2016-يىلى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى“ قىلىپ بېكىتىلدى ۋە تەبرىكلەش ئېلىپ بېرىلدى

 

 

afis__

مۇتەللىپ ئىقبال

 

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى ئىستانبۇلنىڭ تۈركىي تىلىدىكى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنى زەيتىنبۇرنۇ(Zeytinburnu)نىڭ كازىلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى يىغىن زالىدا تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدىكى بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر، ئالىم، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى. خەلقئارالىق تۈرك كۈلتۈر(مەدەنىيەت)ى تەشكىلاتى(TÜRKSOY)نىڭ ماقۇللىقى بىلەن 2016-يىلى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى“ قىلىپ بېكىتىلگەنلىك ئېلان قىلىندى.

1016-يىللىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شەھىرى بالاساغۇندا تۇغۇلغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدا يۈكسەك ئۇرۇن تۇتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1069~1070-يىللىرى ئۇلۇغ ئەسەر ”قۇتادغۇبىلىك“(بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم) ناملىق ئەسىرىنى بىر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تاماملىغان. بۇ ئەسەر دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى شېئىرى روماندۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ غەرب دۇنياسىدا ئارىستوتېلنىڭ ”غايىۋى دۆلەت“، ماكياۋىللىنىڭ ”شاھزادە“(ھۆكۈمدارلار دەستۇرى)، تۈرك دۇنياسىدا نىزامۇل مۈلكنىڭ ”سىياسەتنامە“ ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ساياھەت ۋە كۈلتۈر مىنىستىرلىكى باشلىقلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ۋە قايتا-قايتا تىلغا ئېلىندى. بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ”قۇتادغۇبىلىك“ ناملىق ئەسىرىدە ئىككى دۇنيالىق بەختنىڭ قانداق ئىرىشىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇكەممەل بىر ئەندىزىدە سىزىپ بېرىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن 2016-يىلىنىڭ ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى“ قىلىپ بىكىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە خەلقئارالىق تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى(TÜRKSOY)، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى كۈلتۈر ئۇچۇر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە بۈيۈك ئەلچىخانىسى ۋە تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار قاتناشتى. ئەڭ مۇھىمى 2016-يىلىنىڭ ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىلى“ قىلىپ بىكىتىلىشىدە يۇقىرىقى ئورۇنلار ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

بۇ قېتىملىق تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس  ”قۇتادغۇبىلىك“تىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەرنى يېقىملىق بىر ئاۋازدا ئوقۇدى. سەھنىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ئەكس ئەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەنقەرەدە 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلار ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى ۋە قىرغىزىستان دۆلەت مارشى ئوقۇلدى. ھەممەيلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى مىنىستىرلىكلەرنىڭ مەسئۇللىرى ”قۇتادغۇبىلىك“ ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە قىسقىچە، ئەمما تەسىرلىك ۋە قايىل قىلارلىق نۇتۇقلارنى سۆزلىدى. تەخمىنەن بىر سائەتلىك نوتۇقتىن كىيىن، قىرغىزىستان سەنئەت ئۆمىكى ئوپېرا نومۇرلىرىنى ئۇرۇندىدى.

بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قىرغىزىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئالاھىدە كۈچىگەن ئىدى. تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ھېچكىم يۈسۈپ خاس ھاجىپنى بىزگە تەۋە دېمىدى. ئەكسىچە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈيۈك شەخىسى، دەپ ئاتىدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا بىزدىكى بەزى كىشىلەر ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ“نىڭ تەۋەلىك داۋاسىنى قىلىشى مۇمكىن.(توغرا، بىزدە ئېلان قىلىنغان بەزى ئەسەرلەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تارىخى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.) مىنىڭ قارىشىمچە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا كىملىك كىرىزىسى پەيدا قىلىشىنىڭ ئۆزى خاتا ئىش.

چۈنكى، بىرىنچىدىن، مىللەت دېگەن ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئۇزاق بولمىدى. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان بىر كىشىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ ئۇنى مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە قىلىۋېلىشىنىڭ ئۆزى ئىلىمىي چۈشەنچە جەھەتتىكى خاتالىق. چۈنكى، مىڭ يىل ئىلگىرىكى بىر خەلق بۈگۈنكى كۈندىكى مەلۇم بىر  خەلق ئەمەس. مىڭ يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان خەلقلەر بىر-بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى ياكى بۆلۈنۈپ چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم بىر كىشىنى چوڭ دائىرىدىن مەلۇم خەلققە تەۋە قىلغىلى بولسىمۇ، ئۇنىڭ مىللىي تەۋەلىكىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق يېقىن ياكى ئەسلىدە بىر بولغان مىللەتلەر ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىش دۈشمەنلەرنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە ھەمكارلىق ۋە بىرلىك ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ھالدا ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەرنى بۆلۈپ پارچىلاش ۋە ئىدارە قىلىش سىياسىتى مۇھىم رول ئوينىغان. تۈركىي مىللەتلەر تىل، دىل، مەدەنىيەت ۋە دىن ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى بىر-بىرىدىن تەبىئىي بۆلۈنۈپ چىققان ياكى ئىستىخىيلىك ھالدا ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن خەلقلەر ئەمەس.

ئۈچىنچىدىن، ئەگەر تۈركىي مىللەتلەر زامانىۋى مىللەت بۇلۇش مۇساپىسىدە ئورتاق بىر گەۋدىنى ساقلىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك خىلمۇ-خىل مىللەتلەرگە ئايرىلىپ كەتمىگەن بۇلاتتى. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى ئازراق پەرقى سىياسەت ۋە مېدىيانىڭ رولى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان. ئوقۇرمەنلەر بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋى مىللەتنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە ياخشىراق بىر كىتاب ئوقۇپ باقسا، مېدىيا، سىياسەت ۋە مىللەت ھەققىدە ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلالايدۇ.(ئەگەر ئوقۇرمەنلەر تاپالىسا، ئانتونىي سىمىس(Anthony Smith)نىڭ ئەسەرلىرى ياكى بېنېدىكىت ئاندېرسون(Benedict Anderson)نىڭ ”تەسەۋۋرۇدىكى جامائەت“ ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ ) ئەسلىدە ئىككى يۈز ياكى يۈز يىللار ئىلگىرى ئورتاق بىر ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشقان بولسا، تۈركىي خەلقلەردە ئۇنچىۋالا كۆپ مىللەت شەكىللىنىپ قالمايتتى. بۈگۈنكى كۈندىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بىر تىلنى سۆزلىشىدە زامانىۋى سىياسەت ۋە مېدىيانىڭ رولى ناھايتى چوڭ. يەنە بىر نوقتا، ئوتتۇرا ئاسىيالىق خەلقلەرنىڭ يۈز قۇرۇلمىسى جەھەتتىن بىر ئاز پەرقلىق بولۇشى قۇمۇللۇق ياكى تۇرپانلىق كىشىلەرنىڭ خوتەنلىك كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىدەكلا بىر ئىش.

يەنە بىر ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىش شۇكى، بىزنىڭ بەزى ”ئىلمىي“ زىيالىيلىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەيلاسوپ ئەمەس، پەقەت بىر شائىر دېگەندەك گەپلەر بىلەن ”ھەقىقەت“نى تاپماقچى بولدى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە غەربنىڭ ھازىرقى زامان ئىلمىي ئۆلچەملىرىنى مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئۆتكەن بىر مەشھۇر كىشىمىزگە تەدبىقلىغانۇ، نېمىشقا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى ياكى قەدىمقى ئىلىم ھاۋاسى  بۇيىچە باھالىيمايمىز، دېگەننى ئويلىنىپ باقمىغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار پەلسەپە دەپ تەھلىل قىلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرقى يەكۈنى ”قۇتادغۇبىلىك“ تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى نۇقتىلارنىڭ كېڭەيتىلىشى خالاس. ئوقۇرمەنلەر قىزىقسا، مىنىڭ بۇ ھەقتىكى مىكرو ماقالەمنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ . ئادرېس: ../?p=238

قىسقىسى،  ئاتاقلىق بىر كىشىمىزنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى قوشنا دۆلەتلىرىمىز تەرىپىدىن سۆيۈنۈش بىلەن خاتىرلەنمەكتە ۋە ئەسلەنمەكتە. مېنىڭچە ، بار بولغان مىراسلىرىمىزنى، كىشىلىرىمىزنى قەدىرلەشنى ۋە سۆيۈشنى ئۆگىنەيلى. ئۇنىڭدىن كىيىن، غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىنى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىپ ئىلىمنىڭ نېمىلىكىنى خەلقىمىزگە بىلدۈرەيلى. مۇشۇنداق بولغاندا ئىلىم يولىنى تۇتقان بولىمىز. باشقىلارنى سۆكۈپ نام چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىللەت ئىلىم ئەھلىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز