تۈركىيەدىكى سۇرىيەلىكلەر ۋە پاناھلىق مەسىلىسى

 

01

مۇتەللىپ ئىقبال

1

 

سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، كۆچمەنلەر بىلەن پاناھلانغۇچىلار دېگەن ئىككى ئوقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. ئادەتتە كۆچمەنلىك ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، كۆچمەن بولغان كىشى باشقا بىر دۆلەتتە تېخىمۇ ياخشى ياشاشنى ۋە پاراۋانلىققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئاز ساندا بىر قىسىم كىشىلەر تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق  دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولغان.

پاناھلانغۇچىلار سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇم. پاناھلانغۇچىلار كۆز-قارىشى، ئىدىيەسى، مىللىتى، ئىرقى، دىنى ۋە جىنسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇغۇلغان دۆلىتىدە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان بولغاچقا، ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچىدۇ. پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ئۆزى خالىمىغان بىر دۆلەتتىن ئۆزى بەك خالاپ كەتمەيدىغان بىر دۆلەتكە مەجبۇرىي كۆچۈش مەسىلىسىدۇر.

ئەمەلىيەتتە پاناھلىق مەسىلىسى 2-دۇنيا ئورۇشىدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىققان خەلقئارالىق سىياسىي مەسىلە ئىدى. 1-دۇنيا ئورۇشى، ھىتلىرنىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانلار سىياسىي جەھەتتىن ناھايىتى داۋالغۇش ئىچىدە ياشاشقا باشلىغان ئىدى. ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىق، قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۆز يۇرتىنى ۋە ۋەتىنىنى تەرك قىلىپ باشقا بىر دۆلەت ۋە يۇرتتا ياشاشنى تاللىغان نۇرغۇن كىشىلەر خەلقئارالىق پاناھلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى.

ئەسلىدە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئوتتۇرىغىچە بولغان ئەللىك يىل مابەينىدە ئىنسانلار بىر-بىرىنى ھەددى-ھېسابسىز قىرغان، زۇلۇم قىلغان ۋە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن زامان بولدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز يۇرتىدا ۋە ۋەتىنىدە زالىملارنىڭ زۇلۇمىدىن، ئۇرۇش ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا سەپەر قىلدى. نەتىجىدە نۇرغۇن خەلقلەردە مىللەت خاراكتېرلىك كۆچۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان پاناھلىق مەسىلىسى ئاساسەن سىياسىي بېسىم ۋە سىياسىينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىش بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پاناھلىق مەسىلىسى بىر دۆلەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خەلقئارانىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندى. چۈنكى سىياسىي زۇلۇم كۆرگەن، ئۆز ۋەتىنىدە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان، ئۇرۇش سەۋەبىدىن مال-مۈلكى ۋە ھاياتىنى يوقاتقان نۇرغۇن كىشىلەر تىنچ بىر ماكانغا ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ خىل مەسىلىلەر مەلۇم بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئورۇشى ئاساسەن يەر شارىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى قاپلىغان ۋە يۈزمىڭدەك كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 20-ئەسىردىكى ئىككى دۇنيا ئورۇشىدىن كىيىن پاناھلىق مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلانغان ۋە قانۇنىي كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەردە تەشكىلاتىدا پاناھلىق مەسىلىسى 1951-يىلى رەسمىي قانۇن شەكىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما، 1967-يىلىدىن كېيىن ئاندىن بۇ قانۇن رەسمىي رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

ئەسلىدە، پاناھلىق پۈتۈنلەي سىياسىي ئۇقۇمدىن ئىبارەت. چۈنكى، ئۆز يۇرتىنى تەرك قىلىپ باشقا بىر يۇرت ياكى دۆلەتكە كېتىش ۋە ئۇ يەردە پاناھلىق تىلەش سىياسىي خاراكتېرلىك ئىش ئىدى. پاناھلىق تىلىگۈچى ئۆز ۋەتىنىدە ھايات خەۋپى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا بىر دۆلەتتىن پاناھلىق تىلەيتتى ۋە باشقا بىر دۆلەتتىن ھايات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۆتۈنەتتى. پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇلارنى تەۋەلىكىگە قوبۇل قىلاتتى ۋە ئۆز پۇقراسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلاتتى، نوپۇسقا ئالاتتى.

20-ئەسىردە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا يەنىلا ئامېرىكا بار ئىدى. مەسىلەن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۆز-كۆز قاراشلىرى ۋە ئىرقى سەۋەبىدىن گېرمانىيەلىك يەھۇدىي جەمئىيەتشۇناسلار 1930-يىللاردىن كىيىن ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. بۇلاردىن فىرانكىفورت مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ماكس خوركخېيمىر، ئادېرنو… قاتارلىقلار ۋە ئالفېرت شۇتز قاتارلىق داڭدار جەمئىيەتشۇناسلار بار ئىدى.

ھالبۇكى، پاناھلىق تىلەش مەسىلىسى ئىسلام دىنىدىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىدى. مەسىلەن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئۆزىنىڭ پەيخەمبەرلىكىنى ۋە ئىسلام دىنىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان غەيرى دىندىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان ۋە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزمەكچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كۆچۈش ئارقىلىق مەككىدىكى خەۋپتىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. مەدىنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ۋە بۇ كىشىلەر ئەنسارى دەپ ئاتالغان. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە كۈچلەنگەندىن كىيىن مەككىگە كىرىپ مەككىلىكلەرنى بويسۇندۇرغان.

يۇقىرىقى مىسالغا ئوخشاش، ئىنسانىيەت تارىخىدا پاناھلىنىش مەسىلىسى قەدىمدىن بۇيان مەۋجۇت ئىدى. ئەمما، 1951-يىلىدىن كىيىن پاناھلىنىش مەسىلىسى رەسمىي شەكىلدە خەلقئارالىق قانۇن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئوخشىمىغان سىياسىي چۈشەنچىلىرى، شۇغۇللانغان كەسىپلىرى، جىنسى، ئىرقى ۋە مىللىتى، ئۇرۇش ۋە ھۆكۈمراننىڭ زالىملىقى سەۋەبىدىن تۇغۇلغان ۋە ئۈسۈپ يېتىلگەن جەمئىيىتىدە يەكلىنىشكە ئۇچرىغان ۋە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەر باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈش ئارقىلىق ھاياتىنى خەۋپ ئىچىدىن قۇتقۇزاتتى ۋە خەلقئارالىق قانۇن بۇيىچە ھەرقانداق بىر دۆلەت ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەرنى ئۆز ھىمايسىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى.

ئەمما، ھەرقايسى جەمئىيەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەگە بولغان چۈشەنچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەزى دۆلەتلەر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلاتتى. بەزى دۆلەتلەر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئىشلەپچىقىراتتى. پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان ئىدى. پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان دۆلەتلەر مۇستەبىت دۆلەتلەر ئىدى.

ھالبۇكى، 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىن كىيىن، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋېتىشنىڭ ئارقىسىدا ئىقتىسادىي پىلانلار بار ئىدى. ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئىقىتساسلىق كىشىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كۆپلەپ ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشتى ۋە دۇنيانىڭ خوجىسى بولدى. گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

2

تۈركىيە 2011-يىلى سۇرىيەدە ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئۈچ مىليوندەك پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلدى(تىزىمغا ئېلىنغىنى). تۈركىيەدە سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ۋە سۇرىيەلىكلەرنىڭ ئىمتىيازلىرى يۈكسىلىۋاتقان بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە خەلقىنىڭ سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا قارىتا پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر خەلق پارتىيەسى سۇرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلىش پۈتۈنلەي خاتا دەيتتى. خەلق ئىچىدە بەزى كىشىلەر سۇرىيەلىكلەرگە كۆيۈنۈپ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ۋە ھەقسىز تاماق ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سۇرىيەلىكلەر بىلەن بىللە ياشاپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئۇلارنى يەكلەيتتى ۋە تۆۋەن كۆرەتتى.

تۈركىيە ئەسلىدە سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئورۇشىنى قىسقا ۋاقىتتا ئاياغلىشىدۇ، دەپ قارايتتى. بۇ سەۋەبتىن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا قارىتا ھېچقانداق سىستېمىلىق قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارمىغان ئىدى. ئەمما، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيەلىكلەر ھەققىدىكى پىلانى خام خىيال بولۇپ چىقتى. چۈنكى، سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئورۇشى بۇرۇن ئويلىغاندەك ئۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاياغلاشمىدى. ئەكسىچە ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ھەققىدە دەسلىپىدىلا سىستېمىلىق پىلانى بولمىغانلىقى تۈپەيلى، سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى تىزىملاش، رەتكە تۇرغۇزۇش، كىنىشكا تارقىتىش، مائارىپ ۋە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، يېمەك-ئىچمەك تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئوبيېكتىپ پىلانى بولمىدى. بۇ خىل يېتەرسىزلىكنى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تونۇپ يەتتى. ئەمما، نۇرغۇنلىغان تىزىمسىز سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ئىسىتانبۇلدىن تارتىپ كىچىك شەھەرلەرگىچە ھەممە يەردە تېپىلاتتى.  بىر قىسىم سۇرىيەلىكلەر تىلەمچىلىك قىلاتتى. بەزىسى ئوغرىلىق قىلاتتى. بەزىسى ھالالدىن پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەرزان باھادا ئىشلەيتتى. بەزىسى تۈركىيەدە نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى.

ئەسلىدە سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس رايونلاردا تۇرۇشى، بالىلىرىنى مەكتەپتە ئەۋەتىشى ۋە ھۆكۈمەت ياردىمى بىلەن كۆن ئۆتكۈزۈشى، ئۇرۇش ئاياغلاشقان ھامان سۇرىيەگە قايتىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە، سۇرىيەلىكلەرنى قايتۇرۇش ئەمەس، ئۇلارنى تۈركىيە جەمئىيتىگە قانداق ماسلاشتۇرۇش مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كەلگۈسى تارىخىدا سۇرىيەلىكلەر بىلەن قانداق بىللە ياشاشقا باش قاتۇرىۋاتاتتى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى سىياسىي نۇقتىدىن ۋاقىتلىق قوغداش ئاستىدىكى كىشىلەر، دەپ تونۇغان ئىدى. بۇ دېگەنلىك، سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىشلەش، خىزمەت قىلىش، مائارىپ قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولمايتتى. كىملىكلىرى يوق ئىدى. تۈركىيە جەمئىيىتىدە خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايتتى. ئەمما، سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار مەخسۇس بېكىتىلگەن قوغداش يەرلىرىدىن قېچىپ چىققان ۋە كۇچىلاردا سەرگەردان بولغان ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئۆزگىرىپ باردى. يېقىنقى ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قارارغا ئاساسلانغاندا، سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق بىر دوختۇرخانىسىدا نۆۋەت ئالماي ھەقسىز كېسەل كۆرسىتەلەيدۇ. ھەرقانداق بىر مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولسا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرەلەيدۇ ۋە ھەقسىز ئوقۇيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا قارىتا ئۆز پۇقرالىرىغا بەرمىگەن پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە سۇرىيەلىكلەر تۈركلەرگە ئوخشاش خىزمەت قىلالايدىغان بولدى. ئەمما، ئون دانە تۈرك ۋەتەندېشى ئىشلىگەن يەردە بىر دانە سۇرىيەلىك ئىشقا ئېلىنالايتتى.

تۈركىيە تارىخىدا چەتئەللىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك كۆپ بولۇپ باقمىغان ئىدى. تۈركىيە تەرەققىي قىلمىغان مەزگىللىرىدە ھەمىشە ياۋروپاغا دۆلەتلىرىگە كۆچمەن ئەۋەتەتتى. گەرچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىشغال رايونىدىكى نۇرغۇن تۈركلەر ۋە باشقا ئىرىقتىدىكى كىشىلەر ئانادولۇغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ تاشقى كۆچ ھېسابلانمايتتى.

گېرمانىيە 1960-يىللاردىن 2000-يىللارغىچە تۆت مىليوندىن ئارتۇق تۈركلەرنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپادا بەش مىليوندەك تۈرك بار ئىدى.

تۈركىيە بۈگۈنكى كۈندە رەسمىي تىزىمدا ئىككىم مىيون يەتتە يۈز ئەللىك مىليون، تەخمىن بۇيىچە بەش مىليوندەك سۇرىيەلىكنى قوبۇل قىلدى. بۇلار ئىچىدە 900000نى بالا. بالىلار ئىچىدە 500000دەك بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق. ئىستانبۇلدىلا 400000دەك سۇرىيەلىك بار. سۇرىيەلىكلەر تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان 175000دەك بوۋاق تۇغۇلغان؛  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىلمىگەن ئىدى.

ئەسلىدە تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن كۆچمەنلەرنىڭ ۋە پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىر ئۆتەڭ دۆلىتى ئىدى. ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى نۇرغۇن كۆچمەن ۋە پاناھلانغۇچىلار تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا كۆچەتتى. بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەلىكلەرنى تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرمايدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ھەققىدىكى پىلان خام ئىدى. سۇرىيەلىكلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تۈركىيەدە قېلىشى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى تەسىس قىلدى. ئىلگىرى بۇنداق ئىدارە يوق ئىدى.

ئەسلىدە دۇنيادىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر باشچىلىق قىلىپ ھەل قىلالايتتى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇرال سېتىۋاتىدۇ ۋە ئاستىرتتىن قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتىدۇ.

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مەنپەئەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولغاچقا، بۇ ئىككى دۆلەت سۇرىيە مەسىلىسىدە ئېنىق ۋە ئىنسانىي پوزىتسىيەدە بولمىدى. رۇسىيە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆزىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەت بەشار ئەسەدنى يۆلەپ تۇرغۇزدى. چۈنكى، ئەگەر سۇرىيەدە يېڭى دۆلەت قۇرۇلۇپ قالسا، رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ھاكىممۇتلەق ئورنىنى ئېتىراپ قىلمىسا، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى يەنە بىر قەدەم ئاجىزلايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇرىيە ئىزچىل رۇسىيە ماللىرىنىڭ ئىستېمال بازىرى ئىدى. ئامېرىكا ئىنسانىي نۇقتىدىن بەشار ئەسەدنى قوللىمىسىمۇ، رۇسىيەنىڭ قۇلىدىن سۇرىيەنى تارتىپ ئالالمايتتى ۋە يېڭى دۆلەت قۇرۇلۇپ قالسا ئوخشاشلا ئامېرىكىنى خۇجىسى سۈپىتىدە كۆرمەسلىكتىن قورقاتتى.

بۈگۈنگە كەلگۈچە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر ناھايىتى ئاز بىر قىسىمدا سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى. ئەمما، قارا قويۇق ئالماستىن ئۆز ئىشىغا يارايدىغان ياشلارنى قوبۇل قىلدى. بالىلارنى ۋە قېرىلارنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى ئۇلار پەقەتلا ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق ئىدى. ئەمما، ئۇلار ئاخباراتلاردا سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا ئىنسانىي ياردەم قىلدۇق، دەپ قارايتتى.

سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ بەزىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قېچىشنى ئويلايتتى. بۇ سەۋەبتىن ئاق دېڭىز تەۋەسىدە خەتەرلىك قولۋاق ۋە كىمىلەرگە ئولتۇرغانلىقى تۈپەيلى ھازىرغا قەدەر نەچچە مىڭ كىشى ئۆلدى.

بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قاچقان بولسىمۇ، ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەرنى ئارقىغا ياندۇرۇش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى. بۇ كىلىشىمنامنىڭ بەزى شەرتلىرى ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. كېلىشىمنامىگە ئاساسەن ياۋروپا تەۋەسىدىكى سۈرىيەلىكلەر ۋە قانۇنسىز كۆچكەن تۈركلەر تۈركىيەگە قايتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە تۈركلەر قىسقا مۇددەت ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋىزاسىز كىرەلەيدۇ.

ھالبۇكى تۈركىيەدە سۇرىيەلىكلەر نوقۇل ھالدا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىگە ئايلانمىغان ئىدى. كۆپ ساندىكى سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما، ئاز ساندىكى سۇرىيەلىكلەر تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئىدى. مەسىلەن 2014-يىلى تۈركىيە 4736 شىركەت قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە 1257سى سۇرىيەلىكلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان شىركەت ئىدى. 2015-يىلى 4307 شىركەت قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1429 سۇرىيەلىكلەرنىڭ شىركىتى بولغان. ئەمما، 2012-يىلىدىن بۇيان سۇرىيەلىكلەرنىڭ شىركىتى يوق ئىدى.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا تۈركىيەنىڭ سۇرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پايدىلىرىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. سىياسىي جەھەتتىن، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز ئوبرازىنى يەنىمۇ بىر قەدەم تىكلەيتتى ۋە بۇ رايوندا سۆز ساھىبى بولۇش ئارزۇسىغا قەدەم ئاتاتتى. يەنە بىر نۇقتا شۇكى،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سۇرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن بىر قىسىم مەبلەغلەر كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈركىيەنىڭ سۇرىيەلىكلەرنى بېقىش يۈكىنى ئاز-پاز يەڭگىللەتكەن ئىدى. مەن لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ نوپۇس قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى، نوپۇسنىڭ ئىقتىساد ئۈچۈن يوشۇرۇن كۈچ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئەمما، بەزى تۈركىيەلىك ۋەتەنداشلار سۇرىيەلىكلەرنى تۈركىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن يۈك دەپ قارايتتى.

 

3

بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچۈش مەسىلىسى مەۋجۇت. بۈگۈنكى كۈندە پاراۋانلىق سىستېمىسى تەرەققىي قىلمىغان، جەمئىيەت تۈزۈمى قالاق، دېموكراتسىز دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر پاراۋانلىق سىستېمىسى يۇقىرى، جەمئىيەت بىخەتەر دۆلەتلەرگە كۆچمەكتە. ئەمما، ياخشى بىر جەمئىيەتكە كۆچۈش بىلەن ھەممە مەسىلە ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ.

بىز تەلپۈنگەن ياخشى دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە كۆچكەندىن كىيىن مەسىلىمىز  ئاندىن باشلىنىدۇ. چۈنكى، كۆچمەنلەر ئىككىنچى بىر دۆلەتتە كىملىكسىز ۋە سالاھىيەتسىز بولىدۇ. ئەگەر كىملىكى ۋە سالاھىيىتى بار دېيىلسە، چەتئەللىك ۋە پاناھلانغۇچى دېگەندەك ناملار بېرىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، كۆچمەنلەر ئىككىنچى بىر دۆلەتتە شۇ دۆلەت پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە كۆرەلمەيدۇ.

كۆچمەنلەر ئىككىنچىسى چوڭ مەسىلىسى ئىككىنچى بىر جەمئىيەتتە جان بېقىش ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەش بولۇپ قالىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئىككىنچى بىر دۆلەتكە كۆچكەن كىشىلەر شۇ دۆلەت پۇقرالىرىدىن بەكرەك ساپالىق ۋە كەسىپ ساھىبى بولغاندىلا ئاندىن يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بۇلالايدۇ. ئۇنداق بولمىسا، يەرلىك كىشىلەر چەتتىن كەلگەن كىشىلەرنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ ۋە پەقەت ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن قارايدۇ. بۇ خىل ھالەت تۈركىيەدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك.

كۆچمەنلەرنىڭ ئۈچىنچى بىر مەسىلىسى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزلىشىش مەسىلىسى. كۆچمەنلەر ئىككىنچى بىر جەمئىيەتنىڭ تۈزۈملىرىنى، ئەخلاقى ئۆلچەملىرىنى، تىلىنى ۋە دىلىنى بىلمىگەنلىكى تۈپەيلى بىر مەزگىل يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئارىسىدا بوشلۇق شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەسلىدە مەدەنىيەت جەھەتتىن ماسلىشالماسلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

4

 تۈركىيە تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتلىرىدا كۆچمەنلەر ئۈچۈن بىر ئۆتەك دۆلەت ھېسابلىناتتى. ئۆتەڭ دۆلەت دېگىنىمىز ئاسىيا ۋە ئافرىقىلىقلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشىدىكى بىر قونالغۇ ۋە ۋاقىتلىق جاي ئىدى.  بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھەم ئۆتەڭ دۆلەت ھەمدە مەقسەت دۆلەتكە ئايلاندى. مەقسەت دۆلەت دېگىنىمىز چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدە ياشاشنى نىشان قىلىشى دېمەكتۇر. دېمەككى، تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن مەقسەت دۆلەتكە ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىدىن باشقا دۆلەتتە ياشاش ئىنتايىن قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كۆچمەنلەر بارغان دۆلەتنىڭ قائىدە-يوسۇن، مەدەنىيەت ۋە تىل ئادەتلىرىگە كۆنۈشى، يەرلىك كىشىلەردىن قابىلىيەتلىكرەك بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلەيدۇ. ئالدىنقى ئايلاردا باغداش مۇنبىرىدە بىر ھېسسىياتچان ۋە ئىرادىسى بوش بىر كىشىنىڭ ”چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ پۇشايمىنى“ دېگەن تېما ئاستىدا تۈركىيەدىكى كەچۈرمىشلىرى ئېلان قېلىندى. بۇ ياش ۋەتەندە تۈزۈك جېنىنى باقالماي تۈركىيەگە چىقىپ بۇ يەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ئىدى. مەن ئالدىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەندەك، كىشىلىرىمىزدە تۇغۇلغان يۇرتىدا جان بېقىش قابىلىيىتى ۋە ساپاسى بولمىسا، ئىككىنچى بىر جەمئىيەتتە قانداقمۇ جان باقالىسۇن؟ كۆچمەن بولغان كىشى يەرلىك كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشكىدەك ساپاغا ئىگە بولسا، ئاندىن ئىككىنچى بىر دۆلەتتە جان باقالايدۇ. يۇرتتا جان باقالمىسا، چەتئەلدە كوچىدا قالىدىغان گەپ.

بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىن نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە يەرلىشىپ جۇڭگولۇقلار كوچىسى ۋە مەھەللىسىنى شەكىللەندۈردى. ئامېرىكىنىڭ خىلى كۆپ شەھىرىدە جۇڭگولۇقلار مەھەللىسى بار ئىدى. بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلدە جان بېقىش ۋە ھايات كەچۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقەت يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، باغداشتا يازما ئېلان قىلغان كىشىگە ئوخشاش ھېسسىياتچان ۋە ئىرادىسىز كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە جان بېقىش ئۈچۈن چىقىشىنىڭ ئۆزى بىر خىل خاتالىق ئىدى. بىز قاچانكى ئۆز ساپايىمىزنى ئۆستۈرسەك، ئاندىن چەتئەلدە نورمال بىر كىشىلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولالايمىز. بولمىسا، چەتئەلنى ساياھەت قىلىپلا كىرىپ كەتسەك بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدىكى سۇرىيەلىكلەر مەسىلىسى ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشاپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا تۈركلەر گېرمانىيەدە نۇرغۇنلىغان كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدىمۇ سۇرىيەلىكلەر كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئەڭ ئەقەللىيسى كۇچىلاردا بىر نەرسە تىلەۋاتقان، كىشىلەرنىڭ پىشىدىن يۈگرەۋاتقان ۋە بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا پاناھلىنىۋاتقان سۇرىيەلىكلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەت ئالدىدا ئىنسانىيلىق دېگەندەك ئۇقۇملارغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. سۇرىيەلىكلەرنىڭ بەختىگە تۈركىيە ئانچە سىستىمىلاشمىغان ئۇسۇل بىلەن سۇرىيەلىكلەرنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇش ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ ئاھۇ زارىغا قۇلاق سالمىغان سىياسەتچىلەر ۋىجدان تارازىسى ئالدىدا مەڭگۈ قارا كىشىلەردۇر.

 

ئەسكەرتىش: سان-سىفىرلار لىكسىيە مەزمۇنىدىن كەلگەن.

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز