جۈملىلەر نېمە دەيدۇ؟
مۇتەللىپ ئىقبال جۈملىلەر نېمە دەيدۇ؟ بۇ سوئال ھەممەيلەنگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز جۈملىلەرنىڭ مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنىلا ئۆگەنگەن. ئەمەلىيەتتە جۈملىلەر بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ۋە پىكىر مەنتىقىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولغاچقا، جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلما مەنتىقىسى ھەققىدە ئويلىنىش زۆرۈر . ئالدى بىلەن ”مەن سېنى سۆيىمەن“ دېگەن جۈملىنى تەھلىل قىلايلى. بۇ جۈملە قارىماققا تولىمۇ ئاددىيدەك، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدەك ئاددىي مەنىنى ئىپادىلىگەندەك قىلىدۇ. ئەمما، بۇ جۈملىنىڭ ماھىيىتىگە قارىساق، بىر كىشىنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ”مەن سېنى سۆيىمەن“