭىزنى بىلىندۈرمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ غالىب ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرۈڭ… دېگەندەك پىكىرلەر ئاساس سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

يەنە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى زەپەر ھەققىدىكى كىتاب، نۇتۇق ۋە تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىرىنجىدىن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا دائىر كىتاب -يازمىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ھەممە كىشىنى زەپەر دەرۋازىسىغا توشۇش ئەمەس، بەلكى بازاردا كۆپرەك سېتىلىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش بولغاچقا، بۇ خىل كىتاب -يازمىلارنى ئوقۇپلا زەپەرگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئىككىنجىدىن، زەپەر ھەققىدىكى كىتابلارنى يازغانلار بىزگە ئوخشىمايدىغان جەمئىيەت سىستىمىسىدا ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئېرىشكەن تەجرىبە ۋە خۇلاسىلەرنى بىزنىڭ جەمئىيەتكە بىۋاستە تەتبىق قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، زەپەرگە يەتمەكچى بولغانلار بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى راست دەۋالسا خاتالاشقان بولىدۇ. بۇ ساھەدە نورغۇنلىغان ئالدامچى ئىدىيەلەرمۇ بار.

بۈگۈنكى كۈندە بەزى زەپەرلەر پۇرسەتنى قەدىرلەش بىلەن، بەزى زەپەرلەر تالانتنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، زەپەرگە ئىنتىلىش ھاياتنى جىم قۇيمايدىغان روھىي ھالەتنىڭ تېشىغا تېپىشىدىن ئىبارەت. كولومبو قاتارلىق ياۋروپالىقلار 1492-يىلى بايلىق ئىزدەپ ھىندىستانغا كېلىش ئۈچۈن يېڭى دېڭىز يولى بىلەن ئىسپانىيەدىن سەپەرگە چىققاندا ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغان ۋە ئامېرىكا قۇرۇقلىقىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ئالتۇن بۇيۇملارنى توپلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. مېنىڭچە، بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادىكى سەپەر ۋە زەپەرنىڭ مۇۋازىنىتى دەل شۇ ۋاقىتتا تۇخۇمىدىن چىقىشقا باشلىغان ئىدى. چۈنكى، يىڭى دېڭىز يۇلىنىڭ ئېچىلىشى يەر شارى خاراكتېرلىك مۇستەملىكە، كاپىتالىستىك ئىقتىساد ۋە زامانىۋىلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. دېمەككى، دېڭىز يولىدىن ئىبارەت يېڭىچە سەپەر يولى ئارقىلىق زەپەرگە ئېرىشىش ياۋروپادىن باشلانغان ھادىسە بولۇپ، دەل شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سەپەر جەريانىدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىنىپ زەپەرگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىلىشكە باشلىغان ئىدى…

ئەنئەنىۋى ۋە دىنىي جەمئىيەتلەردە كىشىلەر نەتىجە قازىنىشقا ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرمەيتتى ياكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھاياتنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى ئەمەس ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە تۇرمۇش رېتىمى ئاستا بۇلاتتى. كىشىلەر جەمئىيەتتىن خاتىرجەملىك ھېس قىلاتتى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىكى خەتەر پەقەت تەبىئىي ئاپەت ۋە سىياسىي رىجىمنىڭ ئادىلسىزلىقىدىن كىلەتتى. كىشىلەر جەمئىيەتتىن شۆبھە ھىس قىلمايتتى. كىشىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن گۇمانلانمايتتى. چۈنكى ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە ئىشلار ناھايتى ئاستا ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ھادىسە كىشىلەرگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايتتى. ئەمما، زامانىۋى جەمئىيەتتە بۇ خىل ئىشەنچ تۇيغۇسى ئازىيىشقا باشلىغان ئىدى. كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرسىمۇ، ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كەلگۈسىگە ئانچە ئىشەنچ بىلەن قارىيالمايتتى. داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ئانتونىي گىددەنس(Antony Giddens)نىڭ نەزىرىدە، ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ پۈتۈنلۈكىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقىرى ئىدى. زامانىۋى جەمئىيەتتە بۇ تۇيغۇ ئازايدى. زامانىۋى جەمئىيەتتە ياشاش ئاسانلاشقان بىلەن كىشىلەرنىڭ بېسىمى ئاشتى. ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمى ئاشقان بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەھۇزۇر ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقتى ئازايدى. مىدىتسىنادا نۇرغۇن يىڭىلىقلار بارلىققا كىلىپ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۈرۈش نىسپىتى يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن بىلەن ساقايتقىلى بولمايدىغان كىسەللەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. زامانىۋى جەمئىيەتتىكى خەتەر تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. مەسىلەن 20-ئەسىردىلا ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۈرۈلۈپ باقمىغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش كىلىپ چىقتى ۋە يۈز مىليۇندەك كىشى ئۆلدى. گىددېنسنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇشلار سانائەتلەشكەن ئۇرۇشلار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە زامانىۋى جەمئىيەتتىكى كىلىمات ئۆزگىرىشلىرى، خىلمۇ-خىل كىسەللىكلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئاشۇرالمىغان ئىدى… دېمەككى زامانىۋى دۇنيادا زەپەر قوغلاپ سەپەرگە چىققان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن تىراگىدىيەلەر مەۋجۇت ئىدى. ئىنسانلار ۋاقىتنى سىكونتلارغىچە بۆلۈپ ھېسابلىسىمۇ، ۋاقتى يىتىشمەيتتى. يىراقتىكى كىشى بىلەن مۇناسىۋەت قىلسىمۇ، يىقىندىكى كىشىنىڭ كۆڭلىدىن ئۇزاقلىشاتتى. يىگىرمە-ئوتتۇز يىل مەكتەپتە ئوقۇپمۇ، بىر كىشىلىك خىزمەتكە ئىگە بۇلالمايتتى. ھەممە كىشى زەپەر ئۈچۈن ئاتلانغان بولغاچقا، ھاياتنىڭ ھەرقانداق ساھەسى رىقابەت بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. رىقابەت ئەسلىدە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشماسلىق، ئۆزىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ۋە باشقىلارنى يىڭىپ بويسۇندۇرۇش مەنىسىدە كىلەتتى…

قىسقىسى، بۆگۈنكى كۈندە ھەممە كىشىنىڭ زەپەرگە ئىنتىلىشى نورمال ئىش ئىدى. ئەمما، سەپەر ۋە زەپەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سەپەر قىيىنچىلىقى ۋە زەپەر قوغلىشىشنىڭ سەلبىي تەسىرى ھەققىدە ئويلىنىش ھاياتلار ئۈچۈن مۇھىم كۈنتەرتىپلەرنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

 

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز