ئىجتىمائىي پەنلەردىكى قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى

Mutellip IQBAL ئىجتىمائىي پەنلەردىكى قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتىنى تاللاش، تەتقىقات جەريانىنى ئېلىپ بېرىش ۋە يەكۈنگە ئىرىشىش جەريانلىرىدا ئۈزىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئوبىكتىپ مەيداندا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. قاراشتىن خالىي مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. تەتقىقاتچىنىڭ ئۈزىنىڭ كۆز-قارىشىدىن خالىي ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش-بارالماسلىقى ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىدىمۇ ئىزچىل مۇنازىرىلەر بولۇپ كەلگەن. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە ئەڭ بۇرۇن قەلەم تەۋرەتكەن ئېمىل دۇركخيىممۇ تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقات جەريانىدا ئۈزىنىڭ شەخسىي كۆز-قاراشلىرىدىن يىراق بولۇشىنى تەكىتلىگەن. دۇركخيىمنىڭ

داۋامى

2016-يىلى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى“ قىلىپ بېكىتىلدى ۋە تەبرىكلەش ئېلىپ بېرىلدى

    مۇتەللىپ ئىقبال   2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى ئىستانبۇلنىڭ تۈركىي تىلىدىكى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنى زەيتىنبۇرنۇ(Zeytinburnu)نىڭ كازىلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى يىغىن زالىدا تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدىكى بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر، ئالىم، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى. خەلقئارالىق تۈرك كۈلتۈر(مەدەنىيەت)ى تەشكىلاتى(TÜRKSOY)نىڭ ماقۇللىقى بىلەن 2016-يىلى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى“ قىلىپ بېكىتىلگەنلىك ئېلان قىلىندى. 1016-يىللىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شەھىرى بالاساغۇندا تۇغۇلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدا يۈكسەك ئۇرۇن تۇتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1069~1070-يىللىرى

داۋامى

خاتالاشتۇرۇش

مۇتەللىپ ئىقبال خاتالاشتۇرۇش كارل پوپپېرنىڭ راۋاجلاندۇرغان پەن پەلسەپە مىتودىدىن ئىبارەت. كارل پوپپېر(Karl popper) ئاۋىسترىيە-ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ. ئۇ 20-ئەسىردىكى داڭلىق پەيلاسوپ بولۇپ تونۇلغان. گەرچە كارل پوپپېرنىڭ خاتالاشتۇرۇش نوقتىنەزىرى تەبىئىي پەنلەردىكى كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئو بىلىمنىڭ ئابىستىراكتنى بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەرقانداق بىر بىلىم خاتالاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى كىرەك. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان خاتالاشتۇرۇش مەلۇم بىر قېلىپلاشقان بىلىمگە قارىتا شۆبھىلىنىش، ئۇنى يالغانغا چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر نەزىرىيەگە

داۋامى

ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئىزاھلىغۇچى(解释性) مېتود

ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي پەنلەنىڭ مىتودولوگىيە مەسىلىسى كەڭ تۈردە تالاش-تارتىش قىلىنىشقا باشلىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئىجتىمائىي پەن بىلىمچىلىرى تەبىئىي پەننىڭ تەجرىبە قىلىش، كۈزىتىش ئۇسۇللىرىنى ئىجتىمائىي پەنلەرگە تەدبىقلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى. بۇ سەۋەپتىن، بىر بۈلۈك بىلىم ئادەملىرى ئىجتىمائىي پەنلەرمۇ تەبئىي پەنلەرگە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوبىكتىنى كۈزىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىدۇ، دەپ قارايتتى. بۇ خىل تالاش-تارتىشمۇ گىرمانىيەدە 19-ئەسىرىنىڭ كىيىنكى ۋاقىتلىرىدا مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى.[1] ئىجتىمائىي پەنلەردە تەبىئىي پەنلەرگە ئوخشاش مىتود قوللىنىش مەسىلىسى ھىلىغىچە تالاش تارتىش قىلىنغان

داۋامى

دەلىلچىلىك پەلسەپىسى(实证主义) ھەققىدە قىسقا چۈشەنچە

مۇتەللىپ ئىقبال دەلىلچىلىك پەلسەپىسى پەنلەر پەلسەپىسىدىن بىرى ھىسابلىنىدۇ. دەلىلچلىك پەلسەپىسىدە ئۇچۇرلار لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش ۋە ماتېماتىكىلىق ھىېسابلاشلار ئارقىلىق ئىرىشىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە سان-سىفىرلارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىلىدۇ. دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە يەنە تەجرىبىنىڭ ئورنىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. سىناشلاردىن ۋە تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن ھەقىقەتلا ئاندىن توغرا بىلىم ھىسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە تۇيغۇغا تايانغان ھىسسىي بىلىملەر بىردەك ئىنكار قىلىنىدۇ. دەلىلچىلىك پەلسەپىسىدە دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ قانۇنىيتىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قانۇنىيەتكە پەقەت كۈزىتىش، تەجرىبە قىلىش ۋە لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىش

داۋامى