فېمىنىزىم ۋە فېمىنىزىم ھەرىكەتلىرى
مۇتەللىپ ئىقبال ئايال تەرەپشۇناسلىق ياكى فېمىنىزىم(feminism)غا تۈۋەندىكىدەك تەبىر بىرىلگەن: فىمىنىزىم مەلۇم گۇرۇپ ئىچىدىكى چۈشەنچە سىستىمىسى بۇلۇپ، مەقسىتى ئاياللارنىڭ ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقۇقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتىن ئىبارەت.[1] 20-ئەسىرىنىڭ 60-، 70-يىللىرىدا غەرپ ئەللىرىدە، بۇلۇپمۇ ئامېرىكىدا ئاياللار ھەرىكىتى يۈز بىرىشكە باشلىدى ۋە بۇ ھەرىكەتلەر دۆلەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىش بىجىرىش ئورگانلىرىغا تەسىر قىلدى. بەزى نەزىرىيەچىلەر ئاياللار ھەرىكەتلىرىنىڭ 19-ئەسىردىلا ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا باشلانغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.[2] ناۋمى 1889-يىلى نەشىر قىلىنغان ئوكىسفورد ئىنگىلىز تىلى لوغىتىتىنىڭ فىمىنىزىمغا بەرگەن تەبىرىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى