خاتالاشتۇرۇش

مۇتەللىپ ئىقبال

خاتالاشتۇرۇش كارل پوپپېرنىڭ راۋاجلاندۇرغان پەن پەلسەپە مىتودىدىن ئىبارەت. كارل پوپپېر(Karl popper) ئاۋىسترىيە-ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ. ئۇ 20-ئەسىردىكى داڭلىق پەيلاسوپ بولۇپ تونۇلغان. گەرچە كارل پوپپېرنىڭ خاتالاشتۇرۇش نوقتىنەزىرى تەبىئىي پەنلەردىكى كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئو بىلىمنىڭ ئابىستىراكتنى بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەرقانداق بىر بىلىم خاتالاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى كىرەك. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان خاتالاشتۇرۇش مەلۇم بىر قېلىپلاشقان بىلىمگە قارىتا شۆبھىلىنىش، ئۇنى يالغانغا چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر نەزىرىيەگە قارىتا خاتالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولسا، ئاندىن بىلىم ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن. ئەگەر مەلۇم بىر نەزەرىيەگە قارىتا خاتالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولمىسا، ئو ھالدا بۇ نەزەرىيە ئىلمىي بولمايدۇ.

پوپپېرنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بىلىم يالغانغا چىققاندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋال ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىككىگە ئىككىنى قوشقاندا تۆت بولىدۇ دىگەن بىر يەكۈننىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىككى ئىككىنى قوشسا بەش چىقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش كۇپايە.

پوپپېر يەنە تەنقىدى  ئەقلىيەتچىلىك(critical rationalism批判理性主义) مېتودىنى تەرەققى قىلدۇرغان. ئو ئۈزىنىڭ بۇ مېتودىنى پەنلەرنىڭ مېتودى سۈپىتىدە قارىغان. شۇنىسى مۇھىمكى، پوپپېر خاتالاشتۇرۇش ۋە تەنقىدىي ئەقلىيەتچىلىك مېتودىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش بىلەن بىرگە كىلاسسىك دەلىلچىلىك ياكى تەجرىبىچىلىكنى رەت قىلغان. ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىلاسسىك دەلىلچىلىك يىغىنچاقلاش(inductive,归纳) ئوسۇلىنى قوللانغان. ئۇنىڭ نەزىرىدە يىغىنچاقلاش ئوسۇلى ئارقىلىق ئىرىشىلگەن نەزەرىيە ئىلمىي بولمايدۇ. چۈنكى، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بارغانسىرى ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق يىغىنچاقلانغان خۇلاسىلەر كەلگۈسىدىكى ھادىسىلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئىرىشكەن مەلۇم بىر نەزەرىيە ئالاھىدە بولغان بىر تارىخىي شارائىتتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ نوقتىدا، نەزەرىيە ھەم ئابىستراكىتلىققا ھەم مەلۇم دەۋر خاراكتىرىگە ئىگە بولىدۇ.

پوپپېرنىڭ تەنقىدىي ئەقلىيەتچلىك قارىشىنىڭ تۈگۈنى بولسا ھەرقانداق بىر نەزەرىيەنى ئەقلىي جەھەتتىن تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىلىم ئەقلىي جەھەتتىن تەنقىد قىلىنمىسا، ياكى ئۇنىڭغا قارىتا خاتالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىسا، ئو ھالدا ئو بىلىم دوگما بىلىم ھىسابلىنىدۇ.

پوپپېرنىڭ نەزىرىدە ئىنسانلارنىڭ بىلىمى ئابىستىراكتنى خاراكتىرگە ئىگە. چۈنكى بىلىم ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ يارىتىلغان بولۇپ، مەلۇم بىر مەزگىل ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭلاشقا بىلىمنى بىۋاستە ئەمەس، بەلكى ۋاستىلىق يوللار بىلەن سىناش كىرەك. ئۇ نەزەرىيەنى سىناشتا ئالاھىدە بىر فورمۇلا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بىر نەزەرىيە ئەمەلىيەت جەريانىدا سىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرىپ ئاخىرىغىچە ھايات قالغان بىلىم ئاندىن ھەقىقىي بىلىم بولىدۇ. بىلىم مانا مۇشۇنداق ئاز-ئازدىن توپلىنىش ئارقىلىق ئاخىرىدا كۈپيىپ بارىدۇ.

پوپپېر ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ مەقسىتى شەخسىنىڭ مەقسەتلىك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېچىپ بىرىش دەپ قارىغان. بۇ سەۋەپتىن ئو تەتقىقاتچىلارنىڭ شەخسىنى تەتقىق قىلىشى كىرەكلكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.[1] شۇڭا ئۇنى مىتودولوگىيە جەھەتتىن شەخسىچى دىيىش مۇمكىن.

پوپپېرنىڭ خاتالاشتۇرۇش نوقتىنەزىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى-بىزنىڭ بىر نەزىرىيەنى توغرا دىيىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ قارشىسىدىكى مەلۇم بىر نەزىرىيەنى خاتا دىيىشىمىز كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىمىز توغرا، دەپ قارىغان نەزىرىيەگە قارشى مىساللارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەك. بۇ يەردىكى خاتالاشتۇرۇش قانداقتۇر ھەممە نەرىسىنى خاتاغا چىقىرىش ئەمەس، بەلكى بار بولغان بىلىملەرنى سىناش. مەسىلەن، قۇياشنىڭ ھەركۈنى چىقىشىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما كىشىلەر ھەركۈنى قوياش چىققانلىقىغا قاراپ قوياش ھەركۈنى چىقىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە قوياشنىڭ چىقىشىغا قارىتا بىلىم شەكىللىنىدۇ. ئەمما، قوياشنىڭ ھەركۈنى چىقىشى ئۇنىڭ مەڭگۈ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى قوياش چىقمىسا، بىزنىڭ قوياش ھەققىدىكى بىلىمىمىز خاتاغا چىققان بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۆتكەن كۈنلەردە قۇياشنىڭ چىققانلىقىغا قاراپ كەلگۈسىدىمۇ قوياش چىقىۋۋرىدۇ، دەپ قارىساق خاتالاشقان بولىمىز.

پوپپېرنىڭ مىتودولوگىيەلىك چۈشەنچىسىنى شۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ. كىشىلەر ھەر كۈنى قوياش چىقىدۇ، دەپ قارايدۇ. دىمەك، بۇ چۈشەنچە بىر خىل نەزىرىيەگە ئايلانغان. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇياش چىقمىسا، ئو ھالدا ھەر كۈنى ئەتتىگەن قۇياش چىقىدۇ، دىگەن بۇ يەكۈن خاتا بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى قۇياش چىقمىسا، ئو ھالدا بىزنىڭ قۇياش ھەققىدىكى نەزىرىيەلىرىمىز خاتا بولغان بولىدۇ ۋە بۇ نەزەرىيە باشقا بىر نەزىرىيەگە ئالمىشىشى كىرەك. بۇ سەۋەپتىن ھەرقانداق بىر نەزىرىيۋى قاراشنى خاتالاشتۇرۇش كىرەك.

شۇنىسى ئىنىقكى، ئىجتىمائىي پەنلەردە پوپپېر ئېيتقاندەك نەزىرىيەنىڭ توغرىلىقىنى سىناش بىر قەدەر تەس. چۈنكى ئىجتىمائىي ھايات دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، مەلۇم بىر ھادىسە ياكى جەمئىيەت ھەققىدە ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت ۋە ھەقىقەتلەر بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىجتىمائىي نەزىرىيەلەرنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئىسپاتلاش بىر قەدەر قىيىن.

[1] Patrick Baert, Sosyla Bilimler felsefesi(Türkçe Ümit Tatlıcan Çev), Küre Yayınlar, 2013, S.114

Scan the QR Code
QR Code Generator