تۈركىيەدىكى سۇرىيەلىكلەر ۋە پاناھلىق مەسىلىسى
مۇتەللىپ ئىقبال 1 سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، كۆچمەنلەر بىلەن پاناھلانغۇچىلار دېگەن ئىككى ئوقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. ئادەتتە كۆچمەنلىك ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، كۆچمەن بولغان كىشى باشقا بىر دۆلەتتە تېخىمۇ ياخشى ياشاشنى ۋە پاراۋانلىققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئاز ساندا بىر قىسىم كىشىلەر تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولغان. پاناھلانغۇچىلار سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇم. پاناھلانغۇچىلار كۆز-قارىشى، ئىدىيەسى، مىللىتى، ئىرقى، دىنى ۋە جىنسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇغۇلغان دۆلىتىدە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان