توي مۇراسىمى: جەمئىيەتشۇناسلىق نېمە دەيدۇ؟

 

wedding_clip_art_1

مۇتەللىپ ئىقبال

 

توي مۇراسىمى ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. توي مۇراسىمىنىڭ مۇھىملىقى كىشىلەر ئۈچۈن نەچچە خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇلنىڭ كۆپلۈكى توي مۇراسىمىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن مەلۇم ئېتىقاد سىستېمىسى يول قويغان دائىرىدە ئۆتكۈزۈش مەنىلىك توي ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ھېچكىم ئۆتكۈزۈپ باقمىغان شەكىلدە مېھمانلارغا ھەيرانلىق ئاتا قىلىش ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ.

بىراق، بۈگۈنكى كۈندە غەرب ۋە شەرق جەمئىيىتىدىكى بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش پەسكويغا چۈشۈۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. غەرب دۇنياسىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي ئەر-خوتۇن بۇلىدىغانلارنىڭ نىسبىتىمۇ خىلى يۇقىرى. بەزى جەمئىيەتلەردە ئەر-خوتۇن بىر مەزگىل ياشاپ مەلۇم ئىقتىساد غەملىگەندىن كىيىن ئاندىن كىيىن رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن توي مۇراسىمى ھاياتتا ئۆتكۈزمىسە بولمايدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى سانىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا توي مۇراسىمى ئۈچۈن قانچە پۇل كېتىدىغانلىقى توغرىلىق تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئۇچراتمىدىم. ئەمما، توي قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئەللىك مىڭ يۈەن چىقىم بۇلىدىغانلىقى ھەممەيلەن ئاڭلاۋاتقان گەپ. بۇ پۇل ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن بىر ئۆينىڭ %10نى، نورمال ماشىنا باھاسىنىڭ %40نى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېنىق . قانداقلا بولمىسۇن، توي ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ئۆزى جۇغلايدۇ، بەزىلەر ئاتا-ئانىسىدىن ئالىدۇ.  ھەتتا بەزىلەر قەرز ئېلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

تۆۋەندە مەن جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۈچ خىل نەزەرىيە بۇيىچە توي مۇراسىمىنى قىسقىچە تەھلىل قىلىمەن.

زىددىيەت نەزەرىيەسى

زىددىيەت نەزەرىيەسى جەمئىيەتتىكى باراۋەرسىزلىككە كۆڭۈل بۆلىدۇ. زىددىيەت نەزەرىيەسى توي مۇراسىمىدا كىملەرنىڭ پايدا ئالىدىغانلىقىغا نەزەر ئاغدۇرىدۇ. ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك، توي مۇراسىمى نۇرغۇنلىغان ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . مەسىلەن، تويلۇق سوۋغىتى، زىبۇ-زىننەت( ئالماس، ئالتۇن)، توي كۆڭلىكى، تويلۇق رەسىم، تويلۇق ماشىنا، مۇراسىم زالى، توي باغىقى… دېگەندەك. توي ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي پائالىيەت بولغاچقا،  زىددىيەت نەزەرىيەسى بۇ ئىقتىسادىي جەريانلاردا كىمنىڭ كۆپ پايدا ئالىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە توينى ھەشەمەتلىك قىلىش جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ پۇل تېپىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ جەرياندا بەزى ساھەلەر ھەسسىلەپ پايدا ئالىدۇ. بەزى ساھەلەر نورمال ھالىتىنى ساقلايدۇ. مەسىلەن، ئالتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇن باھاسى ئۆرلىگەن ۋاقىتتا تويغا كېتىدىغان چىقىممۇ كۆپىيىدۇ.

زىددىيەت نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، جەمئىيەتتە بايلار توي مۇراسىمىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈشكە مايىل كېلىدۇ . بايلار توي مۇراسىمىغا داڭلىق كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ، كۆپ كىشىلەرنى چاقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى كۈچىنى، ئابرۇيىنى كىشىلەرگە بىر قېتىم تونۇتماقچى بولىدۇ. ئەمما، جەمئىيەتتە نامرات كىشىلەر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەلمەيدۇ ياكى ئۆتكۈزسىمۇ ناھايىتى ئاز كىشىلەرنى چاقىرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، توي مۇراسىمىنىڭ قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈشى جەمئىيەتتە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىكنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشى بەزى دۆلەتلەردە قانۇنلاشتى. دېمەك، توي مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىساد شەكلىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى.

فونكىسيالىزىم نەزەرىيەسى

قۇرۇلما-فۇنكسىيە نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، جەمئىيەت، ھەرخىل پارچە قىسىملارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى بىلەن بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلايدۇ. توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش جەمئىيەتنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قىسىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر كىشىلەر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن سۇغۇپ قالسا، ياكى جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئۆلچەمدىكى توي مۇراسىمى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنسا، ئو ھالدا جەمئىيەتتە توي مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە چېكىنىش ۋە ئىشسىزلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، جەمئىيەتتە مەلۇم بىر خىل شەكىلدىكى توي مۇراسىم سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى جەمئىيەتتە خىلمۇ-خىل قىسىملارنىڭ تەڭپۇڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.

قۇرۇلما-فۇنكسىيە نەزەرىيەسى يەنە جەمئىيەتتىكى ئورتاق قىممەت-قاراش ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشتا ئالاھىدە مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش جەمئىيەتتىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇپ، ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە توي مۇراسىمىنىڭ شەكلى ۋە مەنىسى ئادەتلەشكەن ۋە مۇراسىملاشقان بولىدۇ . بۇ سەۋەبتىن ، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە بار بولغان ئادەت، مەدەنىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شەخس توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا تۆھپە قوشقان بولىدۇ.

سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسى

سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسى ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى مەنىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر كىشىنىڭ توي مۇراسىمىغا ئەھمىيەت بېرىش -بەرمەسلىكى ئۇنىڭ توي مۇراسىمىنىڭ مەنىسىگە بولغان چۈشەنچىسىگە باغلىق. سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشىلەر ئۆزلىرىگە مەنىلىك بىلىنگەن ئىشلارنى قىلىدۇ. مەنىلىك بىلىنگەن ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىدۇ. مەنىلىك بىلىنگەن ئىشلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشىلەرگە توي مۇراسىمى ئالاھىدە مەنىلىك بىلىنسە، توي مۇراسىمىنى كۆڭۈللۈك ۋە ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

بۇ نەزەرىيە يەنە كىشىلەرنىڭ ئالاقە جەريانىدا بىر-بىرىگە بېرىدىغان تەسىرىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش نوقۇل ھالدا بىر نەچچە كىشىنىڭلا ئىشى ئەمەس. توي مۇراسىمى ئارقىلىق توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن تەرەپ باشقىلارغا ئىمكانقەدەر ياخشى تەسىر بېرىشكە تىرىشىدۇ. توي مۇراسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئەمەلىيەتتە مۇراسىم ئۆتكۈزگۈچىنىڭ مېھمانلارغا، تونۇش-بىلىشلىرىگە ۋە جەمئىيەتكە بېرىدىغان تەسىرىنى ئالاھىدە ئويلىشىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، كىشىلەر ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپكە بېرىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە ئەڭ ياخشى ئوبرازىنى قارشى تەرەپكە بېرىشكە تىرىشىدۇ. توي مۇراسىمىمۇ مۇراسىم ئۆتكۈزگۈچىنىڭ كىشىلەرگە ئۆزى ھەققىدە ياخشى تەسىر بېرىش ئىستىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆزنىكى، خالاس.

بۈگۈنكى كۈندە تىلىۋوزۇر، ئىنتېرنېت قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بەزى كىشىلەر توي مۇراسىملىرىنىڭ ۋىدېئو، رەسىملىرىنى تارقىتىدىغان بولدى. نەتىجىدە مىدىئالارنىڭ تەسىرى بىلەن جەمئىيەتتە كىشىلەر قىزىققان توي مۇراسىمىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆزىگە مەنىلىك بىلىنگەن مەلۇم بىر خىل توي شەكلىگە ئالاھىدە ھەۋەسلىنىدىغان بولدى. مەسىلەن، دېڭىزدا كېمىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش دېگەندەك.

ئومۇمەن، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزگە ئەتراپىمىزدىكى ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ۋە چۈشىنىشتە ئالاھىدە كۆز بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل نەزەرىيە جەمئىيەتشۇناسلىقتا توي مۇراسىمىنى پەرقلىق بۇلۇڭلاردىن پەرقلىق چۈشىنىشتە مۇھىم كۆزنەكلىك رول ئوينايدۇ.

توي مۇراسىمى: جەمئىيەتشۇناسلىق نېمە دەيدۇ؟“ ھەققىدە بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز