تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن چۈشكىچە ئۇخلايدۇ؟

 

-تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىللەتلىرىگە تەھلىل

مۇتەللىپ ئىقبال

 

482b3643b2ecc4fad5fa64155e87ded2

 

تۈركىيەدە بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشكىچە ئۇخلايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئىنىق. بۇ ھۆكۈمگە پاكىت توپلاشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارلا كۆپ ئۇخلىماستىن، تۈركلەرنىڭ ئۆزىمۇ كۆپ ئۇخلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي گەپنى قىلساق، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلا ئۇخلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى  تۈركلەرگە بولغان دورامچىلىق ۋە تۈركىيەدىكى ھۇرۇنلۇق پىسىخىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى، دەپ چۈشەنسەك بۇلىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىكى جانلىقلار ئۇخلايدۇ. ھاشارەتلەر تېخى قىشىلىق ئۆچەككە كىرىدۇ. ئەمما، تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بەزى جانلىقلاردىن خىلى ئوزۇن ئۇخلاپ قۇيىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن كۆپ ئۇخلايدىغان بۇلۇپ كەتتى؟ بۇ سۇئالغا بىر نەچچە نوقتىدىن جاۋاب بىرىش مۇمكىن.

بىرىنجى سەۋەبنى دورامچىلىقتىن كەلگەن، دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز. چۈنكى، تۈركلەر بەزىدە ناھايتى ئۇزۇن ئۇخلايدۇ. مەن ھەتتا يىگىرمە سائەت ئۇخلىيالايدىغان ياتاقداشلىرىمنى كۆرگەن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن ئۇخلىشى ۋە چۈشتە قوپۇشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. دورامچىلىق سەۋەبىدىن ياكى ئەتراپىدىكى مۇھىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سەلبىي تەرەپكە غىدىقلىشىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا كۆپ ئۇخلاپ، چۈشتە قوپۇش ئادىتى يىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

تۈركىيەدىكى ئەڭ ناچار ئىجتىمائىي ئادەتلەرنىڭ بىرى ئاخشاملىرى بەك كەچ يېتىش ۋە ئەتىسى چۈشكە يېقىن قوپۇش. راستىنى ئېيتقاندا، تۈركىيەگە كىلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ كەچ بولغاندا ئون بىرلەردە بولمىسا، سائەت ئوندا ئۇخلايتتىم. ئەمما، ھازىر سائەت ئون ئىككىدە ئۇخلىسام ئەڭ نورمال ۋاقىتتا ئۇخلىغان بۇلىمەن. بەزىدە سائەت بىر ئىككىلەردە ئاران ئۇخلايمەن. ئەمما، مەن تۈرك ئوقۇغۇچىلاردەك چۈش سائەت ئون ئىككى، بىرلەرگىچە ئۇخلىمايمەن. ئەتتىگەن سائەت يەتتە سەككىزلەردە قوپۇپ كىتىمەن. قىسقىسى، تۈركىيەدە كەچ يېتىش ۋە ئەتىسى ئەتتىگەن جىددىي ئىشى بولمىغانلارنىڭ چۈشكىچە يېتىشى بىر خىل ئادەت بولۇپ كەتكەن.

ئۇنداقتا تۈركلەر نىمە ئۈچۈن كۆپ ئۇخلايدۇ؟ بۇلارنىڭ غېمى يوقمۇ؟ مەن بۇ ئادەتنى تۈركلەرنىڭ ھورۇنلۇق پىسخىكىسى، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستىمىسى ۋە تۈزۈلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايمەن. تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستىمىسى غەربىي ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە يەتمىسىمۇ، ئەمما، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنىڭ قاپلايدىغان دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ. تۈركىيەدە مائارىپ ۋە داۋالاش ھەقسىز. ئۆينىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەڭگۈلۈك بۇلىدۇ. مائارىپ ۋە داۋالاشنىڭ ھەقسىز بۇلۇشى تۈركلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەك كۈچەپ كەتمەسىلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن ئىشلارغا بەك جىددىي قارىمايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەنگەن.

جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشىگە قارىغاندا، تۈركلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ھورۇن كۆرۈنىدۇ. جۇڭگۇدا شەخسىنىڭ پاراۋانلىقى شەخىس تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ. ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا ھۆكۈمەت بەك ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئىجتىمائىي ھالەت كىشىلەرنى جاپاغا چىداشقا ۋە تىرىشىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان. مەن تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت ئون( بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت ئۈچ-تۆتلەردە)دا تاۋباۋ تورىغا چىقسام، تاۋباۋدا بىر نەرسە ساتىدىغانلارنى ئۇچرىتالايمەن ۋە شەخسەن لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپمۇ باقتىم. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، جۇڭگۇلۇقلار كىچە-كۈندۈز ئىشلەشكە ۋە تىرىشىشقا كۆنۈپ كەتكەن. ئەمما، تۈركلەر بۇنىڭ ئەكىسچە.

تۈركلەرنىڭ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كەتمەسلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا، دىنىي ئىتقادىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، دىنى ئىتقاد كىشىلەرنى دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئويلىنىپ مۇئامىلە قىلىشقا، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بەك بىرىلىپ كەتمەسلىككە ئۈندەيدۇ. ئەمما، دىنسىزلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى نەرسىلەر ھەممىدىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئىرىشىدىغانغا ئىرىش، راھەتلىنىشكە تىگىشلىكتىن راھەتلىنىش كىرەك. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، دىندار بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىلەن دىنسىز بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت قوللىنىش ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە پەرقى خىلى چوڭ بۇلىدۇ.

ئىجىتمائىي ئىللەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەدە ئۆز-نىزام(self-discipline) نىسپەتەن ئاجىز. ئۆز-نىزامنىڭ ئاجىز بولۇشى كىشىلەرنىڭ قائىدە-تۈزۈملەرگە كۆپ رىئايە قىلمايدىغان ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئۆز-نىزام شەخسىنىڭ ئۆز-ئۈزىنى باشقۇرۇشى، ئۆز ئىشىنى سىستىمىلىق ۋە پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرىشىغا قارىتىلغان. ئۆز-نىزامسىزلىق بولسا شەخسىنىڭ ئۆزىگە، ئۆز تەقدىرىگە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە شەخسىي مۇۋاپىقىيەتلەرگە سەل قارىشىغا قارىتىلغان. ئۆز-نىزامسىزلىق يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، كۆرۈشۈش، يىغىلىش، دەرس ۋە ھەرخىل كوللىكىتىپ پائالىيەتلەرگە كىچىكىدىغان، ئىجتىمائىي ئۇرۇنلاشتۇرۇشلارغا سەل قارايدىغان، باشقىلارنىڭ ۋاقىتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ھالەت كىلىپ چىقىدۇ.

مەن  تۈركىيەدە بىر نەچچە يىل ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي يىغىنلارغا قاتناشتىم. بۇ  يىغىنلارنىڭ بەزىسى خەلقئارالىق يىغىن ئىدى. ئەمما، مەيلى ھۆكۈمەت مەيلى ئۇنىۋېرسىت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن يىغىنلار بولسۇن، ھەممىسىدە ئاساسەن پروگراممىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كىيىن باشلىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، مۇھىم كىشىلەرنىڭ يىغىنغا ۋاقتىدا كىلىپ بۇلالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ خىل ئىجتىمائىي ئىللەت تۈرك پۇخرالىرىدا كۆپ ئۇخلىغانغا ئوخشاش ئۆز-نىزامنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ خىل ئۆز-نىزامسىزلىققا بىلىپ-بىلمەي كۆنۈپ كىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاقىت قارىشى ئىنىق بولمايدۇ، ئەكىسچە سۇسلايدۇ. ئۆز-ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. تىرىشىش نىشانى ئىنىق بولمايدۇ. كۆپ ئۇخلايدۇ ۋە مەكتەپتىكى دەرسلەردىن بارا-بارا قالىدۇ. جۇڭگۇدىكى ۋاقتىدا ئەتتىگەن سائەت ئالتىلەردە قوپۇپ كىتىدىغان كۆپىنچە تىرىشچان بالىلار تۈركىيەگە كىلىپلا كۆپ ئۇخلايدىغان بولۇپ كىتىدۇ ۋە ئۆز-نىزام تۇيغۇسى ئاجىزلاپ كىتىدۇ. جۇڭگۇدا ئۇنىۋېرسىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئەتتىگەن سائەت ئالتە-يەتتىلەردە ئاساسەن قوپۇپ بولغان بۇلىدۇ. ئەمما، تۈركىيەدە، ئەتتىگەندە ئىمتىھان بولۇپ قالمىسا، سائەت ئالتىدە تۇرىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-نىزامىنىڭ سۇس بولىشىنىڭ بىۋاستە ئاقىۋېتى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتتۈرەلمەسلىكى بۇلىدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرىكى سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن يۈزدە يەتتە پىرسەنتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلى كۆپى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ۋە مۇنتىزىم ئوقۇش تۈزۈمى بۇيىچە باشقۇرۇلسىمۇ، ئەمما، ئۆزى مەكتەپكە كىرگەن بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى يەنىلا تۆۋەن. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ياكى جەمئىيەتتىكى يۈزىنى دەپ مەكتەپتە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوقۇش نەتىجىسى تۆۋەن ياكى ئىمتىھانلاردىن قالغانلىقى تۈپەيلى بىر-ئىككى يىلغا بارماي مەكتەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆز-نىزام قەيەرگە كەتتى؟ ئۇيغۇرلاردا ”ئۆز-ئۆزىنى سورايدىغان“ ئۆز-نىزام پىسخىكىسى تەرەققى قىلغانمۇ؟ مىنىڭچە بىزدە مەيلى تۈركىيەدە  ۋەمەيلى جۇڭگۇدا بولسۇن، ئۆز-نىزام ئانچە بەك تەرەققى قىلمىغان. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مەركەزدىن كەلگەن تۈزۈم ھەممە ئىشلىرىمىزنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بەلگىلەپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇش پىسخىكىمىز تەرەققى قىلغان بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى باشقۇرىدىغان پىسخىكىمىز تەرەققى قىلمىغان. بۇ خىل ئىجتىمائىي پىسخىكىنىڭ ئەڭ رۇشەن ئىپادىلىرى بىرەر چەت دۆلەتكە چىقىپ قالساقلا رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ. تۈركىيەگە چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشان، تىرىشىش ۋە ئىرادە جەھەتتىن بوشىشىپ كىتىشىمۇ يۇقىرى ئۆز-نىزام يۇقلۇقىنىڭ ئىسپاتى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تۈركىيەدە ئوقۇشقا كىلىپ تۆت يىل ئىچىدىمۇ ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتمىگەنلەر ياكى تۈگىتەلمىگەنلەر بار(جۇڭگۇدا ئاساسەن ئۈچ يىلدا ئوقۇش تۈگەيدۇ). مىنىڭ قارىشىمچە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز-نىزامى تەرەققى قىلمىغان ئوقۇغۇچىلاردۇر. ئاساسلىق سەۋەپ تۈركىيە مائارىپىنىڭ تۈزۈلمىسىدە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ بالىلارنىڭ بىلى بوشلۇقىدا. چۈنكى، بۇ يەردە جۇڭگۇدىكىگە ئوخشاش ھېچكىم ما دەرسنى ئوقۇ، ما تېمىنى تاللا، نىمە قىلىۋاتىسەن، ماقالەڭنى يېزىپ نەگە كەلدىڭ، دەپ ئىككى ھەپىتىدە بىر چاقىرىپ تۇرمايدۇ ۋە سىزگە بۇيرۇق سوقمايدۇ. بۇخىل ھالەت تۈزۈلمىنىڭ بوشلۇقى ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىشنى ئىنساننىڭ ئۆز تاللىشى ۋە ئىختىيارلىقىغا قۇيۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا، بۇ يەردە ئوقۇپ قالغانلار پات-پات يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنى ئۆزى ئىزدەپ تۇرمىسا، مۇئەللىملەرنىڭ كارى بولمايدۇ، مەكتەپنىڭ تېخىمۇ بەك كارى بولمايدۇ. مەكتەپلەر ئاسپىرانلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا تۆت يىل، دوكتۇر ئاسپىرانتلار ئۈچۈن ئالتە يىلنى ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلى قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن. مۇشۇ مۇددەت ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرسە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ. ئەگەر بۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىنى شەرتسىز بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا زىيان يەنىلا ئۆز-نىزامى تەرەققىي قىلمىغان بىزلەر بۇلىمىز. تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مەكتەپ تەرىپىدىن مەجبۇرى چىكىندۈرىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ خىلى بار.

ئادەتتە چەتئەلگە چىقىشنىڭ  مەقسىتى ياخشىراق ئوقۇش، ياخشىراق بىر چىقىش يۇلى تېپىشتىن ئىبارەت بۇلىدۇ. تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىسى مۇشۇ مۇددىئا بىلەن كەلگەن. بەزىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزىقتۇرۇشى، زورلىشى بىلەن كەلگەن. بەزىسى قىلغىلى ئىشى يوق كەلگەن. تۈركىيەگە مەستانىلىقى تۈپەيلى كىلىپ قالغانلارمۇ خىلى بار. ئومۇمەن قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، نەتىجە قازىنىمەن، دەيدىكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن تۈركلەرگە قارىغاندا بەكرەك تىرىشىشى كىرەك. ئەگەر تۈركلەرگە ئوخشاش ئون سائەتلەپ ئۇخلايدىغان ئىش بولسا، بۇ يەردە جان ساقلاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

بايا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، تۈركلەرگە جان بېقىش بىزگە قارىغاندا بىر قەدەر ئاسان. مەسىلەن، مىنىڭ ئون ئىككى دانە دوكتۇر ساۋاقدىشىمنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك ئوقۇش پۈتكەندىن كىيىن مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتتا ئىشلەيدىغان توختامى بار. مۇشۇنداق توختام بىلەن ئوقۇشقا كەلگەنلەر ئۆزى توختام تۈزگەن ئۇنىۋېرسىتىتتىن بىر كىشىلىك نورمال مائاش ئالىدۇ. ئۇنىۋېرسىتلار بىلەن توختامى بولمىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تەرىپىدىن تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە بىر كىشىلىك نورمال مائاش ئالىدۇ. ساۋاقداشلىرىم مەيلى مەلۇم مەكتەپتىن توختام بىلەن كىلىپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇسۇن ياكى بۆلۈمدە تەتقىقاتچى بولسۇن، ئادەتتىكى بىر مەمۇرنىڭ مائاشىنى ئالىدۇ.  قىسقىسى، قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتىن كەلگەن بولمىسۇن، ھەممىسىنىڭ مەلۇم بىر خىزمەتچىگە ئوخشاش مائاشى بار. مائاشنى ئالغاچ ئوقۇشىنى داۋام قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ كۈنى ھەقىقەتەن ياخشى.

دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالايلى. ئادەتتە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتىتلىرى تۈرك پۇخرالىرىغا ھەقسىز بۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ياتاقلىرىدا ياتماقچى بولسا، ئايغا 150 لىرا ئەتراپىدا پۇل تۈلەيدۇ. بۇ پۇل بىلەن ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ياتاق ئاشخانىسىدىن توققۇز لىرا قىممىتىدىكى تاماق يىيەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۈنلىكى توققۇز لىرالىق تاماق يېسە، 30 كۈندە 270 لىرا بۇلىدۇ. بۇ پۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ئۈچۈن تاپشۇرغان ئايلىق 160 لىراسىدىن يۇقىرى بۇلىدۇ. تاپشۇرغان مىقداردىن ئارتۇق تاماق يىيىش بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ھەقسىز تۇرغان ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار چۈشتە مەكتەپ تاماقخانىلىرىدىن بىر ئىككى لىرا خەجلەپ بىر ۋاخ تاماق يىيەلەيدۇ. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرى تۇلىمۇ ئەزان بۇلىدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەر قانچە قىلسىمۇ تۈرك ئوقۇغۇچىلاردەك ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بۇلالايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ، ۋەتەنداش بولمىسا ئۇڭايلىقچە خىزمەت تاپالمايدۇ. بۇ نوقتىلاردىن خۇلاسىلىغاندا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە تۈركلەردەك كۆپ ئۇخلىشىنىڭ ھېچقانداق مەتىقىلىق ئاساسى بولمايدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ يۈز يىللار ئىلگىرى يازغان ”ئويغان“ ناملىق شېئىرى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر روھىي سىگنال بولغان ئىدى. مەن بۇ چاقىرىقنى تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئۆنۈملۈك دەر قارايمەن.

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قىسقىسى، كۆپ ئۇخلاش، ھورۇنلۇق قىلىش، نىشانى ئىنىق بولماسلىق، روھىي چۈشكۈن بولۇش، تۈركىيەنىڭ مائارىپىدىن قاقشاش، ئۆز-نىزامى ئاجىز بولۇش قاتارلىقلار ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققانلارغا ماس كىلىدىغان ئادەت ئەمەس. بۇ خىل ئادەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى مەۋجۇتلىقىغا تەھتىد ئېلىپ كىلىدۇ.

ئەگەر تۈركىيەگە خاتا كىلىپ قالغان بولسىڭىز، دەرھال ئۆز نىشانىڭىزغا ئۇيغۇن بىر يەرنى تېپىڭ. تۈركىيەنىڭ ئوقۇتىشىدىن قاقشاشتىن ياكى بۇ يەرنى ئىنكار قىلىشتىن ئىلگىرى سىنىپنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ بېقىڭ. قىسقىسى، تۈركىيەگە ئوقۇشقا كىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەكتەپ ۋە ۋىزا تەلەپلىرىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئاز ۋە تۆۋەن بولۇشى ساپالىق ۋە ساپاسىز نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ سەلدەك ئېقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالماقتا. ئەمما، ۋىزا ۋە ئوقۇشقا بولغان تەلەپنىڭ ئاز بولۇشى تۈپەيلى تۈركىيەگە كىلىپ قالغان بولسىڭىز، ئۆز ساپايىڭىزنىڭ، كەلگۈسىڭىزگە قويغان ئۆلچىمىڭىزنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە تۈركىيەگە كىلىپ ھاياتىڭىزدا خاتا قەدەم باسقان بۇلىسىز. قىسقىسى، كەلمەكچى بولغانلارنىڭ ئوبدانراق ئويلىشىشى، كەلگەنلەرنىڭ بەلنى مەھكەمرەك باغلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قويغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلىرىنىڭ بىرى بولۇشى كىرەك، دەپ ئويلايمەن.

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز