نامراتلىق دېگەن نېمە؟

 

Emily-Vuong-30.5.14-Measuring-global-poverty

مۇتەللىپ ئىقبال

 

نامراتلىقنىڭ شەخسىي ۋە جەمئىيەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. بىز نامراتلىقنى كۆپىنچە شەخس نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلىنىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتكە نامراتلىق ھەققىدە سوئال قويمىغان.

نامراتلىقنىڭ ياخشى ھادىسە ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ سەۋەبتىن نامراتلىقتىن قېچىپ بايلىققا تەلپۈنۈمىز. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر تېخىمۇ باي بولۇشىنى كېچە-كۈندۈز خىيال قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ. تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش، تېخىمۇ ياخشى ياشاش، تېخىمۇ كۆپ مال-دۇنياغا ئېرىشىش… مانا بۇلار بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئورتاق خىيالى.

نامراتلىق بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بىز نامراتلىقتىن نېمىشقا قاچىمىز؟ ئەمەلىيەتتە نامراتلىقتىن قېچىشىمىز جاپالىق تۇرمۇشتىن قېچىش بىلەن باراۋەر. نامراتلىق كىشىنىڭ ھاياتىغا ئوڭۇشسىزلىق، جاپا، مېھنەت ۋە بالا-قازالارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەممە كىشىنى نامراتلىقتىن قېچىپ باي بولۇشقا، بۇ ئارقىلىق ھالاۋەت كۆرۈشكە ۋە ئازادە ياشاشقا ئىنتىلىدۇ.

نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان كۆپىنچە بالىلار بەدەن جەھەتتە ئاجىز، ئوزۇقلۇق كەم بولىدۇ. نامراتلىقتا تۇرمۇشىنىڭ بېسىملىرى كۆپ بولغاچ بالىلار ئوقۇشتىن ئوڭايلا زېرىكىدۇ ياكى پۇل تاپقۇسى كېلىدۇ. بالىلارنى قۇيۇپ تۇرايلى. قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ نامراتلىقتىن بىر ئۆلۈش ھەسسىسىنى ئالىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەر خىزمەت بولمىسا، مائاش بولمىسا، ھاياتى ھەقىقەتەن ئاۋارىچىلىك ۋە تەھدىت ئىچىدە قالغان بولىدۇ. قىسقىسى، نامراتلىق ئىقتىدارسىزلىق، بېسىم، كېسەللىك ۋە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پۇلى بار كىشىلەر دائىم ئوزۇقلۇق قىممىتى مول مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا، پۇلى يوق كىشىلەر ئوزۇقلۇقى يوق ياكى تەركىبىدە بۇلغانما ماددىلار كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن نامراتلارنىڭ سالامەتلىكى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ.

بايلار ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، نامراتلارنىڭ ۋاقتى پۈتۈنلەي باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. بىر باي ئەتە نېمە قىلىشنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەمما، نامرات كىشى بۇ ھەقتە كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋاقتى ئەتە ئۇنىڭغا پۇل بېرىدىغان كىشى تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان بولىدۇ.

باي كىشىلەر مەلۇم دەرىجىدە چېنىقىش سورۇنلىرىغا بارالايدۇ. ئەمما، نامرات كىشىلەر ۋاقتى بولمىغانلىقى تۈپەيلى چېنىقىش سورۇنلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نامرات كىشىلەردە چېنىقىش ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ بالانسى بۇزۇلغان بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلىرى باي ئەللەردە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكى نامرات رايوندىكى كىشىلەرگە قارىتا خىلى يۇقىرى. بۇ ئەلۋەتتە ئىقتىساد بىلەن تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

نامراتلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولىدۇ. دائىم شەھەرلەردىكى ئەرزانچىلىق بولغان يەرلەردە ۋە زەردارلار بېرىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان يەرلەردە ياشايدۇ. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىكى ئات مەيدانى ۋە ۋاڭجىيالىياۋ دېگەندەك. نامراتلار ياشايدىغان شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا جەمئىيەت بىخەتەرلىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. جىنايەتمۇ كۆپ سادىر بولىدۇ.

نېمىشقا نامراتلىق مەۋجۇت بولىدۇ؟ بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نامرات كىشىلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەن بولىدۇ. نامرات كىشىلەر ھۇرۇن بولىدۇ؛ نامرات كىشىلەر ئىرادىسىز بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نامرات كىشىلەردە ئىقتىدار ۋە تالانت بولمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، نامرات كىشىلەرنىڭ نامرات بولىشىدىكى سەۋەبى جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماھارەت ۋە پۇرسەتلەرنىڭ بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نامرات كىشىلەر ئىشلارنى ئەقلىي ئويلىنىپ قىلمايدۇ. نامرات كىشىلەر ئەپسانە ئىشلارنى تولا قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ھەر بىر كىشى تۇغۇلغان ۋاقتىدا مەلۇم بىر ئائىلە، مەلۇم بىر سالاھىيەت ۋە دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا، نامرات ئائىلە ۋە رايوندا تۇغۇلۇپ قېلىش بىلەن باي رايوندا تۇغۇلۇشىنى تاللىغىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، تۇغۇلغان ۋاقىتتا ”تەقدىرىنىڭ پېشانىگە پۈتۈلۈش مەسىلىسى“ ئەمەلىيەتتە ئىنسان تۇغۇلغان مۇھىت ۋە سالاھىيەتتىن قالقىپ چىقىش ۋە چىقالماسلىق مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر كىشى نامرات بىر ئائىلە ياكى دۆلەتتە تۇغۇلغان بولسا، ئۇنى نامراتلىقى تۈپەيلى ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە ئىنسانسىزلىقتىن ئىبارەت. يەنە ھاياتىنىڭ كىينكى قىسىملىرىدا نامراتلىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىمۇ تىللىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھېچكىم نامراتلىقنى ئۆزى خالىمايدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن نامراتلىقنىڭ ئۆلچمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى دۆلەتلەردە نامرات ھېسابلانغان كىشى بەزى دۆلەتلەردە باي ھېسابلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئامېرىكىدا بىر كىشى بىر ئايلىق مائاشىغا تۆت-بەش دانە ئايفون ئالالايدۇ. ئەمما، جۇڭگودا ئىككى ئايلىق مائاشنى قوشقان ۋاقىتتا ئاندىن بىر دانە ئايفون ئېلىش مۇمكىن.

چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نامراتلىقنىڭ كېلىپ چىقىش ئۆلچىمىنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن ئىزاھلاش مۇمكىن. بىرىنچىسى، شەخس نۇقتىسىدىن؛ ئىككىنچىسى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن؛ ئۈچىنچىسى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى نۇقتىسىدىن.

بىر كىشى ھۇرۇنلۇقىدىن، بوشاڭلىقىدىن، ئىرادىسزلىكىدىن ۋە قابىلىيەتسىزلىكىدىن نامرات بولۇپ قالغان بولسا، ئو ھالدا نامراتلىق بۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىكى ئىش. ئو ھالدا نامراتلىق كىشىنىڭ مەسىلىسى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى بولمايدۇ.

نامراتلىق كىشى ياشىغان مەدەنىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەلۇم بىر مەدەنىيەت كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىشىغا ۋە بېيىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن. يەنە بەزى مەدەنىيەتلەر پۇل تېپىشنى تۇسىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇددا دىنى كىشىنىڭ ئاددىي-ساددا ياشىشىنى دۇنيانىڭ ئىشىغا بېرىلمەسلىكىنى تەرغىب قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا بۇددا دىنى كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا كىشىلەرنىڭ بايلىققا ئىنتىلىشى دەھرىي بىر مۇھىتتا پۇلنىڭ تەڭرىنىڭ ئورنىغا چىقىپ چوقۇنۇش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان.

داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ماكس ۋېبىر پروتېستان دىنىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ باي بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن باغلىغان. پروتېستان دېنىنىڭ كالۋېن مەزھىپى كىشىلەرنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۆپلەپ يول قويغانلىقى تۈپەيلى بۇ دىنغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر باشقا دىندىكىلەر باي بولغان ۋە كاپىتالىستىك پائالىيەتلەر بىلەن كۆپ شۇغۇللانغان.

نامراتلىقنىڭ ئەڭ چوڭ يىلتىزى جەمئىيەتتە بولىدۇ. ئەگەر جەمئىيەتتە قىلىدىغانغا خىزمەت، پۇل تاپىدىغانغا پۇرسەت بولمىسا، جەمئىيەت ئەزالىرىغا ئورتاق مۇئامىلە قىلماي، مەلۇم بىر كىشى ياكى مىللەتكە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ باراۋەرسىزلىك كېلىپ چىقسا، ئو ھالدا نامراتلىق جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەت كىشىلەرنى يېتەرلىك دەرىجىدىكى مائارىپ سەۋىيەسىگە ئىگە قىلمىسا، كىشىلەرگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرمىسە، ئو ھالدا نامراتلىق جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى بولىدۇ. بىر جەمئىيەتتە نەچچە مىڭ كىشىنىڭ نامرات بولۇشى شەخسىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە يۈز كىشى، مىڭ كىشى نامرات بولسا، بۇ شەخسىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە يۈزمىڭلاپ كىشى نامرات بولسا، ئو ھالدا بۇ شۇ جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە جەمئىيەتتىكى مەلۇم كىشىلەر شۇ جەمئىيەتتىكى بايلىقنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىغا ساھىپلىق قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەنگلىيەدە مىڭ باي كىشى جەمئىيەت بايلىقىنىڭ %30نى تەشكىل قىلىدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە بايلىق مەلۇم كىشىلەرنىڭ قۇلىغا يىغىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى كۆپ سانلىق كىشى نامرات پېتى ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

قىسقىسى، نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنى شەخسىتىنلا ئىزدەشكە بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى جەمئىيەت تۆزۈلمىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە شەخسىنىڭ پۇل تېپىشىنى چەكلەيدىغان ئامىللار ئاساسەن يوق دېيەرلىك. بەزى كىشىلەرنىڭ نامرات بولۇشىنى ئەلۋەتتە، شەخسىي ۋە جەمئىيەت مەسىلىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

 

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز