مېدىئادىكى ۋەكىللىك
مۇتەللىپ ئىقبال مېدىئادىكى ۋەكىللىك ئەمەلىيەتتە، مېدىئادا كىمنىڭ، قانداق شەكىلدە تەسۋىرلىنىش مەسىلىسى تەتقىقاتچىلار ئىزچىل كۈڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەسىلىدۇر. گەرچە، كىنو، فىلىم قاتارلىقلاردا تەسۋىرلىنىدىغان ئوبرازلار قېلىپلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما مېدىئا خەلققە يۈزلەنگەن ۋاقىتتا، خەلقنىڭ مېدىئا ئارقىلىق ئۈزىنى ئىپادىلەش(representation) ھۇقۇقى چەتكە قېقىلماسلىقى كىرەك. ئادەتتە، ھوللىۋود كىنولىرىدىكى قەھرىمانلار ھەر زامان بويتاق، جەسۇر، ئەقىللىق ۋە مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. كىنولاردا كۈپىنچە ئەرلەر باش قەھرىمانلىق ئورنىغا چىقىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئاياللار ھۇقۇقچىلىرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بۇرۇنقى كىنولاردا ئاياللار دائىم ئۆي