يېڭى يىل ۋە كىملىك كىرزىسى
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى 1 ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا ئۈچ خىل كالىندار ئارىسىدا تېڭىرقاپ قالغان چاغلىرىم بولغان ئىدى. كىچىك چېغىمدىن باشلاپلا مىلادىيە كالىندارى بويىچە يىل ھىساپلاپ ،يېڭى يىل ۋە باشقا بايراملارنى تەبرىكلەپ يۈرۈپ مىلادىيە كالىندارىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدىم. گەرچە ماڭا دۇنيا ھەققىدە مەنىلىك گەپلەرنى دەپ بېرىدىغان بوۋام ھىجىرىيە كالىندارى ئىچىدە ياشىسىمۇ مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا مىلادىيە كالىندارى بويىچە پىكىر قىلىشقا تىرىشاتتى.لېكىن مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش، ئەينى چاغلاردا بوۋامنىڭ يا ھۆكۈمەت بېسىپ تارقاتقان كالىندار ياكى بۇ ھەقتىكى باشقا