پۇل، پۇل، پۇل

stock-footage-money-pit-vortex

 

مۇتەللىپ ئىقبال

 

پۇل ھەقىقەتەن ئەسكى نەرسىمۇ؟ بۇ ھەممىز ئويلىنىپ باققان مەسىلە.

بۈگۈنكى كۈندە پۇلسىز ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئىنىق. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە ۋىجدان، ئەخلاق بولمىسا، ياشىغىلى بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە پۇل بولمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر ئەخلاق، ۋىجدان دېگەنگە ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە جىنايەت يۈز بەرسە جىنايەتچى يىتەرلىك دەرىجىدىكى تەن، ۋىجدان ۋە روھىي جازاغا ئۇچرايتتى. زامانىۋى جەمئىيەتتە پۇل بىلەن بەزى جىنايەتلەرنى جازاسىنى ئۈتىگىلى بۇلىدىغان بولدى. بۇ مەنىدە پۇل جىنايەتنى يۇيغىلى بۇلىدىغان نەرسىگە ئايلاندى.

ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە پۇل بولمىسىمۇ، ئائىلە ۋە جامائەت ئىچىدە مەلۇم دەرىجىدە جان باققىلى بۇلاتتى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە يەيدىغان، ئىچىدىغان، ياشايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۈملىدىن، ئىنساننىڭ بارلىق ئىھتىياج، ھاۋايى-ھەۋەس ۋە زوقلىنىشلىرى پۇل ئۈستىدە چۆرگىلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئوقۇيمەن دېسىمۇ پۇل، بىلىم ئالىمەن دېسىمۇ پۇل. تېلۋوزۇر كۆرىمەن، دېسىمۇ پۇل. ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىمەن، دىسىمۇ پۇل. دېمەككى، ئىنساننىڭ بارلىق پائالىيتى پۇلنىڭ چاقى ئۈستىدە يورغىلايدۇ.

زامانىۋى دەۋردە، پۇل خەجلىشىمىز بىز توغۇلغاندا دۇختۇرخانىدا باشلىنىشى مۇمكىن. توغۇلۇش پۇل بىلەنلا بولماستىن، ئۆلۈشمۇ پۇل. خاتىرجەم  گۆردە يېتىش ئۈچۈن يەر سېتىۋىلىش كېرەك. قىسقىسى، ياشاش ئۈچۈن سۆمۈرگەن ھاۋايىمىز پاكىزە بولمىسا ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پۇل كىتىدىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇ خىل خاھىش ئەمەلىيەتتە كاپىتالىستىك سىستىمىنىڭ دۇنيا مىقياسىغا يېيىلىشى بىلەن تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ چىققان ئىدى.

زامانىۋى جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ پۇل تېپىشى ئۆز ھاياتىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇلىدۇ. گەپنى قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا، پۇل بولمىسا مەۋجۇتلۇق بولمايدۇ. پۇل بولمىسا، تاماق نەدە تۇرۇپتۇ. پۇل بولمىسا كىم بىزنىڭ ئائىلىمىزنى باقىدۇ؟ ئاتا-ئانىمىزمۇ؟ دۆلەتمۇ؟ بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى كۈندە، پۇل تېپىش ئەمەلىيەتتە ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى سانىلىدۇ. پۇلسىزلىق بىر خىل قابىلىيەتسىزلىك، ھۇرۇنلۇق ۋە گۇناھتۇر.

پۇل بولمىسا ياشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم. زامانىۋى دۇنيادا ئادەمنىڭ ياشىشى ئۈچۈن يىتەرلىك پۇلنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ ھاياتىغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. يىتەرلىك پۇل بولمىسا، كىيىم كېيگىلى، تاماق يىگىلى ۋە ئۆي سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى مەۋجۇتلۇقى تەھتىدكە ئۇچرىغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، پۇلسىزلىق كىشىنىڭ ھاياتىغا نورغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ۋە ناچارلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. زامانىۋى دۇنيادا ا پۇل بولمىسا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانلىق قىممىتىنى تونۇيالمايدۇ ياكى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. پۇلى يوقلىقىدىن كۇچىدا قالغان بىرىنى كىمنىڭ بېشىغا ئېلىپ ھۆرمەتلىگىنىنى كۆردىڭىز؟

ئەسلى كىلىپ چىقىشىدىن قارىغاندا، پۇل ئادەتتىكى قەغەزلەردىن پەرقلىنىدىغان قەغەزدىن ئىبارەت. ئىنسانلارنىڭ ئالتۇن قاتارلىق ئاز تېپىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى قىلىپ ئىشلىتىشتىكى قىيىنچىلىقى، قەغەز پۇللارنىڭ بىرلىككە كىلىشى ۋە ئورتاق قوللىنىشىغا سەۋەپچى بولغان. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇل بۇيۇملارنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدىكى ئىدىيەنىڭ ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە بۇيۇم بىلەن بۇيۇم ئالماشتۇرىلاتتى. زامانىۋى جەمئىيەتتە بۇيۇم نەخ پۇلغا ئالماشتۇرىلىدىغان بولدى. كىيىنكى زامانىۋى جەمئىيەتتە بۇيۇملار ئىنتېرنېت ياكى بانكا ھېسابىمىزدىكى رەقەملەر بىلەن ئالماشتۇرىلىدىغان بولدى.

بەزىلەر ۋاقىتنى پۇلغا ئوخشىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىلىمى ”ۋاقىتتا“(时间规划局)( In Time) مۇشۇ خىل ئىدىيە ئەكىس ئەتكەن. بۇ فىلىمدە ئىنسانلارنىڭ پۇلى بولمايدۇ. ئىنسانلار پەقەت ۋاقىتنى خەجلەيدۇ. ئىنساننىڭ زاپاسلىغان ۋاقتى تۆگىسە ئۆلىدۇ. ئەلۋەتتە، زاپاسلىغان ۋاقىتنىڭ ئاز-كۆپلىگە ئاساسەن ئىنسانلار پەرقلىق ئىجتىمائىي رايۇنلاردا ياشايدۇ. ۋاقتى موللار بىلەن ۋاقتى ئازلار ئايرىم-ئايرىم يەردە ياشايدۇ. بۇ خۇددى بۈگۈنكى كۈندە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ شەھەردىكى ئايرىم يەرلەردە ياشايدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. فىلىمدە تەسۋىرلەنگەندەك، ۋاقىت بولمىسا ئاممىۋى قاتناشلارنى قوللانغىلى، خىزمەت قىلغىلى ۋە ياشىغىلى بولمايدۇ. بۇ فىلىم ئەسلىدە بۈگۈنكى دۇنيادا پۇل بولمىسا ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق شەكىلدە كۆرسىتىپ بەرگەن.

شۇنىسى قىزىقارلىقكى، بۆگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ تاپقان پۇلىمىز ئاساسەن خىزمەت جەريانىدا سەرپ قىلغان ۋاقتىمىزغا ئاساسەن بىكىتىلىدۇ. مەسىلەن، كۈنىگە ئۈچ-تۆت سائەت ئىشلىسەك، شۇ سائەت بۇيىچە ھېساپلاپ ھەق ئالىمىز. تولۇق ئىشلىسەك، مائاشىمىز تۇلۇق ئىشلىگەن ۋاقتىمىزغا ئاساسەن كۆپىيىپ بارىدۇ.  كۆپ ئىشلىسەك كۆپ مائاش ئالىمىز. بىزنىڭ خىزمەت جەريانىدا سەرپ قىلغان ۋاقىتىمىزنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىزنىڭ تاپقان پۇلىمىزنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. بۇ مەنىدە ۋاقىت=پۇل بۇلىدۇ. بىزنىڭ تاپقان پۇلىمىز ئەمەلىيەتتە سەرپ قىلىغان ۋاقتىمىزغا تەڭداش بىرىلگەن قىممەتتۇر.

جەمئىيەتتە مۇنداق قىسمەن ھادىسىلەر بۇلىدۇ: بىز بەزىدە ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپمۇ ناھايتى كۆپ تاپالايمىز. بۇ خىل ھادىسە پەقەت ئايرىم كەسىپىتىكى كىشىلەر ياكى ئايرىم ۋاقىتلاردىلا بۇلىدۇ. مەسىلەن، بىرى مەلۇم بىر تېخىنكىنى بىلىدۇ ۋە ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆپ پۇل تاپىدۇ. ئەمما، بىر خۇتەنلىك دېھقان ئائىلىسى بۇيىچە يىلىغا بەش مو يەر تېرىپ بەش مىڭ يۇەنلىك ئاشلىق ئالغان ۋە بۇ ئاشلىقنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولسا، ئو ھالدا بۇ دېھقان پۈتۈن ۋاقىتىنى قۇرساق تويغۇزۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان بۇلىدۇ. ئەمما، جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر تېخنىك ياكى ئىقتىسادچى ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ پۇل تاپىدۇ. بىر دېھقاننىڭ ئون يىلدا تاپىدىغان پۇلى ئىقتىسادچىلار ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق ئىش بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2013-يىللىق سىتاتىسكىدا، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگەيتىس(Bill Gates) بىر يىلدا 11.5مىليارد، بىر كۈندە 33مىليون، بىر سائەتتە 1.38 مىليۇن، بىر مىنۇتتا 22946 دوللار پۇل تاپىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.[1]

بۇ خىل مىساللاردا بىر ئادەمنىڭ تاپقان پۇل ئۇنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئەمگەك ۋاقتىغا تەڭ بولماي قالىدۇ. كۆپ مىقداردا پۇل تاپقۇچىلارنىڭ پۇلى ئۇلارنىڭ ئەمگەك ۋاقىتغا تەڭ بولماسلىقى جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتىن باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىقتىسادشۇناس، سىياسەتشۇناس كارل ماركىس ئەمگەك ۋاقتى، كونكىرتنى، ئابىستراكتنى ئەمگەكلەر ھەققىدە كۆپ توختالغان ۋە ھەممە كىشىنىڭ خىزمەت ۋاقىتىغا ئاساسەن مائاش ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى دۇنيا كاپىتالىزىمى كارل ماركىسنىڭ ئىقتىساد نەزەرىيەسىنى سەپسەتىلەر دۇنياسىغا تاشلىۋەتكەندەك قىلىدۇ.

ئەسلى ماھىيتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇل كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئىپادىسى. كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش قىلغان ئىكەن ئوتتۇرىدا پۇلنى ۋاستە قىلىدۇ. بۇ نوقتىدا، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش تاق لىينىيەلىك بولماستىن كۆپ لىنىيەلىك بۇلىدۇ. مەسىلەن، مەن مەلۇم ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق پۇل تاپقان بولسام، ئو ھالدا بۇ پۇلنى يەنە مەن ئىھتىياجلىق ئىشلار ئۈچۈن ئەمگەك قىلغان كىشىگە بىرىمەن. مەسىلەن، قاسساپ پۇلنى ناۋايغا بىرىدۇ؛ ناۋاي دېھقانغا بىرىدۇ. دېھقان قاسساپتىن گۆش سېتىۋالىدۇ، دېگەندەك. بۇ نوقتىدا، پۇل جەمئىيەتتە ئايلىنىشچان قىممەتكە ئىگە بۇلىدۇ. پۇل كىرىدۇ، چىقىدۇ ۋە توختىماستىن ھەرىكەت قىلىدۇ.

ھالبۇكى، پۇلنىڭ مەلۇم كىشىدە توپلىنىپ قېلىشى ۋە خەجلەنمەسلىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. پۇلنىڭ ۋە بايلىقنىڭ بىر كىشىگە توپلىنىپ قېلىشى ئىقتىسادنىڭ ئالمىشىش قانۇنىيتىنى چەكلەپ قۇيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بايلىق ۋە نامراتلىق كىلىپ چىقىدۇ.

جەمئىيەتتە ھەممە كىشى مەلۇم مىقداردا پۇل توپلاشنى كۆزلىگەن بۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر باينىڭ توپلىغان پۇلى ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلنىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلىدۇ. ئەمما، شۇنداق بولسىمۇ، كىشىلەر يەنە ئارتۇق پۇل توپلاش ئۈچۈن ھاياتىنى، خۇشاللىقىنى ۋە زىھىنىنى دوغا تىكىدۇ. ئىسلام دىنى تاپقان پۇلنىڭ ئاخىرەتتە ھېسابى بولۇشى ۋە ئۆز ئىھتىياجىدىن ئارتۇق پۇلنىڭ مەلۇم مىقدارىنى ئۆشرە ۋە زاكات سۈپىتىدە باشقىلارغا بىرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە پۇلنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ قۇلىغا توپلىنىپ قېلىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، نامراتلارنىڭمۇ ئىنسان سۈپىتىدە ياشىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي كاپالەت ھازىرلانغان بۇلىدۇ. ئەمما، كاپىتالىستىك دۇنيادا پۇلدارلار دائىم بېيىدۇ، نامراتلار دائىم نامرات پېتى قالىدۇ. بەزى كىشىلەر بىزمۇ بېيىۋاتىمىزغۇ دىيىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇنۇتماڭكى، بۇ ۋاقىتتا بايلارنىڭ پۇلى سىزدىن نەچچە ھەسسە كۆپىيىۋاتقان بۇلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، پۇل كىشىلەر تەرىپىدىن ئورتاق ئىتراپ قىلىنغان بىر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى. ئەگەر پۇلنىڭ قىممىتى كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنمىسا، ئو ھالدا، بىزنىڭ بانكىدىكى پۇلىمىز قۇرۇق سان-سىفىرلارغا ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇلىمىزنىڭ سانى بىزنىڭ ھېچنىمىمىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بىر كۈنلەر كىلىپ پۇلىمىزنىڭ قىممىتى باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىمسا، ئو ھالدا بىر دۆۋە قەغەزگە ئىگە بولۇپ قالىمىز. بۇ خىل ھالەت دۆلەتلەر يىقىلغان ۋاقىتلاردا كۆپرەك يۈز بىرىدۇ. ھۆكۈمەت ئالماشقان ۋاقىتتا كونا ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمايدۇ.

ھەممە كىشى پۇلنىڭ قىممىتىنى ئىتراپ قىلمىسا، پۇل ئەسلىدىكى ئاددى ھالىتىگە قايتىدۇ، دە ئىتىبارغا ئېلىنمايدۇ. لېكىن، بىز ھاياتىمىزدا بۇ ئاددى قەغەزگە دائىم ئالاھىدە مەنىلەرنى يۈكلىۋالىمىز. بىز پۇلغا ئالاھىدە مەنىلەرنى يۈكلىگەنسىرى پۇل ئۆزىنى كۆرسىتشكە باشلايدۇ. بىز پۇلنى قانچىكى چوڭ كۆرگەنسىرى پۇلنىڭ ئالدىدا شۇنچە كىچىكلەپ كىتىمىز ۋە قىممىتىمىزنى يۇقىتىمىز. بۈگۈنكى دۇنيادا پۇل بىلەن ئىنسان ھاياتى قەدىر-قىممەت جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك تالىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇل ئىنسانلار تەرىپىدىن يارىتىلغان، لېكىن، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان بىر نەرسە.

ئادەتتە ئىقتىساد كاساتلاشقان ياكى مال باھاسى ئۆرلىگەن ۋاقىتتا، پۇل ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممىتى ئۆزگەرگەن بۇلىدۇ. مەسىلەن، نورمال ۋاقىتتا، ئۈچ كويغا بىر قېتىم ئاياغ مايلاتقان بولساق، مال باھاسى ئۆرلىگەن ۋاقىتتا بەش كويغا مايلىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئاياغ مايلاش ئىشى ئوخشاش بولسىمۇ، بىزنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئەمگىكىگە بولغان تونۇشىمىز ئۆزگەرگەن بۇلىدۇ. نورمال ۋاقىتتا ئۈچ كوي مايلامىچىغا يارىسا، ئالاھىدە ۋاقىتلاردا بەش كوي ئارقىلىق ئەمگىكىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدۇ.

جەمئىيەتشۇناس جورج زىممېل پۇلنىڭ جەمئىيەتتىكى رۇلى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، پۇل ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى تىزلەشتۈرگەن ۋاستىلارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ دېگەنلىك، ئىنسانلار پۇلنى مەقسەت قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەمنىڭ خىزمەت قىلىشى نوقۇل ھالدا پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش. چۈنكى، دۇنيادا ھېچ ئىش قىلماي ياشاش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تېپىشىنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمىز ئەمەلىيەتتە ئىنسانلىق ھاياتىمىزنى داۋام قىلىشتىكى بىر ۋاستىدۇر، خالاس.

دىندار جەمئىيەتلەر پۇلنى ئادىللىق بىلەن تېپىش ۋە نامراتلار بىلەن تەڭ خەجلەشنى، بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي مال-دۇنيا ياكى پۇلنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، دىن كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە روھىي دۇنياسىنى كونترول قىلىدىغان ۋاستە بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇل، مال-دۇنيا بىلەن يارىتىلىش، پاكلىق، ئەخلاق ئوتتۇرىسدا بىر تەمپۇڭلۇق قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

بەلكىم بەزى كىشىلەر پۇل بىلەن ۋاقتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما زامانىۋى دۇنيادا پۇلى بولسا ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى خالىغانچە ئۇرۇنلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ. پۇل بىلەن مۇھەببەت سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەمما، پۇل بىلەن مۇھەببەتنى پەرۋىش قىلغىلى بۇلىدۇ. پۇل بىلەن ساغلاملىقنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەمما، پۇل بىلەن ئورگانىك يېمەكلەرنى، ئىسىل ماددىلارنى ۋە دۇختۇرلارنى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ.

قىسقىسى، بۈگۈنكى دۇنيادا پۇل بولماسلىق جەمئىيەتتىكى ھەر تۈرلۈك شەخسىي مەسىلىلەر بىلەن بىللە ياشاش دېمەكتۇر. پۇلى بەك كۆپ بولۇپ كىتىشمۇ ئىھتىياجدىن ئارتۇق قەغەزلەر ئۈچۈن ئۈچۈن ئارتۇق ئىشلەش دېمەكتۇر. چۈنكى ئۆلگەندە ھەممە ئادەم قۇرۇق قول كىتىدۇ، ئەمەسمۇ.

[1] http://www.businessinsider.com/what-warren-buffett-makes-per-hour-2013-12

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز