جۈملىلەر نېمە دەيدۇ؟

imagination

مۇتەللىپ ئىقبال

 

 

جۈملىلەر نېمە دەيدۇ؟ بۇ سوئال ھەممەيلەنگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز جۈملىلەرنىڭ مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنىلا ئۆگەنگەن. ئەمەلىيەتتە جۈملىلەر بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ۋە پىكىر مەنتىقىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولغاچقا، جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلما مەنتىقىسى ھەققىدە ئويلىنىش زۆرۈر .
ئالدى بىلەن ”مەن سېنى سۆيىمەن“ دېگەن جۈملىنى تەھلىل قىلايلى. بۇ جۈملە قارىماققا تولىمۇ ئاددىيدەك، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدەك ئاددىي مەنىنى ئىپادىلىگەندەك قىلىدۇ. ئەمما، بۇ جۈملىنىڭ ماھىيىتىگە قارىساق، بىر كىشىنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ”مەن سېنى سۆيىمەن“ دېيىش ئارقىلىق بىر كىشى پەقەت ئۆزىنىڭلا قارشى تەرەپنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، بۇ جۈملىدە قارشى تەرەپنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەنمەيدۇ. ”مەن سېنى سۆيىمەن“ دېيىش، قارشى تەرەپكە سەن ماڭا لازىم، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. ”مەن سېنى سۆيىمەن“ دېيىش يەنە ”مەن ئۆزۈمنىڭ خۇشاللىقى ۋە بەختى ئۈچۈن سېنى سۆيىمەن“ دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بىز قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنمىز، ئۇ دائىم يېنىمىزدا بولسا، بىز خۇشاللىق ھېس قىلىمىز. بۇ يەردە بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئۇنىڭ بىزنىڭ قېشىمىزدا بولغانلىقى ۋە بىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىزدىن كېلىپ چىققان بولىدۇ . بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە خۇشاللىق ئەسلىدە ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەسمۇ؟ دېمەككى، بۇ يەردە مۇھىم بولۇۋاتقان نەرسە ”مەن“نىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىنى قاندۇرۇش، خوش بولۇش، ھاياتتىن بەخت ھېس قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى سۆيۈشى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ بولماسلىقىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ”مەن“ دېگەن ئىگىدىن باشلانغان جۈملىلەرنىڭ ھەممىسىدە شەخسنىڭ شەخسىي ھېسسىياتلىرى، چۈشەنچىلىرى، مايىللىقى، ئىرادىسى ۋە كەچۈرمىشى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ . ”مەن“دىن باشلانغان جۈملە مەيلى ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرنى ئىپادىلىسۇن، ۋە مەيلى كەلگۈسىدىكى پىلانلارنى ئىپادىلىسۇن، بىرلا شەخس يەنى سۆزلىگۈچى ”مەن“ بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
ئەمدى بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پاراڭلارغا دىققەت قىلىپ باقساق، پاراڭ قىلىۋاتقان ئىككى كىشى ئارىسىدا كىمنىڭ شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى ئوڭايلا پەرەز قىلالايمىز. مەسىلەن، بىز ”مەن“ دىن باشلانغان جۈملە ئارقىلىق ئىش ھەرىكەتنى ئىپادىلىگەن بولساق، قارشى تەرەپ بىزنىڭ پارىڭىمىزغا ”مەن“ دېگەن جۈملە ئارقىلىق پىكىر قاتناشتۇرغان بولسا ۋە پۈتۈن پاراڭلىرىمىزدا ”مەن، مەن“ دىن باشقا نەرسە بولمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ھەر ئىككى شەخس شەخسىيەتچى بولغان بولىدۇ .
جۈملىلەر يەنە كۈچ، ھوقۇق ۋە يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەلۇم ئىش ھەرىكەت ھەققىدە بىلىمى ۋە ئۇچۇرى مول كىشى تەبىئىي ھالدا پاراڭ جەريانىنىڭ كونترول قىلغۇچىسى، ھوقۇق ساھىبى بۇلالايدۇ. مەسىلەن، مەن ئىمتىھاندا بەك قىينالغان ئىدىم، دېگەن بولساق، قارشى تەرەپ مەنمۇ قىينالغان ئىدىم، دېگەن جۈملە بىلەن پىكىر يانداشتۇرغان بولسا، ئۇ ھالدا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بەھرىلەنگەن بولىدۇ . ئەگەر بىر كىشى ئىمتىھاندا قىينىلىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، دەپ پىكىر قاتناشتۇرغان بولسا، ئۇ ھالدا پاراڭ مەنتىقىسى ۋە ۋەقەلەرگە بولغان تونۇش جەھەتتىن قارشى تەرەپ بىزدىن ئۈستۈن ”ئورۇن“غا ئىگە بۇلىۋالغان بولىدۇ . چۈنكى، ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئىمتىھاندا قىينىلىپ باققان ۋە شۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغان بولغاچقا، پاراڭ جەريانىدا ئۇنىڭ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئورنى تەبىئىي ھالدا يۇقىرى بولغان بولىدۇ . ئەگەر قارشى تەرەپ پو ئېتىش ۋە يالغانچىلىق قىلىش ئارقىلىق بىلەرمەن، تەجرىبىلىك، جىقنى كۆرگەن ۋە ئاقىل بۇلىۋالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنى تەبىئىي ھالدا تۆۋەن بولىدۇ . ئېلانلار مەلۇم مەھسۇلات ھەققىدە بىلىمى بولمىغان كىشىگە ئالاھىدە تەسىر قىلغىنىدەك، مەلۇم ھادىسە ھەققىدە چۈشەنچىسى، تەجرىبىسى ۋە بىلىمى ئاز كىشى، بىلىمى مول كىشى ئالدىدا تەبىئىي ھالدا تۆۋەنچىلىك ھېس قىلىدۇ. بۇ خۇددى ئوقۇتقۇچى ئالدىدا ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلغۇچى بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئوقۇتقۇچى نېمە دېسە شۇنى توغرا دەپ چۈشىنىۋالىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى كۆپ، تەجرىبىسى مول بولمىسا، بىز ئۇنىڭدىن ھېيىقامدۇق ۋە ئۇنى بىزدىن ئۈستۈن كۆرەمدۇق؟!
ئەمدى تۆۋەندىكى جۈملىگە قارايلى: ”گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلايلى“. بۇ خىل جۈملىلەر ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مىدىيالىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئالدى بىلەن بۇ جۈملىدە جۈملىنىڭ ئىگىسى بېرىلمىگەن. دېمەككى، بۇ جۈملىدە گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىشقا مەسئۇل بولغۇچى نائېنىق. بۇ دېگەنلىك، بۇ جۈملىنىڭ ئىگىسى بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ جۈملىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتتىن كېلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ نائېنىق بولغان بولىدۇ . ئەگەر سۆزلىگەن جۈملىدە جۈملىنىڭ ئىگىسى بولمىسا ۋە خەۋەر ئارقىلىقمۇ ئىگە ئىپادىلىنىپ چىقمىغان بولسا، ئو ھالدا بۇ جۈملىدىكى پائالىيەتنى كىمنىڭ قىلىدىغانلىقى، مەسئۇلىيەتنىڭ كىمنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ جۈملە ”پالانى-پوكۇنى گۈزەل كەلگۈسى يارىتىدۇ“ دېيىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا كىمنىڭ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولىدۇ . گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن كەلگەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ پالانى ۋە پوكۇنچىدىن سورىلىدۇ. ئەمدى، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئاتالسىمۇ، قانداق شەكىلدە خىزمەت قىلىدىغانلىقى كونكرېتنى ئىپادىلەنمىگەن بولغاچقا، نېمىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئىكەنلىكى، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق كونكرېتنى ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولغاچقا، يۇقىرىدا سۆزلىگەن جۈملىمىزدە گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ قانداق كونكرېتنى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ”پالانى-پوكۇنى ئۆستەڭ ياساش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسى يارىتىدۇ“ دېيىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ جۈملىدە كىمنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى، قانداق ئىش قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىشتىن كېلىدىغان مەسئۇلىيەتمۇ ئىنىقلاشقان بولىدۇ . دېمەككى، جۈملىدە ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى ئېنىق بولسا، مەسئۇلىيەتمۇ ئېنىق بولىدۇ . ئىش-ھەرىكەت كونكرېتنى ئىپادىلەنگەن بولسا، ئو ھالدا جۈملىمىز شوئار شەكلىدە ئابستراكتنى ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان كونكرېتنى ئىشلار ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ .
دۇنيادىكى تىللارغا دىققەت قىلغاندا بەزى تىللاردا ئىگىسىز جۈملە تۈزگىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنە ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش بەزى تىللاردا جۈملىنىڭ ئىگىسى بولمىسىمۇ، ئەمما، جۈملىنىڭ خەۋىرىدىن ئىگىنى پەرق قىلغىلى بولىدۇ . ئىگىسىز جۈملىلەر كۆپ سۆزلىنىدىغان جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتنىڭ جاۋابكارىمۇ ئېنىق بولمايدۇ. كونكرېتنى ئىش-ھەرىكەت سۆزلەنمەيدىغان جۈملىلەر بولسا، پەقەت سۆزلىگۈچىنىڭ پولىرىنى ۋە تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە يارايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، ئىگىسى بار ۋە كونكرېتنى ئىش-ھەرىكەت سۆزلىنىدىغان جۈملىلەرنى تۈزۈش قىلغان گېپىمىزنىڭ تۇترۇقسىز بولۇپ قالماسلىقى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تايىنى يوق ئىنسان بولۇپ قالماسلىقىمىزنى توسىدۇ.
تۈركچىدە ”ئىنشائاللاھ“ دەيدىغان بىر گەپ تولىمۇ كۆپ قوللىنىلىدۇ. بۇ سۆز ئەسلىدە ”خۇدا بۇيرىسا“ دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما، ئەپسۇسلۇق ئىش شۇكى، بۇ سۆزنى سۆزلىگۈچى ۋاقىتقا، ئورۇنغا رىئايە قىلمايدۇ ۋە ئىشلارغا ھېچقانداق مەسئۇل بولمايدۇ. مەسىلەن، ”ئىنشائاللاھ قىلىمىز“ دېيىلگەن بولسا، شۇنى ئىشقى قىلىشقا بولغان ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك، مۇمكىنلىك ۋە مۇمكىنسىزلىك پۈتۈنلەي ئارىلاش شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولىدۇ . بىرىنچىدىن، بۇ سۆز تۈركىيەدە دىندار ۋە دىنسىزلار تەرىپىدىن ئورتاق قوللىنىدىغان بولغاچقا، بۇ سۆزنىڭ قوللىنىلىش جەريانىدا دىنىي مەنىسى يوقاپ كەتكەن. ئەسلىدە بۇ سۆز ئىنساننىڭ بىر ئىشنى قىلىشقا چوقۇم نىيەت قىلغانلىقى، ئەمما ئەتە نېمە بۇلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولغاچقا، ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ قويغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئىككىنچىدىن، مۇشۇ سۆز سۆزلەنگەن جۈملىدە ئىشنىڭ قاچان ۋە نەدە بۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بولمايدۇ، ئىش-ھەرىكەت خىرەلىك ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ . دېمەككى، بۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشنىڭ بولىدىغان ۋە بولمايدىغانلىقىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئۈچىنچىسى، بۇ سۆز كۆپىنچە شوئار ۋە چاقىرىق تىپىدىكى جۈملىلەردە قوللىنىدىغان بولغاچقا، ئىشنىڭ كونكرېتنى ھالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ سۆز قوللىنىلغان جۈملىلەردىكى ئىش-ھەرىكەت تولىمۇ نائېنىق قالغان بولىدۇ .
دېمەككى، بىر تىلدا ۋە مىدىيالاردا قانداق شەكىلدىكى جۈملىلەر كۆپ قوللىنىلغان بولسا، ئۇ ھالدا شۇ خىل جۈملىگە مۇناسىۋەتلىك مەنتىقە ۋە تەپەككۇر ئىپادىلىنىپ چىققان بولىدۇ . بىز بۇ ئارقىلىق ئىشلارنىڭ قانداق ۋە قايسى خىل ماھىيەتتە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق تونۇشقا ئىگە بۇلالايمىز. قىسقىسى، ئەمەلىيەتتە جۈملىلەر ھەممە نەرسىنى دەپ بىرىدۇ. قانداق نەرسىلەرنىڭ دېيىلىگەنلىكى ۋە قانداق شەكىلدە دېيىلگەنلىكىنى ئاڭقىرىش شۇ جۈملىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئىدراكىغا باغلىق نەرسە.

جۈملىلەر نېمە دەيدۇ؟“ ھەققىدە بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ

  1. Inshaallah kelimisini tilgha elishingiz bek jayida boptu.
    Qarshimdeki kishi inshaallah dise bolidu bolmaydu dep neq gepni demidi dep achchighim kiletti. Siz bu mesilini otturigha chiqirip bek yaxshi boldi. Heqiqeten bu kelimini ishlitish arqiliq kishiler mes’uliyettin qachidu

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز