ئىجتىمائىي پەنلەردىكى قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى

Mutellip IQBAL

ئىجتىمائىي پەنلەردىكى قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتىنى تاللاش، تەتقىقات جەريانىنى ئېلىپ بېرىش ۋە يەكۈنگە ئىرىشىش جەريانلىرىدا ئۈزىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئوبىكتىپ مەيداندا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

قاراشتىن خالىي مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. تەتقىقاتچىنىڭ ئۈزىنىڭ كۆز-قارىشىدىن خالىي ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش-بارالماسلىقى ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىدىمۇ ئىزچىل مۇنازىرىلەر بولۇپ كەلگەن. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە ئەڭ بۇرۇن قەلەم تەۋرەتكەن ئېمىل دۇركخيىممۇ تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقات جەريانىدا ئۈزىنىڭ شەخسىي كۆز-قاراشلىرىدىن يىراق بولۇشىنى تەكىتلىگەن. دۇركخيىمنىڭ كۆزدە تۇتقىنى تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىغا ئادىل مەيداندا قاراش مەسىلىسى بولۇپ، تەتقىقاتچى تەتقىقاتتىن ئىلگىرى تەتقىقات ئوبىكتى ھەققىدە شەكىللەنگەن چۈشەنچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىشى كىرەك ئىدى. مەسىلەن، قارا تەنلىكلەرنى تەتقىق قىلىدىغان مەلۇم بىر ئاق تەنلىك، قارا تەنلىكلەر نادان ۋە ياۋايى دىگەن كۆز قارىشى بىلەن تەتقىقات جەريانىغا كىرىشسە، ئو ھالدا ئىرىشىدىغان يەكۈنى جەمئىيەتتىكى چولتا قاراش بىلەن ئانچە جىق پەرقلەنمەيدۇ. چۈنكى، تەتقىقاتچى مەلۇم دەرىجىدە ناتوغرا قاراشقا ئىگە بۇلىۋالغان.

ئىجتىمائىي پەنلەردە قاراشتىن خالىي بولۇش(value free) ياكى قاراش ئاساس(value laden) مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىي ۋە نەزىرىيىۋى ئۆلچىمى بولىدۇ. قاراش ئاساس تەتقىقاتلار ئىجتىمائىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. قاراشتىن خالىي بولۇش ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل سىياسىي مەنپەئەتلەرنىڭ رىقابىتىدىن خالىي بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.[1]

بۈگۈنكى كۈندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنىڭ كۈپىنچىگە ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ياكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورۇنلىرى، شىركەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن بولىدۇ. بۇنداق بۇلىشىدىكى مەقسەت شۇ خىل ئورۇنلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە بولغان ئىھتىياجىدىن كىلىپ چىققان. بۇ دىگەنلىك، ھېچقانداق تەتقىقات قىممىتى ياكى تەتقىقاتتىن كىيىن ئىرىشىلگەن نەتىجىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى تەگمەيدىغان تەتقىقات ئاساسەن ئېلىپ بېرىلمايدۇ. تەتقىقات ئورنى ياكى ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەلۇم تەتقىقاتنى  تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەمىنلىشى قانداقتۇر مەلۇم بىر پەننى خالىسانە تەرەققى قىلدۇرۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى، ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان يەكۈن ياكى نەتىجىگە ئىرىشىشنى نىشان قىلغان بولىدۇ.

مەسىلەن، مەلۇم بىر رايۇندا نوپۇس تەكشۈرۈلگەن ۋاقىتتا، تەكشۈرۈلگەن نوپۇس ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نوپۇس سانىنى ئىنىقلاش مەقسىتىنىلا ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ. ئەكىسچە ھالدا، نوپۇسنىڭ قانچىلىك نىسپىتى قايسى بىلەن شوغۇللىنىدۇ؟ قانداق يەرلەردە نوپۇس كۆپ؟ نۇپۇسنىڭ كۈپىيىشى ياكى ئازىيىشى نىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ دىگەندەك ئاددىي سۇئاللارغا نوپۇس تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپ بىرىلگەن بولىدۇ. مىشىل فۇكاۋنىڭ سۈزى بىلەن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ جىنىسيەتنى ئەركىن قۇيىۋېتىشى بار بولغان نوپۇسنى قانداق ئاشۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ھەققىدىكى بىلىمنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئەگىشىپ ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.

ئىجتىمائىي پەن بىلىمچىلىرىنىڭ قاراشتىن ۋە مەقسەتتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى تەتقىقاتچىلار ھەر دائىم دۇچ كىلىدىغان مەسىلىدۇر. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئېمىل دۇركخيىم، ماكىس ۋېبىر، پىئېررى بوردېئۇ، يۈرگىن خابېرماس قاتارلىقلار جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسىنى خىلى كەڭ تالاش-تارتىش قىلغان.

فېمىنىست ۋە تەنقىدىي نەزىرىيەچىلەر ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھالقىلىق تەرەپلىرى ۋە ئىنسان كەچۈرمىشلىرىنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە،  بۇ ئىككى نەزەرىيە مەلۇم مەقسەت بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇلغان ئىدى. فېمىنىست ۋە تەنقىدىي نەزىرىيەچىلەر مەلۇم بىر ئىجتىمائىي ئورۇن ياكى جىنىس، ئىرق ۋە سىنىپ ئۈچۈن شەكىللەنگەن نەزەرىيەلەر ئىدى.[2] بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ھەرقانداق بىر نەزىرىيەنىڭ كىلىپ چىقىشىدا مەلۇم بىر ئىدىيۋى ئاساسنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن. مەسىلەن، فېمىنىست نەزەرىيەسى ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە قىممىتىگە قارىتا تەرەققى قىلدۇرۇلغان نەزەرىيە ئىدى.

ئادەتتە، تەتقىقاتچى تەتقىقاتىدا ئوبىكتىپ ۋە ئادىل بولدۇم، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، تەتقىقاتچىنىڭ نەزىرىدىكى ئادىللىق قەيەردىن كىلىدۇ؟ بۇ ئادىللىقنى كىم بىكىتىدۇ؟ ئەگەر مەلۇم بىر تەتقىقاتچى دىننى تەتقىق قىلىۋاتقان بولسا، دىننىڭ پەنگە ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى كۈرۈش ئارقىلىقلا دىننى خۇراپىيلىققا چىقىرىۋەتسە بولمايدۇ. ئۇنداقتا تەتقىقاتچى قىلغان تەتقىقاتىدا پۈتۈنلەي ھالدا تەتقىقات نەتىجىسىگە باھاسىز بۇلالامدۇ؟ تەتقىقاتچىنىڭ نەزىرىدە ئىرىشىلگەن يەكۈن ھەقىقەتەن تەتقىقات ئوبىكتىنىڭ ئەينى ئەھۋالىغا ماس كىلەمدۇ؟ مانا بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تەتقىقاتتىكى ئوبىكىتلىق مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر قىلىشقا بۇلىدۇ.

بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردا تەسەۋۋۇپ ھادىسىلىرى ۋە پەلسەپىسى ھەققىدە بەزى تەتقىقاتلار بولدى. ئەڭ مۇھىمى، ئىنتېرنىت ۋە كىتاب قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن كىشىلەر تەسەۋۋۇپ ياكى سۇپىچىلىق ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. سۇفىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزى قىلىۋاتقان ئىش پۈتۈنلەي توغرا بىلىنىدۇ. ھەقىقىي ئىسلامچىنىڭ نەزىرىدە سۇفىلارنىڭ قىلغان ئىشى خۇراپاتلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دىندىن خالىي تەتقىقاتچىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، سۇفىچىلىق ۋە دىننىڭ ھەر ئىككىلىسى خۇراپاتلىق ۋە نادانلىقتىن ئىبارەت.

مەن بۇ يەردە دەۋاتقان قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى، تەتقىقاتچىنىڭ پۈتۈنلەي ھالدا تەتقىقات ئوبىكىتدىن خەۋەردار بولماسلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقاتتىن ئىلگىرى ئوبىكىت ھەققىدە مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولۇشى تەتقىقاتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان مەسىلە، تەتقىقاتچىنىڭ ئوبىكىتقا قانچىلىك دەرىجىدە توغرا ياكى ئوبىكتىپ چۈشەنچە بىلەن مۇئامىلە قىلالىشى. ئەلۋەتتە، بىز بۇ يەردە ئاياللار ھۇقۇقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىغان بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئەرلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ئونۇتماسلىقىمىز كىرەك.

بىز ئىجتىمائىي بىلىملەرگە قارايدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر پەننىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارنىڭ نەزىرىيەلىرىنىڭ كىيىنكىلەر تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە تەنقىد قىلىنغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ئانتونىي گىددەنىس قۇرۇلمىلىشىش ھەققىدىكى نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتتا نورغۇنلىغان جەمئىيەتشۇناس ۋە تەتقىقاتچىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىد قىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، باشقىلارغا توغرا دەپ قارالغان نەرسىلەر سىنىڭ نەزىرىيەڭ ئۈچۈن توغرا كەلمەي قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، چىقىش نوقتىسى ۋە مەقسەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

ئىجتىمائىي پەنچىلەرنىڭ ئادىل ۋە ئوبىكتىپلىق مەسىلىسدە تارىخ كەسپىنى مىسال سۈپىتىدە ئېلىش مۇمكىن. مەسىلەن، مەلۇم بىر تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە ئوخشىمىغان تارىخچىلار ئوخشىمىغان تارىخ يازىدۇ. بەزىدە، ئىككى تارىخچى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي زىت نەرسىلەرنى يېزىشى مۇمكىن. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ تارىختا ئۆتكەن ۋەقە بىر تۇرسا! ئەمەلىيەتتە، ئوخشىمىغان تارىخچىنىڭ پايدىلىنىدىغان مەنبەسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخمۇ سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پەن بولغانلىقتىن، يېزىلغان نەرسە پۈتۈنلەي ئەينى تارىخقا ماس كەلمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى تارىخچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى يۇقاپ كەتكەن تۇرمۇشنى قايتا قەلەمگە ئېلىش بولۇپ،  قانچىلىك دەرىجىدە ئەينى ئەھۋالنى تەسۋىرلىيەلىدى، بۇ ئىرىشىكەن ماتېرىيالىغا باغلىق. تارىخنى قويۇپ، بۈگۈنكى كۈننى ئېلىپ ئېيتايلى. مەسىلەن، مەلۇم بىر كىشى ئۈزىنىڭ يۇرتىدىن ياكى دۆلىتىدىن باشقا بىر دۆلەتكە ساياھەتكە باردى ۋە ساياھەت خاتېرىسى يازدى، دەيلى. ئۇنداق بولسا، بىر كىشىنىڭ يات دۆلەت ھەققىدىكى يازغان نەرسىلىرى قانچىلىك دەرىجىدە يات دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا ماس كىلىدۇ. مىنىڭچە ئاز بىر قىسمى ماس كەلسىمۇ، كۆپ قىسمى ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر جەمئىيەت ھەققىدە بىر كىشىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرى ئارقىلىق باھا بىرىدىغان ئىش بولسا، ئو ھالدا ئىجتىمائىي پەنچىلەر تەتقىقات ئېلىپ بارماستىن سودا قىلىشى كىرەك. مەن ئالدىنقى مىسالدا سۆزلىگەندەك، ئۇيغۇرلاردىكى سۇفىزىم ھادىسىسى ھەققىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى، دىسەك، ئو ھامان، بۇ تەتقىقات يەكەن ياكى خۇتەن دىگەندەك يەرلەرگە مەركەزلىشىشى كىرەك. ئۇنىڭدىن كىيىن بەلگىلىك بىر ۋاقتنى ئىچىگە ئېلىشى كىرەك. مۇشۇنداق بولغاندىمۇ، سۇفىلار ھەققىدە بەك توغرا بىلىم ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا، يۇقاپ كەتكەن بىر تارىخىي ھادىسە ئۈچۈن، بىر نەچچە كىشىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن چىن تارىخ يېزىش مۇمكىنمۇ؟

ئۇنداق بولسا پۈتۈنلەي قاراشتىن خالىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىنمۇ؟ مىنىڭچە بومۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. چۈنكى، بىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى مەسىلە سۈپىتىدە تونۇشىمىز بۇ مەسىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزگە باغلىق. مەسىلەن، توي قىلماي بىللە تورۇش ئىسلام ئەللىرىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، جەمئىيەت مەسىلىسى. ئەمما، غەرپ دۇنياسىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا چوڭ مەسىلە ئەمەس. بۇ دىگەنلىك، ئىجتىمائىي بىلىمچىنىڭ مەلۇم بىر ھادىسىنى جەمئىيەت مەسىلىسى ياكى تەتقىق قىلىش قىممىتى بار دىيىشى ئۈچۈن ئۈزىدە مەلۇم قاراش بولۇشى كىرەك. ئۈزىدە ھېچقانداق بىر قاراش شەكىللەنمىگەن ”مەسۇم“ بىر بىلىمچى ھېچقانداق تەتقىقات ئېلىپ بارالمايدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىققا ئوخشاش مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا، چوقۇم بۇ خىل ھادىسىلەر ناچار ئشىلار سۈپىتىدە كۈرىلىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن ساقلىنىش كىرەكلىكى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.[3]

ئۇنداق بولسا، ئىجتىمائىي پەندە ھادىسە ھەققىدە قاراشتىن خالىي بولغىلى بولمىسا قانداق ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ؟ Mark Risjord بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر قاراشلار ئىجتىمائىي ئىلمىي نەزىرىيەنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالسا، ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئوبىكىتىپلىق دەرىزىدىن ئوچۇپ كەتكەندەك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئەنسىرىگەندەك، ئىجتىمائىي بىلىملەر سىياسىي زىددىيەتلەرنىڭ ئورۇش مەيدانىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ قالىدۇ.[4]

قىسقىسى، ئىجتىمائىي بىلىمچىنىڭ تەتقىقاتتىن ئىلگىرى تەتقىقات ئوبىكىتى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئىش. ئەمما، تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى، جەريانى ۋە نەتىجىسى قاتارلىقلارغا غەرەزلەر ئارىلىشىپ قالغان ۋاقىتتا، ئىرىشىلگەن يەكۈن ئوبىكتىپ بولماي قالىدۇ.

[1] Mark Risjord, Philosophy of Social Science, Routledge, 2014, p.14

[2] Mark Risjord, Philosophy of Social Science, Routledge, 2014, p.26

[3] Mark Risjord, Philosophy of Social Science, Routledge, 2014, p.28

[4] Mark Risjord, Philosophy of Social Science, Routledge, 2014, p.28

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز