ئىجتىمائىي بىلىمنىڭ يەرلىك خۇسۇسىيتى

مۇتەللىپ ئىقبال

ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئۈزىگە خاس مەۋجۇت بولۇش تەرتىپى بار بولۇپ، بۇ تەرتىپ جەمئىيەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، ياپۇنىيە جەمئىيتى بىلەن چاۋشىيەن پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان جەمئىيەت. بۇ ئىككى جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تەرتىپى ۋە قانۇنىيتىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئىككى جەمئىيەت ھەققىدە ئىشلەپچىقىرىلغان بىلىممۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بۇ خىل يەرلىك خۇسۇسىيتى ئىجتىمائىي پەنچىلەرنىڭ ئۆزى ياشىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چۆكۈش ئارقىلىق بىلىم ئىشلەپچىقىرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىقتىساد، سىياسەت ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمغان جەمئىيەتلەردە ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى بىر جەمئىيەتتىن يەنە بىر جەمئىيەتكە كۈچۈرۈپ كىلىنگەن ۋاقىتتا، قانۇنىيەت ياكى نەزەرىيەلەر ئۈنۈمسىزلىشىدۇ ۋە بەزى تەرەپلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەي قالىدۇ. مەسىلەن، بۇرژۇئا ۋە پۇرۇلتارىيات سىنىپى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار پەقەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققى قىلغان رايۇنلارغىلا ماس كىلىدۇ. ئەكىسچە، يېزا ئىگىلىكى ئاساس بولغان جەمئىيەتلەردە بۇ ھەقتە قانچىلىك تالاش-تارتىش بولسۇن، بىر خىل شەكىلۋازلىقتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. بىر سوتسىيالىزىم دۆلىتىدە بۇرژۇئا ۋە پۇرۇلتارىيات سىنىپى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىش تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.

ئىجىتمائىي پەنلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان بىلىملەر بىر جەمئىيەتتىن يەنە بىر باشقا جەمئىيەتكە تەدبىقلانغان ۋاقىتتا ئەسلىدىكى نوپۇزىنى يۇقىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان نوقتا. ئىجتىمائىي پەنلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان بىلىملەرنىڭ جەمئىيەت ھالقىسا يەنە بىر جەمئىيەتكە تولۇق ماس كەلمەسلىك مۇناسىۋېتى دەل ئىنسانلار ياشىغان جەمئىيەتتىكى تەرتىپ ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەمما، بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش زۈرۈركى، بۈگۈنكى كۈندە كاپىتالىستىك ئىقتىساد سىستىمىسى دۇنيانىڭ ھەممە يىرىنى ئاساسەن قاپلاپ بولدى. چاۋشىيەن ۋە كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ سىستىما دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسى بولماقتا. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسى كاپىتالىزىم بولغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىلىرىدە ئاز-تۇلا پەرق قىلسىمۇ، ئەمما، كاپىتالىزىمنى مەنبە قىلغان جەمئىيەتلەردە ئىقتىسادنىڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايدىڭ. بۇنداق بولغانىكەن، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىلىرى ئاساسەن بىر-بىرىگە ئوخشاش جەمئىيەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان بىلىملەر بىر-بىرىگە ئاساسەن ماس كىلىدۇ. چۈنكى، ئىقتىسادىي شەكىل ئوخشىغان ئىكەن، تۇرمۇشنىڭ كۆپ قىسمى بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنى مەركەز قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر ئىجتىمائىي بىلىمنى باشقا خەلقلەرگە پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ، دىگىلى بولمايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بىلىملەرنىڭ يەرلىكلىشىشى ئىجتىمائىي پەنلەردىكىلا ھادىسە ئەمەس.  مىدىتسىنا ساھەسىدىكى بىلىملەرنىڭ يىڭىلىنىشى ۋە يەرلىكلىشىشى بىلىمنىڭ رايۇن ۋە جەمئىيەت چىگىرىسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ئەڭ ياخشى مىسالدۇر. كۈنىمىزدە تىببىي ساھەدىكى دورىگەرلىك ئىلمىدە بۇ نوقتا ئەڭ يارقىن گەۋدىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئامرىكىدا كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ياسالغان مەلۇم بىر دورا خۇتەندىكى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئوخشاش شەكىلدىكى كىسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بۇ دىگەنلىك، دورىلار ئادەم بەدىنىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى، ئىنساننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە گىن قۇرۇلمىسىنى چىقىش قىلىپ ياسىلىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، مەلۇم بىر كىسەك ئۈچۈن ياسالغان دورىلار رايۇن ۋە مىللەت ھالىقىسا ئۈنۈمىدە ئاز-تۇلا ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ. مەسىلەن، يىقىندا ئامېرىكا ھۈكۈمىتى ئىندىۋىدۇئاللاشقان داۋالاش لايىھەسىنى قاراردىن چىقاردى. بۇ دىگەنلىك، كىسەل داۋالانغان ۋاقىتتا، شەخسىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ دورا قوللىنىلىشتىن ئىبارەت.

ئىجتىمائىي پەن ئادەم ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە يەرلىك خوسۇسىيەتكە ئىگە. ئىجتىمائىي پەنلەردە ھەممە جەمئىيەتكە يۈزدە يۈز ماس كىلىدىغان بىلىم ۋە نەزەرىيە بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى يەرلىك خۇسۇسىيەت بىلەن ئومۇمىيلىق تەڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى كىرەك.

ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىي پەنلەردە بىلىملەرنىڭ يەرلىكلىشىشى ياكى مەلۇم بىر جەمئىيەتكە خاس بىلىملەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىجتىمائىي پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقىدىن ئىبارەت.

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز