يېڭى يىل ۋە كىملىك كىرزىسى

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

         1

ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا ئۈچ خىل كالىندار ئارىسىدا تېڭىرقاپ قالغان چاغلىرىم بولغان ئىدى. كىچىك چېغىمدىن باشلاپلا  مىلادىيە كالىندارى بويىچە يىل ھىساپلاپ ،يېڭى يىل ۋە باشقا بايراملارنى تەبرىكلەپ يۈرۈپ مىلادىيە كالىندارىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدىم. گەرچە ماڭا دۇنيا ھەققىدە مەنىلىك گەپلەرنى دەپ بېرىدىغان بوۋام  ھىجىرىيە كالىندارى ئىچىدە ياشىسىمۇ مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا مىلادىيە كالىندارى بويىچە پىكىر قىلىشقا تىرىشاتتى.لېكىن مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش،  ئەينى چاغلاردا بوۋامنىڭ يا ھۆكۈمەت بېسىپ تارقاتقان كالىندار ياكى بۇ ھەقتىكى باشقا قوللانما ماتىريالى  يوق ئىدى.يىل-ئاي-كۈنلەرنى ھىساپلىغاندا پۈتۈنلەي ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ھەركىتىنى كۈزۈتۈشكە تايىناتتى.بەزىدە بوۋامنىڭ ناسىر ئاخۇنۇم دەيدىغان ئالىم-ئۆلىما دوستلىرى بىلەن يۇلتۇزغا قاراپ ھېيت،بايرام ،روزى-رامازان ۋاقتى توغرىسىدا ھىساپلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ قالاتتىم.ئۇلارنىڭ ھالىتى كالىندار ۋاقىت ھىساپلاش قوراللىرىدىن زادى ئايرىلالمايدىغان بۈگۈنكى ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەمنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايتتى. ئادەمنىڭ كاللىسىدا مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىممۇ نېمە دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھىساپلاش ئۇسۇلى ھۆكۈمەت بېسىپ تارتقاتقان كالىندار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىقاتتى.گەرچە ھەريىلى قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىدا قىسمەن ئىلگىرى كېيىنلىك چىقىپ قالسىمۇ باشقا ۋاقىتلارنى ھىساپلاشتا خاتالىق چىقىپ باققانلىقى ھەققىدە بىرەر مىش-مىش ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. يۇلتۇزلارنى كۈزىتىدىغان ئىلغار قوراللار يوق،پەقەت كۆزدىن ئىبارەت ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان كۈرۈش ئەزاسىغا تايىنىپ كالىندار ھىساپلايدىغان بۇ ئادەملەر ئادەمنىڭ ھەيرانلىقى قوزمىغان تەقدىردە سەزگۈ ئەزالىرىمىزدىن گۇمانلىنىشقا توغرا كېلەتتى.
مەن تەبرىكلەيدىغان بىرىنچى قېتىملىق يېڭى يىل  مىلادىيە ھىسابى بويىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانسا، خەنزۇلارنىڭ يېڭى يىلى ھەر يىلى 1-ئاي ياكى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى يېتىپ كېلەتتى. ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندە ئۇيغۇرنىڭ يېڭى يىلى نورۇز يېتىپ كېلەتتى. بۇ ئۈچ خىل ھىساباتنىڭ ئۈچ خىل كالىندارغا مەنسۇپلىقىنى بىلسەممۇ لېكىن بوۋامنىڭ قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت قاتارلىق ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بايرام كۈنلىرىدىن باشقا بىرەر قېتىم ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە تەبرىكلەش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە كاللامدا بىرەر خاتىرە يوق ئىدى. بوۋا-بوۋام ۋە ئاتا-ئانامدىن ماڭا يېڭى يىل،تۇغۇلغان كۈن دېگەندەك ۋاقىتلارنى تەبرىكلەشكە ئائىت بىرەر خاتىرە ئېشىپ قالمىغان، ئۇلار ھەممە ئادەم تەبرىكلەيدىغان قۇربان ھېيت،روزى ھېيت دېگەن كۈنلەرنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ تەبرىكلىگەندىن باشقا  بىز كېيىنكى ئەۋلاتلارغا باشقا بىرەر ئالاھىدە خاتىرە كۈن تەسىراتى قالدۇرمىغان ئىدى.
قۇتسال زىمىن ياكى  پەيغەمبەرلەر ماكانى دەپ ئاتالغان بۇ سىرلىق زىمىنغا كەلگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ يېڭى يىل ھەققدىكى بىر نەچچە خىل تەبرىكلەش ئۇسۇلىغا داخىل بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تونۇشۇمدىكى ئۈچ خىل يېڭى يىلغا يەنە تۆت خىل باشقىچە  يېڭى يىل خاتىرە كۈنى قېتىلدى.  مەن 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسرائىلىيەگە چۈشكەن بولۇپ،بۇنىڭدىن تۆت كۈن بۇرۇن،25-سىنتەبىر يەھۇدىلار كالىندارى بويىچە يېڭى يىل ،ئىبراي تىلىدا  روش ھاشانا دەپ ئاتىلىدىغان كۈن تەنتەنىلىك تەبرىكلەنگەن ئىكەن. بۇ كۈن يەھۇدى كالىندارى بويىچە 5775-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىكەن. 2015-يىلى 14-سىنتەبىر يەھۇدىلارنىڭ 5776-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بولۇپ،شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە بويىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. بەختىمگە يارىشا يەھۇدىلارنىڭ يېڭى يىلنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تۇنجى يىلى كۆرەلمىگەن بولساممۇ ئەرەپلەرنىڭ ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە يېڭى يىلنى قانداق تەبرىكلىگەنلىكىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.مىلادىيە كالىندارى بويىچە ھىساپلىغاندا .2014 -يىلى 25-ئۆكتەبىر ھىجىريە كالىندارىنىڭ يېڭى يىل كۈنى بولۇپ، ھېجىرىيە 1436-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېكەن. شۇ كۈنى ئەرەپ مۇسۇلمان بالىلار ئۆز لايىقىدا يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى.لېكىن مەن ئۇ چاغلاردا تېخى بىرەر ئەرەپ بىلەن يېقىنراق تونۇشۇپ كەتمىگەچكە ئۇلارنىڭ بايرام تۇيغۇسى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇرغا ئېگە ئەمەس ئىدىم.لېكىن 2015-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنى قوشنام ئەرەپ مۇسۇلمان يىگىت يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى.يەنە بىر يىگىت ئۆيىدە دوستلىرى بىلەن تەبرىكلەش ئۆتكۈزدى.بۇ كۈنى ھېجىرىيە 1437-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىدى. قۇتسال زىمىنغا ئاياق بېسىپ دەل ئۈچ ئايدىن ئاشقاندا گېرمانىيەدىن كەلگەن كاتولىك دېنى مۇرىتى دوستۇم بىلەن ئوكرائىنادىن كەلگەن،ئوكرائىن كاتولىك دىنى مۇرىتىنىڭ يېڭى يىلغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم.     ئۇلار تەبرىكلىمەكچى بولغان يېڭى يىل بىلەن مىلادىيە كالىندارىدىكى يېڭى يىل ئوتتۇرىسىدا قىلچە ئوخشاشلىق يوق ئىدى.ھەتتا ئۇلار بىلەن پىراۋىسلىيان ياكى مۇتىئەسسىپ خىرىستىيانلار دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ روژدېستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان كۈنى ئوخشاپ كەتمەيتتى. 25-دىكابىر كاتولىكلارنىڭ روژدوستىۋو بايرىمى بولۇپ،بۇ كۈنى روسىيە ۋە گىرىتسىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن پىراۋىسلىيان مۇرتلىرى بايرام ئۆتكۈزمەيتتى. ئۇلار 7-يانۋار كۈنى بۇ بايرامنى قارشى ئالاتتى. ناۋادا شۇنداق ساناش توغرا كەلسە ئافرىقىدىن كەلگەن بىر نەچچە تونۇشلىرىمنىڭ يېڭى يىل بايرىمىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي كالىندارى بويىچە ھىساپلىنىپ مىلادىيە كالىندارىدىكى يېڭى يىلدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان كۈندە تەبرىكلىنەتتى.
مەن مىلادىيە كالىندارى بويىچە كېلىدىغان ۋە دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىم كالىندارى ھىساپلىنىدىغان يېڭى يىل كېلىشكە يېقىنلاشقانسىرى  <<يىلنىڭ ئىشى باھاردىن ،كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن >>دەيدىغان ئاتىلار سۆزىنى تولا  ئەسلەپ قالىدىغان بولدۇم.مەن ئېتنىك مەنبە نوقتىسىدىن نورۇز كۈنىنى يېڭى يىل،مۇسۇلمانلىق نوقتىسىدىن ھىجىرىيە 1- ئاينىڭ 1-كۈنىنى يېڭى يىل دەيدىغان كىملىك ۋە مەدەنىيەت تەۋەلىك تۇيغۇسىغا  تەۋە ئادەم سانالساممۇ  مىلادىيەنىڭ يېڭى يىلى كەلگەنسىرى يېڭى يىلنى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈش،يېڭى يىلغا يېڭى بىر قەدەم بىلەن كىرىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى مەن تەۋە بولغان مۇھىت كاللامدا ھازىرغا قەدەر مۇشۇ خىل يېڭى يىل تەبرىكلەش تۇيغۇسىنى ئۈستىن ئۇرۇنغا ئېگە قىلغان ئىدى.
ئەمما مەن ئويلاندۇرغان بىر ھال، قۇتسال زىمىنغا كەلگەندىن كېيىن تونۇشقان دوستلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى يىل ۋە ھەرقايسى بايراملار ھەققىدىكى دىنى ۋە مەدەنىيەت تەۋەلىكى بەكمۇ ئېنىق بولۇپ، ھىچكىم ئۆزى تەۋە بولمىغان مىللىي چەمبىرەك ۋە دىنى كىملىككە مەنسۇپ بولمىغان بايراملارغا قىزىقىپ كەتمەيتتى. ھەتتا مىلادىيە كالىندارىغا مەنسۇپ بولغان يېڭى يىلمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بەك مۇھىم تەبرىكلەش ئوبىكتى ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە مىلادىيە كالىندارى دىنى مەزھەپنىڭ كالىندارى ئاساسىدا كېلىپ چىققان جورجىيان كالىندارى دەپ ئاتىلىدىغان كالىندارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ۋاي دەپ كەتكۈدەك بىر كۈن ئەمەس ئىدى. قارىغاندا جوڭگۇدىن ئىبارەت دۆلەت ۋە ئۇنىڭدىكى چوڭ-كىچىك مىللەتلەردە خەلقارالىق تۇيغۇ خېلى پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، جوڭگۇدىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل ئالاھىدىلىك تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىدى.يېڭىلىققا بولغان ئىنتىلىشىمىزنىڭ كۈچلۈكلىكى بۇ ئالاھىدىلىكىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ ياكى تاشقى مەدەنىيەت بولغان ئوچۇقلۇق ئالاھىدىلىكىمىز بۇ خىل ئالاھىدىلىككە سەۋەپ بولدىمۇ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيتتى. جوڭگۇدىكى مىللەتلەر ئىچىدە مەن ئارىلىشىپ باققان نۇرغۇن خەنزۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىككى خىل بولۇپ،كۆپىنچە ئادەم ئۆز كالىندارى بويىچە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزەتتى. ئۇلارنىڭ  ئۆز كالىندارى بويىچە ھىساپلانغان تۇغۇلغان كۈنى بىلەن مىلادىيە كالىندارى ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرق بولغاچقا ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قوياتتى. قۇتسال زىمىندا ئۇچراتقان ئادەملەر ئىچىدىمۇ ئۆزىگە تەۋە كالىندار بويىچە تۇغۇلغان كۈن ھىساپلايدىغان ئادەملەر خېلى كۆپ ئىدى.لېكىن مەن تا ھازىرغا قەدەر ھېجىريە كالىندارى بويىچە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھىساپلاپ باققان بىرەر ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم.
كاتولىك مۇرىتى تونۇشلىرىم 25-دىكابىرنى بەكمۇ تەنتەنىلىك تەبرىكلەپ بولغاندىن كېيىن ئۆز قېنىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار مىلادىيە كالىندارى بويىچە ھىساپلىنىدىغان يېڭى يىلغا بەك ۋاي دەپ كېتىدىغاندەك قىلمايتتى ياكى ئۇلارنىڭ يېڭى يىلى ئاللىقاچان باشلىنىپ بولان ئىدى. مۇسۇلمان ئەرەپ دوستلىرىم ئۆزى چوڭ بىلىدىغان ۋە ئۆزى تەۋە ھېجىرىيە كالىندارىغا مەنسۇپ يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈپ بولغان ئىدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ مىلادىيە يېڭى يىلىغا بەك پەرۋا قىلىپ كېتىشى ناتايىن ئىدى. مەن بۇ يېڭى يىلنى ئادەتتىكى بىر كۈن كەبى پەرۋا قىلماي ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىدىميۇ لېكىن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئادەتلىنىپ قالغان تۇيغۇ تۈپەيلىدىن ئەڭ ئاخىرى يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم. مەن ئۆتكۈزمىگەن تەقدىردىمۇ شۇ كۈنى  ۋەتەندە قالغان نۇرغۇن دوستلىرىمنىڭ يېڭى يىل تەبرىكىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. مىلادىيە كالىندارىدىكى يېڭى يىلنى تۇرمۇشىدىكى كالىندارنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىش،نورۇزدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي كالىندارنىڭ يېڭى يىل كۈنى مىللىي بايرام سۈپىتىدە بايرام بولغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەپ قويۇش ئاللىقاچان مىللەتنىڭ ئومۇمىي پىسخىكىسىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.
پەقەت مىللەتنىڭ  ھاياتى كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمىسىلا ، ھەممە ئادەم ئادەتلىنىپ كەتكەن مەسىلىلەر بىلەن  قېرىشىپ ئولتۇرماسلىق  ئادىتىم ئىدى.  كاللامدا،ھەممە ئادەم شەرقكە كېتىۋاتسا قەستەن غەرپكە قاراپ مېڭىپ ئۆزۈمنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى بازارغا سېلىش تۇيغۇسىغىمۇ ئورۇن يوق بولۇپ، 31-دىكابىر كۈنى جابدۇنۇپ،يېڭى يىلىمنى باشقىچە بىر شەكىلدە ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى يىغىلىپ قالغان پەلەستىنگە قاراشلىق شەرقىي ئىرۇسالىم ياكى ئېروسالىم قەدىمقى شەھرىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى بويىچە قۇددۇس دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 3-مۇقەددەس جايى ئەل ئاقسا مەسچىتىنى مەركەز قىلىپ ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم.چۈنكى كېلەر يىلى بۇ زىمىندا مەن بارمۇ يوق ئايان ئەمەس ئىدى. مەككە قىبلە قىلىنىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان بۇ شەھەر ۋە بىر تۆپىلىككە جايلاشقانغان ئۈچ خىل دىننىڭ مۇقەددەس جايى بولغان،نۇرغۇن پەيغەمبەر،ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ ئىزى قالغان زىمىندا يېڭى يىل ئۆتكۈزۈپ بېقىش سىناپ بېقىشقا ئەرزىيتتى.مۇھىمى مەن 2015-يىلى قۇربان ھېيتتا  ھېيت نامىزىنى ئەلئاقسادا ئۆتەشنى قارار قىلىپ، دۇنيا مەتبۇئاتى پەلەستىن ئەرەپلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان يەھۇدىي ئەرەپ توقۇنىشى باشلىنىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا قۇددۇس شەھرىگە كېلىشتىن ۋاز كەچكەن بولۇپ،ئارىدا توقۇنۇش بېسىقمىغانلىقى ئۈچۈن قۇددۇس شەرپنى قەرەللىك زىيارەت قىلىپ تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. نويابىردىن دېكابىرغا قەدەر سوزۇلغان ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىن توقۇشنىڭ خېلى سۇسلاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. قارىغاندا توقۇشنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان قۇددۇس كونا شەھرى ۋە بۇ شەھەردىكى كىچىككىنە تۆپىلىككە جايلاشقان، بەكمۇ سەزگۈر ياكى دۇنيانىڭ نېرۋىسى دەپ قارىلىدىغان،ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس جايى جايلاشقان، ئەل ئاقسا مەسچىتىنى مەركەز قىلغان مۇقەددەس جايلارغا كىرمەك خېلى بىخەتەر ھالغا كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى. 31-چىسلا يېقىنلاشقانسىرى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بىرەر ئىش چىقىپ يول توسۇلۇپ قالمىسا دېگەن ئوي بار ئىدى.ئەلۋەتتە، مەن بارغاندا توقۇنۇش باشلىنىپ كەتسە قانداق قىلارمەن دېگەن ئەندىشىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.چۈنكى بۇ يىللىق يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى جۈمە كۈنى بولۇپ، ھەر جۈمە كۈنى  قۇتسال زىمىن مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن  نەچچە يۈز  مىڭ ئادەم جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئەلئاقسا مەسچىتىگە يىغىلاتتى. ھەر قېتىم مانا مۇشۇ كۈندە توقۇنۇش يۈز بېرەتتى. جۈمە نامىزىدا ئاللاغقا دەرتلىرىنى ئېيتىپ،قەلبى بوشاپ،كۆڭلى ئازادىلىشىپ،ئۆزىنى يېنىك ۋە تېتىك ھىس قىلىپ تالاغا چىققان مۇسۇلمانلار پات-پات يانار تاغدەك پارتلاپ سالاتتى. مانا مۇشۇنداق بىر كۈندە يېڭى يىلنى مۇشۇ سەزگۈر جايدا ئۆتكۈزۈش كەم تېپىلىدىغان پۇرسەت ئىدى.
ئاخىرى يېڭى يىل ھەققىدىكى مىللىي كىملىك،مەدەنىيەت چەمبىرىكى قاتارلىق ئامىللارغا باغلانغان خىياللارنى باشقا بىر قايغا قايرىپ قويۇپ، قۇددۇس شەھرىگە بارىدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا چىقتىم. مەن تۇرىۋاتقان خەيفا شەھرى بىلەن قۇددۇس شەھرىنىڭ تۈز سىزىق بويىچە ئارىلىقى 80 نەچچە كىلومېتىر كەلسىمۇ،ئاپتوبۇس تېلاۋىپقا بېرىپ ئاندىن قۇددۇس شەھرىگە قايرىلىدىغان بولغاچقا ماڭىدىغان مۇساپە 140 كىلومىتىرغا يېتەتتى.ئاپتۇبۇس بىكەتتىن چىقىپ بىر تەرىپىدە كۆپ-كۆك ئاق دېڭىز سۇزۇلۇپ ياتقان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولغا چىقتى.كۆپ ئۆتمەي ئاسماننى بۇلۇت قاپلىغاندەك بولۇپ، ئاپتوبۇس ئىچى سەل خىرەلىشىپ شاقىراپ يامغۇز قۇيىۋەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيغۇ بىلىمى بويىچە ئېيتقاندا بۇ بىر يولى ئوچۇقلۇقتىن بىشارەت بولۇپ، پۈتۈن زىمىننى يۇيىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ كۆڭلۈم كۆرۈرۈپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ سەزگۈر جايلىرىدىن بىرى ھىساپلانغان پەلەستىن ۋە ئىسرالىيە پايتەختىمىز دەپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان، پەلەستىنگە تەۋە،ئەرەپلەر نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللىگەن مۇقەددەس تۇپراق ياكى قۇتسال زىمىن دەپ ئاتىلىدىغان جايغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى كۈنلۈك سەپىرىم باشلاندى. مەن بۇ ئىككى كۈننىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بۇ يازمىغا پەلەستىندە ئىككى كۈن دەپ ماۋزۇ قويدۇم.

2

سەپەر جەريانىدا خىيال قىلىش ۋە مەن يولۇقتۇرغان جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىش مۇھىم ئادەتلىرىمدىن بېرى ئىدى. خەيفادىن قۇددۇسقا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان مۇساپە مېنىڭ قۇتسال زىمىنغا قەدەم قويغاندىن بۇيان ئۇچراتقان بەزى جىددىي مەسىلىلىرىم ھەققىدە ئەركىن-ئازادە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا يىتەتتى. بۇ بىر يىلدىن بۇيان مېنى ئەڭ قىينىغان ۋە ئايىقى چىقمايدىغان گاڭگىراشلاش ئىچىگە تاشلىغان مەسىلە كىملىك ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى مەسىلىسى ئىدى.
مەن چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئەسئەت سۇلاي،زۇلپىقار بارات قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سەركىللىرىنىڭ كىملىك ۋ تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم.لېكىن ئۆزۈم باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغانلىقى تۈپەيلىدىن بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر ئالالمىغان،پەقەت زۇلپىقار باراتنىڭ بۇلغانغان كىملىك ئېنىقلىمىسى ھەققىدە بەزى خىياللاردا بولغان ئىدىم، لېكىن بەكمۇ چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. چۈنكى مەن ۋەتەندىكى كىملىك،تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە پەرقلەندۈرەلمەسلىك مەسلىسىدىن كۆرە پەرقلەندۈرۈشنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان  ئالاھىدە مۇئامىلىگە بەكراق يولۇققان ئىدىم. 17 ياشتا كىملىككە ئېرىشكەندىن بۇيان كىملىكىمنى يېنىمدىن ئاجرىتىپ باققانلىقىم ھەققىدە بىرەر ئەسلىمەم يوق. ئۆزۈم ھەققىدە ئاساسىي ئۇچۇرلار ۋە جوڭگۇدىكى قايسى ئادەملىكىم ھەققىدە تەمىنلەنگەن نومۇر خاتىرلەنگەن ئالقانچىلىك كېلىدىغان سۇلياۋ كارتا يېنىمدا تۇرغىنى تۇرغان ئىدى.چۈنكى كوچىغا چىققاندىن تارتىپ،بىر يەرلەرگە كىرگۈچە بولىدىغان بارلىق جەريانلارغا مەندىن كۆرە كىملىكىم بەكراق لازىم بولاتتى. ئايىقى چىقمايدىغان كىملىك ئېنىقلايدىغان جەدۋەللەرنى توختىماي تولدۇرۇشقا مەجبۇر ئىدىم. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار جوڭگۇدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە قارىغاندا پىزولوگىيە نوقتىسىدىن بەكمۇ ئېنىق پەرقكە ئېگە بولۇپ، تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا كىملىكىنى پەرقلەندۈرمەك،قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇۋالماق بەكمۇ تەس ئەمەس ئىدى.
قۇتسال زىمىنغا كەلگەندىن كېيىن كىملىك كارتىسى كىرزىسىدىن كۆرە،تېخىمۇ ئېنىق ۋە مۇرەككەپ بولغان كىملىك كىرزىسىگە دۇچ كەلدىم. قۇتسال زىمىندا بىر يىل ياشاش جەريانىدا كىملىك كىرزىسىنى تولۇق ھىس قىلدىم.
مەن تېلئاۋىۋتىكى بىن گۇرىئان ئايرۇپورتىدىن چىقىپلا ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر دۇنياغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم. جوڭگۇدىكى ۋاقتىمدا  مەيلى بېيجىڭ،شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە باراي، ياكى ئۈرۈمچىدە تۇراي قويلار ئارىسىدىكى ئۆچكىدەك بىلىنىپ قالاتتىم. ساقچىلار نۇرغۇن ئادەم ئارىسىدىن ئۇدۇل مېنى تەكشۈرگىلى كېلەتتى. قۇتسال زىمىندا بۇ خىل قوي ئارىسىغا ئۆچكە كىرىپ قالغاندەك پىزولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش بېسىمىدىن قۇتۇلغان ئىدىم.بۇ زىمىندىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ تەققى تۇرقى ماڭا ئوخشاپ كېتەتتى. لېكىن شەرقىي ئاسىيالىق ياكى جوڭگۇچە پىزولوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئېگە ئادەملەر قوي توپى ئىچىدىكى ئۆچكە ئورنىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ،بۇ خىل كىشىلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ قالماي تونۇۋالماق بەكمۇ ئاسان ئىدى.  شۇ سەۋەپتىن پەقەت مەن پاسپورتۇمنى چىقىرىپ مەن جوڭگۇلۇق دېگەن چاغدىلا تۇنجى كاشىلا كۆرىلەتتى.نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆزلىرى گۇمان بىلەن ماڭا تىكىلەتتى.مەن تاموژنىدىن ئۆتكەندىمۇ تاموژنا ساقچىسى ئۈستى-بېشىمدىن جوڭگۇچە ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا خەنزۇچە پىزولوگىيەلىك  ئالاھىدىلىك تاپالماي،مېنىڭ سالاھىيىتىمدىن گۇمانلىنىپ مېنى مەخسۇس تەكشۈرۈىدىغان ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن،نەچچە سائەت ۋاقتىم سۇئال-سوراقتا ئىسراپ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئىسرائىلىيەگە كېلىپ بىرىنچى يولۇقتۇرغان كىملىك مەسىلىسى دىنى تەۋەلىك تۇيغۇسى بولدى.مەن گەرچە مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشاش ھالال-ھارام تۇيغۇسى ۋە  ھالال-ھاراملىقنىڭ قاتتىق  قائىدە –تۈزىمىگە ئېگە  يەھۇدىلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان،ھارام نەرسىلەرنى تاپماق تەس بولغان بىر زىمىندا ياشاشقا باشلىغان ،يىمەك-ئىچمەكتىن قىينالمىغان بولساممۇ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدىم. مۇسۇلمان بولغىنىم بىلەن ھىجىرىيە كالىندارىدىن خەۋەرسىز ۋە ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە يېڭى يىلنى تەبرىكلىمىگەنلىكىم تۈپەيلىدىم تەۋەلىك نوقتىسىدا مۇسۇلمانلارغا ئارىسىغا قېتىلالمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. چۈنكى بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ دىنى كىملىكى بويىچە تەۋەلىككە ئايرىلغان ئىدى.بۇ يەردە مىللەتتىن كۆرە دىنى كىملىك بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى. يەھۇدىلارمۇ دىنى كىملىك ئاساسىدا شەكىللەنگەن مىللەت ياكى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ مىللىتى ئىدى.يەھۇدى دېگەن گەپ لوگىكا نوقتىسىدىن مۇسۇلمان دېگەن گەپ بىلەن ئۈستىمۇئۈستى چۈشەتتى. شۇڭا بۇ يەردە كىشىلەر ئەڭ ئاۋال دىنى كىملىك بويىچە ئۆزلىرىنىڭ چەمبىرەكلىرىگە ئايرىلاتتى. مۇسۇلمانلار بىر توپ، خىرىستىيانلار بىر توپ،دىروزلار بىر توپ،يەھۇدىلار بىر توپ،باھايىلار بىر توپ بولۇپ ياشايتتى.دىروز ۋە خىرىستىيان ئەرەپ،مۇسۇلمان ئەرەپ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئورتاق بولسىمۇ ئۆزىنى ئۈچ خىل توپ دەپ ھىساپلايتتى ياكى ئايرىم تەۋەلىككە ئېگە دەپ ھىساپلاييتتى. ھېيت-بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى مۇشۇ كىملىككە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلەتتى.
قۇتسال زىمىنغا كېلىپ ئۈچ ئاي بولغاندا سىپرۇستىن كەلگەن بىر خىرىستىيان مۇرىتى ماڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىدى،ئۇ تۇرمۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا ئېنگىلىزچە ئېغىز تىلىمنى مەشق قىلىشقا ياردەم بېرەتتى. مەن ئۇنى ئاستا-ئاستا دوستۇم دەپ تونۇيدىغان بولدۇم.لېكىن بىر كۈنى ئۇ ناھايىتى سىرلىق قىلىپ:
-سېنىڭ ناھايىتى ياخشى ئالىم ئىكەنلىكىڭگە قول قويدۇم.قەدىمقى يۇنان مەدەنىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچەڭ مېنى تەسىرلەندۈردى.مەن گىرىك تۇرۇپ سەن بىلگەندەك بىلمەيدىكەنمەن. سەنئەت ھەققىدە كۆپ ئورتاقلىقىمىز بار ئىكەن.ساڭا مۇشۇ بىلىملەردىنمۇ مۇھىم بىر ھاياتلىق بىلىمدىن دەرس بەرسەم ياكى مۇشۇ بىلىملەر ھەققىدىكى كىتابلار بىلەن تەمىنلىسەم قانداق دەيسەن؟-دېدى.
مەن دەسلەپتە ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى بەكمۇ ئېنىق چۈشۈنەلمىدىم.كوچىلاپ سورىۋىدىم ئۇنىڭ ماڭا ئۈگەتمەكچى بولغىنى خىرىستىيانلىق ،بەرمەكچى بولغىنى ئىنجىلنى چۈشەندۈرىدىغان كىتاب بولۇپ چىقتى.
-ھاجەت ئەمەس ،-دېدىم مەن ،-مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمەن.
-شۇنداقمۇ ،-دېدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن،- لېكىن ھازىرغا قەدەر سېنىڭ مەسچىتكە بارغىنىڭنى كۆرۈپ باقمىدىمغۇ؟كەچۈر،مەن تېخى سېنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىڭگە قاراپ خىرىستانلىققا تەرەققى قىلدۇرۇشقا تازا ماس كېلىدىكەن دەپ ئويلاپتىمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە مېنى ئۆزى ئۇچرىتىپ قالغان بىر مەسچىتنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويدى ۋە قايتا خىرىستىيان دىنى ھەققىدە گەپ تەشمەس بولدى.ماڭا بولغان يېقىنچىلىقىمۇ شۇ ھامان خېلى زور دەرىجىدە پەسكويغا چۈشتى. گىرىك يىگىتنىڭ بۇ ئىشى مېنىڭ كىملىك ھەققىدىكى ئويلىرىمنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى. مېنىڭ ھەركەتلىرىمنىڭ خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلغان بىر ياشنىڭ قەلبىدە ئۈمىد پەيدا قىلغانلىقى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك ۋەقە ئىدى.
ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئافرىقىلىق بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ ،ئۇ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى:
-سەن يەھۇدىمۇ؟
-ياق،مەن جوڭگۇدىن كەلدىم. –دەپ جاۋاپ بەردىم مەن.بۇ يەردە مەن ئۇنى مىللەتنى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.
-مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم سەن جوڭگۇدىن كەلگەن يەھۇدىمۇ؟
-ياق، مەن مۇسۇلمان،مەن ئۇيغۇر ،-دەپ جاۋاپ بەردىم سەزگۈرلىشىپ،-نىمىشقا شۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىڭ؟
-نەچچە ۋاقىتتىن دىققەت قىلسام،سەن مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىلارغا ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يىمەيدىكەنسەن، ئەرەپ مۇسۇلمان بالىلار بىلەن يۈرگىنىڭنىمۇ كۆرمىدىم.شۇڭا يەھۇدى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.چۈنكى  يەھۇدى بىلەن مۇسۇلماننى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلىش، يەھۇدى چوشقا،ئېشەك قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى يىمەيدۇ،لېكىن ھاراق ئىچىدۇ. قانداق چاغدا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقمايسەن. مۇسۇلمان ھاراق ئىچمەيدۇ. قاچان ئىبادەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق،پەرقلەندۈرمەك ئوڭاي.
مەن ياشايدىغان قورۇدا قانچىلىك چەتئەللىكنىڭ بارلىقى ئېنىق ئەمەس.لېكىن بىرەر مىڭغا يېقىن ئادەم باردەك تۇيغۇ بېرىدۇ.مۇھىمى بۇ كىچىك جەمىيەت ناھايىتى ئۆزگىچە،سەن ئۇلارنى كۈزەتكەندەك ئۇلارمۇ سېنى كۈزىتىدۇ ۋە ساڭا باھا بېرىدۇ.سېنىڭ تەۋەلىكىڭ ۋە كىملىكىڭ ھەققىدە پىكىر قىلىشىدۇ.ئافرىقىلىق قارا تېرىلىك دوستۇمنىڭ سۇئاللىرى ئەنە شۇ كىچىك جەمىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ مەن ھەققىدىكى مۇھاكىمىسىنىڭ كىچىككىنە ئەكس ساداسى ئىدى.
ھەقىقەتەن يەھۇدىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم پەرقلەر ئافرىقىلىقنىڭ دېگەن سۆزلىرىدە تولۇق ئەكس ئېتەتتى. مەن قۇددۇس شەھرىدىكى قەشقەر ۋە خوتەننىڭ خانىم-قىزلىرىدەك ئۆزلىرىنى مەھكەم ئوراپ،كەمتىرانە ھالدا يۈرگەن ئاياللارنى كۆرگەندە مۇسۇلمان ئاياللىرى بولسا كېرەك دەپ ھەيران قالغان،لېكىن ئۇلارنىڭ يېنىدىكى يەھۇدىغا خاس بولغان قارا شىلەپە ۋە قارا كاستوم بۇرۇلكا ،ئاق كۆينەك كىيىپ ،ئىككى مەڭزىگە چاچلىرىنى ساڭگۇلۇتۇپ قويغان يەھۇدى ئەرلىرىنى كۆرۈپ بۇ ئويۇمدىن يانغان،نېمە دېگەن ئوخشاشلىق بۇ دەپ ھەيران قالغان ئىدىم.
شۇندىن  كېيىن يەنە نۇرغۇن سۇئاللارغا دۇچ كەلدىم.جوڭگۇدىن كەلگەنلىكىمنى ئاڭلىغان ھامان سوئال سورىغانلار بەزى بىمەنە گەپلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاشقا باشلايتتى.
-سەن چاشقان يەپ باققانمۇ؟
-سەن مۈشۈك يەپ باققانمۇ؟
-سىلەر بالا ھەمرىيىنى يەمسىلەر؟
بۇ سۇئاللارنى مېنىڭ جوڭگۇلۇق كىملىكىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.لېكىن مېنىڭ خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىغان تۇرقۇم ئۇلاردا سۇئال سۇراش جاسارىتى پەيدا قىلغان ئىدى.
قىسقىسى،قۇتسال زىمىنغا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ پىزولوگىيەلىك كىملىكىم مۇھىم مەسىلە بولۇشتىن قېلىپ تەۋەلىك كىملىكىم مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. قىسقىسى ئۆزۈمنى كىم دەپ تونۇش ۋە كىملىكىمگە مەنسۇپ ھەركەتلىرىم ئارقىلىق كىملىكىمنى ئىسپاتلاش بۇ يەردىكى كىملىك زىددىيىتىنىڭ يادروسى ئىدى.
ئەلۋەتتە،بىر كۈنى بىر يەھۇدى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق.ئۇ مېنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان كىملىكىمنى بىلىپ شۇ ھامان تېمىنى مۇسۇلمانلىق ئىچىدىكى تەۋەلىك مەسىلىسىگە بۇرىدى. ئۇنىڭ سۆزىدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى مۇسۇلمان دېيىش چوڭ كىملىك بولۇپ،قانداق مۇسۇلمانلىقىڭ،ۋاھابىمۇ،سوپىمۇ ياكى ئاللىقانداق باشقا خاھىشقا ئېگە بولۇش بولماسلىقىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى تۈرگە ئايرىيدىغان  ئىنچىكە بەلگىلەر ئىدى.

3

ئاپتۇبۇس  قۇدۇس شەھرىگە كىردى.قۇددۇس كونا شەھرىگە بارىدىغان ترامۋاي توختاپ كەتكەن بولۇپ،مەن بارغانسىرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ ئىلاجىسىز تاكسى توسۇشقا مەجبۇر بولدۇم، بۇ يەردە تاكسى توسۇشنىڭ باھاسى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر بولۇپ، قۇددۇس شەھەرلىك مەركىزى ئابتوبۇس بېكىتىدىن قۇددۇس كونا شەھرىگە بارىدىغان ئارىلىق پەقەت ئۈچ كىلومىتىردەك كەلسىمۇ تاكسى توسسا 50 شېكەل ئەتراپىدا پۇل كېتەتتى.ھازىر بۇ 80 يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلەتتى.ئاپتوبۇس ۋە ترامۋاينىڭ باھاسى پەقەت 6 شېكەل بولۇپ بەك قىممەت ئەمەس ئىدى.
مەن تاكسىغا چىققاندىن كېيىن بارىدىغان مەنزىلنى دەپ بەردىم.شوپۇر دەرھال ماشىنى تۇرمۇزلىدى.
-كەچۈر،مەن كونا شەھەرگە كىرەلمەيمەن.
-نىمىشقا ؟-ھەيران قېلىپ سورىدىم.
-بىز يەھۇدى شوپۇرلار كىرسەك ئەرەپلەر تاش ئاتىدۇ.
تالادا يامغۇر ئەدەپ كەتكەن ئىدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ قالسام سۇغا چۈشكەن مۆشۈكتەك بولۇپ قالىدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. ئاخىرى شوپۇر مېنى دەمەشىق قوۋۇقى يېنىغا ئاپىرىپ قويۇپ يېنىپ كېلىدىغان بولدى.مەن شۇ قوۋۇقتا چۈشۈۋالسام يېقىن ئەتراپتىكى بىرەر ماگىزىن ياكى قەھۋەخانىغا كىرىپ دالدىلىنىپ تۇرۇش  ئىمكانىيىتى بار ئىدى. لېكىن مەن بارىدىغان مېھمانخانىدىن 400 يۈز مېتىردەك بۇرۇن چۈشۈۋالغان بولاتتىم.
مەن شوپۇرغا سەپ سالدىم. ئۇ تىپىك ئوتتۇرا شەرق چىراي بىر يىگىت ئىدى. قۇتسال زىمىنغا قەدەم قويغىلى ئىككى يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ قايسى يەھۇدى،قايسى مۇسۇلمان،قايسى خىرىستىيان ئايرىۋالالغۇدەك بولمىغان ئىدىم.
-مەن ھېلىمۇ يەھۇدىلار بىلەن ئەرەپلەرنى پەرقلەندۈرەلمەيمەن. ئۇلار سېنىڭ يەھۇدى ئىكەنلىكىڭنى قانداق بىلىۋالىدۇ؟
– سەنمۇ بۇ زىمىندا ئالتە-يەتتە يىل ياشىساڭ پەرقلەندۈرىدىغان بولۇپ قالىسەن.گەرچە  ئەرەپ بىلەن يەھۇدى بىر ئاتىنىڭ بالىللىرى بولسىمۇ،تەققى-تۇرقى ئوخشاپ تۇرسىمۇ ئۇلار يەنىلا زور پەرققە ئىگە.تەۋەلىك ئۇلارنىڭ پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىز بىر قاراپلا كىمنىڭ ئەرەپ كىمنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىۋالالايمىز.ئۇلارمۇ بىر قاراپ كىمنىڭ يەھۇدى كىمنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىۋالايدۇ. قەلبىمىز تۇيىدۇ.
-لېكىن سەن ماشىنىدا تۇرساڭ،ئۇلار قانداق بىۋالالايدۇ؟-دېدىم كوچىلاپ.
-ئەرەپ بىلەن يەھۇدىنىڭ ماشىنىسىنىڭ مېڭىش شەكلى ئوخشىمىسا كېرەك،-دەپ كۈلۈپ كەتتى يىگىت.
مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.
شۇنداق قىلىپ پەلەستىنگە بولغان ئىككى كۈنلۈك ساياھىتىمنىڭ تۇنجى قەدىمى ئوڭۇشلۇق ھالدا بېسىلدى. بىز بىلىپ-بىلمەي پەلەستىنگە كىرىپ كەتتۇق.دەمەشىق ئىشىكى يامغۇردا باغرىنى ئاسمانغا تۇتۇپ سۇس تۇمان ئىچىگە غەرىق بولغان ئىدى.

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز