ئەرۋىڭ گوفمان ۋە تامغا چۈشەنچىسى

 

 iStock_000029405132Large-56a5c5395f9b58b7d0de6a23

 

 


 

 

مۇتەللىپ ئىقبال

”تامغا“ گوفماننىڭ سىمۋوللۇق ئالاقە چۈشەنچىسى ئەكس ئەتكەن يەنە بىر مۇھىم كىتاب ھېسابلىنىدۇ. گوفمان تامغا نەزەرىيەسى ئارقىلىق تامغىلانغان ئىنساننىڭ كىملىكى ۋە ئۆزلۈكىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، تامغىلانغان ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىسى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلغان.
تامغا چۈشەنچىسى ئەسلىدە، گوفماننىڭ بېركىرلىي ئۇنىۋېرستىتىدە ”تاپتىن ياكى يولدىن چىقىش“ ھەققىدىكى دەرسىدە ئاڭلاتقان خاتىرىلىرىدىن ئىبارەت. گوفمان 1963-يىلى دەرس خاتىرىسىنى كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان.
ئالدى بىلەن گوفمان ”تامغا“ ھەققىدىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، تامغىلاش ئىجتىمائىي باراۋەرسىزلىك ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. جەمئىيەتتە كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى، كۆپ سانلىقلار ئاز سانلىقلارنى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار مەغلۇپلارنى تامغىلايدۇ.
تامغىلاش ئەسلىدە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان ۋە شۇغۇللىنىدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ بىرىسى. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇلارنى كاتىگورىيەگە ئايرىيمىز ۋە كىملىكلىرىنى مۇقىمدايمىز. بۇ يەردە بىزنىڭ قارشى تەرىپىمىزدىكى ئىنسان ھەققىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىز ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، بىز خەۋەرلەردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھىندىستانلىقلارنى قىزلارغا كۆپ چېقىلىدىغان بىر مىللەت، دەپ بىلىۋالىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە بىر ھىندىستانلىقنى كۆرگەن چېغىمىزدا، بىزنىڭ ئىلگىرى ھىندىستانلىقلار ھەققىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىز قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىش ياكى ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان ئىنسانلارنى ھەر دائىم تامغىلايمىز. مەسىلەن، بىر سېمىز كىشىنى كۆرسەك، ئۇنى سېمىزلەر سۈپىتىدە تامغىلايمىز. چۈنكى، جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇق بولغاچقا، سېمىز كىشىلەر سېمىزلىكىدىن خىجىلچىلىق ھېس قىلىدۇ. بىزمۇ سېمىز كىشىلەرگە ھورۇن ياكى ئاچكۆز دېگەندەك خاراكتىرلەرنى ئارتىپ قويىمىز.
تامغا يامان ئىشلار قاتارىدا كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، تامغىلانغان ئىنسانلار باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلالمايدۇ ۋە چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرايدۇ. ۋەھالەنكى، تامغىلاش ئەسلىدە بىر كىشى ياكى بىر گۇرۇپپىنىڭ مەلۇم كىشى ئۈستىدىكى كاتىگورىيەگە ئايرىش مەسىلىسى بولۇپ، ئۆزىنى ”نورمال“ سانىۋالغان كىشىلەر ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان كاتىگورىيەدىكى كىشىلەرنى يەكلەيدۇ، تۈرگە ئايرىيدۇ ۋە تامغىلايدۇ.
گوفمان كىتابىنىڭ بېشىدا ئۈچ تۈرلۈك تامغىلانغان كىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىرىنجىسى، جىسمانىي جەھەتتىن تامغىلانغان كىشىلەر. مەسىلەن، مېيىپ ياكى ئەزاسى كەمتۈك ۋە نورمالسىز كىشىلەر؛ ئىككىنچىسى، خاراكتېرى جەھەتتىن تامغىلانغان كىشىلەر. مەسىلەن، روھىي تەڭپۇڭسىزلار، ھاراقخۇمارلار، زەھەر چەككۈچىلەر، ئوخشاش جىنسلىقلار، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار قاتارلىقلار؛ ئۈچىنجىسى، ئىرىق، مىللەت ۋە دىن ھەققىدىكى تامغىلار. مەلۇم مىللەت ياكى ئىرىقنىڭ باشقا مىللەت ۋە ئىرىق ئالدىدا كەمسىتىلىشى ۋە تۆۋەن كۆرۈلۈشى.
ئەسلىدە تامغا بىر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت شەكلىدىن ئىبارەت. بىز ئۆزىمىز ئالاقە قىلغان كىشىلەرنى ھەر دائىم تامغىلايمىز. بىر ”نورمال“ كىشى بىلەن تامغىلانماقچى بولغان كىشى مۇناسىۋەت قىلغان ۋاقىتتا، نورمال كىشىنىڭ چۈشەنچىلىرى ۋە ئىدىيەلىرى تامغىلانماقچى بولغان كىشى تەرىپىدىن مەجبۇرى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاندىن تامغىلاش شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، چولاق بىر كىشى بولسا، بىزنىڭ چولاقلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئۇ كىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر چولاق كىشى نورمال كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلسا، ئۆزىنى چولاق دەپ تونۇيدۇ ۋە تامغىلانغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بەدىنى ساق بولغان كىشىلەرنىڭ بەدەن ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە مۇئامىلە قىلغان بولىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ساق ۋە ساغلام كىشىلەرنىڭ بەدەن ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئەزاسى كەمتۈك ياكى زەخمەتكە ئۇچرىغان كىشى تەرىپىدىن ھېچقانداق شۈبھىسىز قوبۇل قىلىنىشىدۇر. قىسقىسى، ”نورمال“ كىشىلەر ئىشەنگەن نەرسىلەرگە تامغىلانغان كىشىلەر ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تامغىلاش كېلىپ چىقىدۇ.
تامغا ئىجتىمائىي ئالاقىدە بىزنى ئىشەنچسىز قىلغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئىبارەت. بىز نورمالدا تامغىنى ئەخلاقىي مۇۋاپپىقىيەتسىزلىكىنىڭ بىر بەلگىسى سۈپىتىدە تونۇيمىز. بۇ سەۋەبتىن تامغا كىشىلەرنىڭ ئۆز مەنلىكىنى ئىپادىلەشكە تەھدىت بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىنسان تامغىلانسا، ئۆز-ئۆزىنى ئەركىن ئىپادىلىشى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئىنسان كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا بەرگەن كىچىككىنە بىر ئۇچۇرى باشقىلارنىڭ ئۇلارنى تامغىلىشىغا ۋە كاتىگورىيەگە ئايرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئالاھىدە ئويلىنىدۇ ۋە باش قاتۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىنلا بىر-بىرىنى كاتىگورىيگە ئايرىپ تامغىلاشقا مايىللىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. (گوفماننىڭ كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بېرىدىغان تەسىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئىدىيەسى كىينكى قىسىملاردا سۆزلىنىدۇ)
كىشىلەر تامغىلانماسلىق ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. چۈنكى ئۆزى ھەققىدىكى پاسسىپ ئۇچۇرلار باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە بۇ ئىنسان نەزەردىن چۈشۈشكە باشلايدۇ. نەزەردىن چۈشۈرۈلىۋەرسە ئاخىرىدا تامغىلىنىدۇ.
گوفمان نەزەردىن چۈشۈرۈلىدىغان ۋە نەزەردىن چۈشۈرۈلگەن ئىككى تىپ ئىنسانلارنى بايان قىلىدۇ. نەزەردىن چۈشۈرۈلىدىغانلار دېگىنىمىز نورمال ئىنسانلار ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغان، ئەمما ”نورمال“ كىشىلەرگە قارىتا يىتەرسىزلىكلىرى بولغان ئىنسانلاردۇر. مەسىلەن، پەرزەنت كۆرەلمىگەن ئەر-خوتۇن. كىشىلەر بۇ خىل كىشىلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىدىكى سىرىنى بىلىپ قالغان ھامان، ئۇلارنى ”قېچىر“ دېگەندەك ناملار بىلەن تامغىلاشقا باشلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن مەلۇم تەرەپلىرى يېتەرسىز بولغان كىشىلەر دائىم ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى باشقىلاردىن يوشۇرىدۇ.
نەزەردىن چۈشۈرۈلگەن ئىنسان دېگىنىمىز باشقىلار ئاللىقاچان تامغىلىنىپ بولغان ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. تامغىلانغان ئىنسانلار ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەردۇر. تامغىلانغان كىشىلەر ئۆز ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئېقىشى ۋە تارقىلىشىنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۆزىنى جەمئىيەتتىن يىراق تۇتىدۇ. بۇ خىل ئىنسانلار نورمال كىشىلەر توپىدا ياشىيالمىغاچقا، ئۆزلىرىگە ئوخشاش تامغىلانغان كىشىلەرنىڭ گۇرۇپپىسىنى تاپىدۇ. مەسىلەن، ئوخشاش جىنىسلىقلار.
تامغىلانغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى تامغىسىنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن سىتراتىگىيەلەرنى قوللانغان بولىدۇ. نۇرغۇن كەمتۈك تەرەپلىرىنى ”نورمال“لاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۆزگەرتىش؛ بىر جەمئىيەتتىن يەنە باشقا بىر جەمئىيەتكە كۆچۈپ بېرىپ ياشاش دېگەندەك. تامغىلانغانلار كۆپەيگەنسېرى تامغىلانغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئالاھىدە گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ھەمجىنىسلىقلار جەمئىيىتى دېگەندەك. چۈنكى، تامغىلانغان ئىنسانلار باشقىلار تەرىپىدىن يەكلەشكە ئۇچرىغاندىن كىيىن، نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆز خىلى بويىچە ئىجتىمائىي ئالاقە قۇرۇپ چىقىدۇ.
جەمئىيەتتە باشقىلارنى تامغىلاش ئارقىلىق بار بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدىغىلى بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، تامغىلاش بەزى قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى توسۇشتىكى مىكرو كونترول ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، تامغىنى ياخشى ياكى ناچار دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كىمنىڭ كىمنى ۋە قانداق ئەھۋالنى بىنورمال ھىسابلايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى، جىسمانىي جەھەتتىن نورماللار كەمتۈكلەرنى، روھىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلار تەڭپۇڭسىزلارنى تامغىلاشقا ئامراق. بۇ يەردىكى مەسىلە كىمنىڭ كىمنى تامغىلىشى ۋە تامغىلاشنىڭ ماھىيەت مەسىلىسى. مەسىلەن، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئامېرىكىلىقلار قارا تەنلىكلەرنى كەمسىتەتتى، ساپاسىز دەپ قارايتتى. ئۇلارنى جەمئىيەتتىكى جىنايەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايتتى.
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر شەكىلدە تامغىلىنىمىز. مەسىلەن، بويىمىزنىڭ پاكار، چېچىمىزنىڭ قىسقا بولغانلىقى، سىمىزلىكىمىز، كۆزىمىزنىڭ كىچىكلىكى ياكى مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە بولغانلىقىمىز ۋە ياكى ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولغانلىقىمىز.
تامغىنىڭ زامانساللىقى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقى بار. مەسىلەن، بىر زامانلار تامغىلانغان ھادىسىلەر بۈگۈنكى كۈندە تامغىلانماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىلگىرى خىرىستىيان دۇنياسىدا ئاجرىشىش ھار ئېلىنىدىغان ئەسكى ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە قىز-ئوغۇللارنىڭ بىللە تۇرۇشى نورمال ئىش سانىلىدۇ.
بەزى جەمئىيەتلەردە تامغىلانغان ھادىسىلەر بەزى جەمئىيەتلەردە نورمال سانىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۈركىيەدە ياغلىق ئارتقان ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشى نورمال ئىش سانىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرغا نىسبەتەن تاماكا چېكىش ئاياللارنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇ تامغىنىڭ جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
گوفماننىڭ تامغا ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىدىن شۇنى خۇلاسە قىلىمىز: بىزنىڭ يولدىن چىققان ياكى تامغىلانغان ئىنسانلار بىلەن نورمال ئىنسانلارنى تۈرگە ئايرىشتىكى ئۆلچىمىمىز پەقەت بىزنىڭ ئىنسانلار ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنىڭ پەرقلىق بولىشىدىن كەلگەن، خالاس. تامغىلانغان ئىنسانلارنىڭ تامغىسى تەبىئىي ئەمەس، پەقەت ئىجتىمائىيدۇر. كىشىلەر ياشاش جەريانىدا بىر-بىرىنى تامغىلايدۇ. بۇ پەقەت ئىجتىمائىيلىقنىڭ نەتىجىسى خالاس.

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز