توي مۇراسىمى: جەمئىيەتشۇناسلىق نېمە دەيدۇ؟
مۇتەللىپ ئىقبال توي مۇراسىمى ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. توي مۇراسىمىنىڭ مۇھىملىقى كىشىلەر ئۈچۈن نەچچە خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇلنىڭ كۆپلۈكى توي مۇراسىمىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن مەلۇم ئېتىقاد سىستېمىسى يول قويغان دائىرىدە ئۆتكۈزۈش مەنىلىك توي ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ھېچكىم ئۆتكۈزۈپ باقمىغان شەكىلدە مېھمانلارغا ھەيرانلىق ئاتا قىلىش ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە غەرب ۋە شەرق جەمئىيىتىدىكى بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش پەسكويغا چۈشۈۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى