ئەخلاقنىڭ ئىستېمال دۇنياسىدا يېرى بارمۇ؟

baumanjpg

 

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتى نەشىر قىلغان زىگمۇنت باۋمەن(Zygmunt Bauman)نىڭ شۇ ناملىق كىتابىنى ئوقۇشتىن تەسىرات

مۇتەللىپ ئىقبال

 

بۆگۈنكى ئىستېمالچىلار جەمئىيتىدە ئەخلاقنىڭ ئورنى بارمۇ؟

باۋمەن ”ئەخلاقنىڭ ئىستېمال دۇنياسىدا يېرى بارمۇ؟“( Does Ethics have a Chance in a World of Consumers) ناملىق كىتابى ئارقىلىق زامانىمىزدىكى ئىستېمال جەمئىيتى ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقىي يۈزلىنىشلىرىنى ئېچىپ بەرمەكچى بولغان.

باۋمەنگە نىسپەتەن مۇھەببەت بىر خىل ئەخلاقىي چۈشەنچە. چۈنكى، مۇھەببەت ئۆزىمىز ۋە باشقىلارغا بولغان ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى سۆيۈش بىر خىل ئېتىك ۋە ئەخلاق. ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئىنساندا مۇھەببەت ئۇزۇن مەزگىل ياشىيالمايدۇ. قوشىنلىرىمىزنى ئۆزىمىزنى سۆيگەندەك سۆيۈشنىڭ ئۆزى باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھۆرمەتلەش ئەخلاقى دېگەنلىكتىن ئىبارەت. باۋمەنگە نىسپەتەن،  20-ئەسىردىكى كاتىگورىيەلەشتۈرۈپ قەتلىئام قىلىش[1]، بىزگە قوشنىمىزنى سۆيۈشنى ۋە قوشنىمىزنىڭ بىزنى سۆيۈشىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگەتتى.[2] بۇ دېگەنلىك، ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى ئۆزىمىز بىلەن باراۋەر كۆرۈش دېگەنلىكتىن ئىبارەت.

20-ئەسىردە كىشىلەر تېرىسى ۋە دىنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن خىلمۇ-خىل قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. مەسىلەن، يەھۇدىيلارنىڭ گېرمانلار تەرىپىدىن قېرىلىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزىمنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى… بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى قىرغىنغا سەۋەب بولۇپ قالغان ئىدى. ”زامانىۋى دۇنيا بۇ خىل قىرغىنچىلىققا ئىمكان بەردى“[3]. ”ئۆتكەن ئەسىردە ئالتە مىليون يەھۇدى، بىر مىليوندەك سىگان بىلەن بىرلىكتە ئوخشاش جېنىس ۋە روھىي جەھەتتىن مەسىلىسى بارلار ناتسىتلار ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى دۇنيا تەرتىپى پىلانى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلاندى“[4]. دېمەككى، 20-ئەسىر پەرقلىق بولغانلارنى قوبۇل قىلالماسلىق ئەسىرى بولغان ئىدى. ”ئەسلىدە، زامانىۋى دۆلەت، باشقۇرمىغان ۋە بۇ سەۋەپتىن كۆڭلى خوش بولمىغان ھەرقانداق نەرسىنى چەتكە قېقىپ ئىنسانلارنىڭ مەسىلىسىنى باشقۇرۇش بىلەن ئالدىراشتى“[5]. بەزى مۇستەبىت زامانىۋى دۆلەتلەر ھەممە ئىشقا ئارىلىشاتتى. بۇ سەۋەپتىن، 20-ئەسىر بۈگۈنكى كۈندىكى نۇرغۇنلىغان مىللىي دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئاجىزلارنىڭ ئېزىلىش ئەسىرى بولغان ئىدى.

بىز بۈگۈن ناھايىتى تىز ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز. بۈگۈنكى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق چۈشەنچىلىرىمۇ ئۆزگىرىپ باردى.[6] ”ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇرۇنقى قۇرۇمسال ھېمايىلىرىنى[7] يۇقاتتى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە تاللاش ئەركىنلىكىگە توسقۇن بۇلىدىغان نەرسىلەر چەكلىمە بولۇپ تويۇلدى. قۇرۇمسال مۇھىتتىن قۇتۇلغاندىن كىيىن، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۆتكۈرلەشتى؛ مۇناسىۋەتلەر ئاسانلا بۇزۇلىدىغان ۋە قىسقا ئۆمۈرلۈك بۇلېدىغان بولدى“[8]. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر يىراقتىكى كىشىلەر بىلەن ناھايتى تىزلا مۇناسىۋەت قۇرالايدۇ. ئەمما، بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر ئىنتېرنىت بولمىغان دەۋردىكىگە ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلمايدۇ.

زامانىۋى دۇنيادا ئىشلار ناھايىتى تىز ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا، بۇ ئۆزگىرىشچان دۇنيادا كىشىلەرنىڭ دىنى، جۇغراپىيەسى، تەۋە ئىجتىمائىي قاتلىمى، كەسپى، ئائىلىسى ۋە مىللەت تەۋەلىكى قاتارلىقلار ئانچە مۇھىم سانالمايدىغان بولدى. ”ھەر ئىنسان ھاياتىنىڭ ئېقىشى بۇيىچە ئەمەس، ھاياتىنىڭ ھەرقانداق بىر دەقىقىسىدە بىردىن كۆپ تەۋەلىك بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن ھېچبىر تەۋەلىك كىشىنىڭ پۈتۈن كىملىكى بىلەن باغلىنالمايتتى“[9]. بۇ دېگەنلىك، بىز بۆگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان كىملىكلەر ئىچىدە ياشايمىز. بۇ كىملىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆتكۈنچى ۋە ۋاقىتلىق كىملىك ھېسابلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىز ۋە مەدەنىيتىمىز تىز ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاۋاتقان بولغاچقا، بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەتتە چاڭلىشىش ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى ئۆزگىرىشچان دۇنيادا ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىستېمال ئىدى. كىشىلەرنىڭ ئىستېمالىغا بولغان چەكلىمىسىزلىك زامانىۋى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغان پىرىنسپ ئىدى.

”يەر شارىلاشقان بىر ئىستېمال جەمئىيتىدە ياشاۋاتىمىز ۋە ئىستېمال ھەرىكەت شەكلىمىز، ئائىلە ھاياتىمىز ۋە ھاياتنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەي تۇرالمايدىغان ھالغا كەلدى. ھەممىمىز تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال بېسىمى ئاستىدا كىتىۋاتىمىز. بۇ يولدا ئىستېمال ۋە ئەمگەك بازىرىدىكى تاۋارلارغا ئايلىنىۋاتىمىز“[10]. ئىستېمال جەمئىيتىدە تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىش(سېتىۋېلىش، ئالماشتۇرۇش) ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىش كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق پائالىيتى ئىدى.

زامانىۋى دۇنيادا ئىستېمال خاھىشىنىڭ كۆچىيىشى ۋە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرگەنمۇ بولدى. ئەمما، بۇ خىل ئەركىنلىك پەقەت ئىقتىسادىي ئەركىنلىك ئىدى. ئىشلەپچىقىرىش شەخىسلەشكەن، شەخېس خالىغىنىنى سېتىۋالالايدىغان ۋە خالىغان يەرگە بارالايدىغان … ئاتموسفىرا شەكىللەندى. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئاتمۇسفىرا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ۋە چىگراسىز مەسئۇلىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، تېرورلۇق، جىنسىي سودا، مۇھىت بۇلغىنىش… دېگەندەك. ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل ھالەت مۇشتەرىلەرنى قانائەت ھېس قىلدۇرۇش ۋە خۇشال قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئالدامچىلىق ئىدى.[11]

زامانىۋى دۇنيادا نامرات بولۇش ئەركىن بۇلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. چۈنكى، نامراتلار ۋاقتىنى، كىشىلىك مۇناسىۋېتىنى، ئىستېمال خاھىشىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرالمايتتى. جەمئىيەت ئۇنىڭغا قىلمىسا بولمايدىغان نۇرغۇن ”مەجبۇرىيەت“لەرنى ئارتىپ قويغان ئىدى.

ئىستېمال دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەخلاقىي مەسىلە شەخسىنىڭ ئىستېمال خاھىشىدىكى ئەركىنلىكىنىڭ تەشۋىق قىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئىھتىياجى بىلەن كارى بولماسلىق مەسىلىسى ئىدى. بۇ دېگەنلىك، پەقەت پۇلى بارلار خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان، پۇلى يوقلار تۈرلۈك دىشۋارچىلىققا قالىدىغان ھالەت ئىدى. زامانىۋى دۇنيادا شەخسىنىڭ خۇشاللىقى پەقەت ئۆزى ئىرىشكەن نەرسىلەر بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى. كىشىلەر كوللىكىتىپ خۇشاللىق ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرمەيتتى. ”ئېقىۋاتقان زامانىۋى دۇنيادا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىھتىياج ھىس قىلغان ۋە ھەر تەرەپتىن بەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى ئۆگىتىلگەن ساھە بولسا باشقا ئىنسانلارنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىنىشىنى ھېس قىلغان ئىنسانلارنى قوغلاش بىلەن فەتىھ قىلىناتتى“[12] بۇ بىر كىشىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىستېمال خۇشاللىقىنىڭ يەنە بىر كىشىنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلاتتى.

بۆگۈنكى يەر شارىدا ئالتە مىليارد ئادەم ياشايدۇ، دېسەك، بۇنىڭ سەككىز مىليۇنى ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن، توققۇز مىليۇنى ساقلىق ساقلاشنىڭ كەمچىللىكىدىن، بىر مىلياردى پاكىزە سۇ ئىچەلمەسكىتىن، بىر مىلياردى ياخشى تۇرالغۇسى بولماسلىقتىن… قىينىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر بۇ خىل تىراگىدىيلەرگە قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولمايدۇ. باۋمەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئىستېمال دۇنياسىدىكى ئەخلاقنىڭ قەدىرى يۇقىرىقى تىراگىدىيەلەردە ئۆتىلىدۇ. ئىستېمال دۇنياسىنىڭ مەنتىقىسىگە ماسلاشقان كىشىلەر باشقىلار ھەققىدە ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئىستېمال دۇنياسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگەتكىنى ئۆزى ئۈچۈش ياشاش، ئۆزى ئۈچۈن ئىرىشىش ۋە ئۆزى ئۈچۈن خۇشال بولۇش. بۇ سەۋەپتىن، ئىستېمال دۇنياسىنىڭ ئىستېمالچىلىرى پەقەت شەخىسىي ھەۋەس ۋە ئىھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالنى ئاساسىي خاھىش قىلغان بۆگۈنكى دەۋرىمىزنىڭ شەخسىيەتچى خاراكتىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

”يەر شارىلاشقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بۇ ھەممىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىمىز مەنىسىدە كىلىدۇ“[13]. ئىستېمال دۇنياسىدا شەخسىي ئىستېمالنى مەنبە قىلغان شەخسىيەتچىلىك مىراس شەكىلدە داۋاملاشقان بولۇپ، بۇنى مەلۇم كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىز دۇنيانى باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈپ چۈشىنىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن.

باۋمەن ئېيتقاندەك بۆگۈنكى دەۋرىدىكى خۇشاللىقىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى تەجرىبە قىلىش خۇشاللىقىدۇر. بىزنىڭ ھاياتىمىز بۈگۈن خاتا ياكى توغرا يولغا مېڭىش، نەتىجە قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش، يىڭى ئىشلارنى سىناش ۋە يىڭى نەرسىلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش، يىڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ بېقىش… دېگەندەك تەجرىبە خاراكتىرلىك جەريانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئەلۋەتتە بۇ خىل ھادىسىنىڭ بىر قىسىمى بۈگۈنكى تىز ئۆزگىرىۋاتقان سۇيۇق ھالەتتىكى زامانىۋى دۇنيانىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىدىن كەلگەن.

ئىستېمال دۇنياسى تاللاشقا، يېڭىلاشقا، ئىستېمال قىلىشقا، يېڭىسىنى قوغلىشىشقا… ئۈندەيدۇ ۋە بۇنى شەخسىنىڭ ئەركىنلىكى سۈپىتىدە كۆرىدۇ ۋە تەشۋىق قىلىدۇ. ”ئىستېمال  جەمئىيتى ئىقتىسادى ماللارنىڭ ئالماشتۇرىلىشى بىلەن ياشايدۇ ۋە پۇلنىڭ قولدىن قولغا ئۆتىشى كۆپەيگەندە پارتلايدۇ“[14]. ”ئىستېمال جەمئىيتى باشقا جەمئىيەتلەردىن پەرقلىق ھالدا ئەزالىرىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن ھايات قالىدۇ ياكى چۈشىدۇ“[15]. ئەمما، ئىنسان ئىستېمالدا قانچىكى ئەركىن بولغانسېرى مەسئۇلىيەتتە شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ.

بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا مەدەنىيەت بويۇملىرى پەقەت ئىستېمال ئۈچۈنلا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا، مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىكى ئىستېتىك زوق ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشى تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلىرىنى ئەكېس ئەتتۈرۈشى ئازلاپ كەتتى.

ئىستېمال دۇنياداسىدا ئەخلاقنىڭ يېرى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، يوق! باۋمەن يوشۇرۇن ھالدا بۇ نوقتىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن.

 

 

 

 

[1] 20-ئەسىردە نۇرغۇن كىشىلەر دىنى، تىلى، ئىتقادى ۋە تىرىسى زومىگەر كۈچلۈكلەرگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن توپ شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

[2] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 95

[3] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 76

[4] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 77

[5] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 72

[6] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 100

[7] ئورگان ۋە ئاپاراتلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قوغدىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئائىلە بىر قۇرۇم.

[8] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 20

[9] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 25

[10]Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010,  53

[11] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010,  128

[12] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 50

[13] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 64

[14] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 135

[15] Zygmunt Bauman, Etiğin Tüketiciler dünyasında Bir Şansı Var mı?, Deki yayıncılık, 2010, 143

ئەخلاقنىڭ ئىستېمال دۇنياسىدا يېرى بارمۇ؟“ ھەققىدە بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز