ئىستىمال مەدەنىيتى
مۇتەللىپ ئىقبال بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر بەھىرلىنىۋاتقان مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈپىنچىسىنى ئىستىمال مەدەنىيتى(Consuming Culture)نىڭ مەھسۇلاتلىرى دەپ قاراش مۇمكىن. ئىستىمال مەدەنىيتى ھاياتتىكى ھەممە نەرسىدىن ھوزۇرلۇنۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئىستىمال مەدەنىيتى كاپىتالىزىمنىڭ بازار ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغان مەدەنىيەت ئىستىمال شەكلىدىن ئىبارەت. ئىستىمال مەدەنىيتى كىشىلەرنى ھەر ۋاقىت ماددى بۇيۇم ۋە مۇلازىمەتلەرنى سېتىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ. مەسىلەن، ھەرخىل تېخنىكىلىق بويۇملار ناھايتى تىز يىڭىلىنىپ كىشىلەرنى يىڭىسىنى سېتىۋېلىشنى تەشۋىق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلاردا بىر نەرسىنى ئۇزۇن ئىشلىتىدىغان ئادەت شەكىللەنمەيدۇ. ھەممە نەرسىنى قىسقا ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغاچقا،