ئايفون، مەنە ۋە سىمۋول

a45bf71732bd1a35dee679e4e41ab8e5

 

 

مۇتەللىپ ئىقبال

 

بۈگۈنكى كۈندە تېلېفون ماركىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،  تېلېفون ئارقىلىق ئەكس ئەتكەن مودا ۋە سالاھىيەت كىشىلەرنىڭ  تەلپۈنىدىغان نەرسىسىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئايفون ئىشلىتىش بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئەركىن،  ئۇچۇقلۇقنىڭ ۋە سەلتەنەتنىڭ ئىپادىسىگە ئايلاندى. شەكىل جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايفون قوللىنىش بىر كىشىنىڭ سالاھىيىتى ۋە دەۋرگە ماسلىشىپ مېڭىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولدى.

ئايفون ھەقىقەتەن يېڭى ئېقىمنىڭ ۋە مودىنىڭ سىمۋولى بۇلالامدۇ؟ ئايفۇننىڭ مودىلىشىشى كىمنىڭ يانچۇقىغا پايدا كەلتۈرىدۇ؟ ۋە كىملەرنى گاداي قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرچە توختالمايمەن.

روشەنكى، زامانىۋى تۇرمۇشتا خىلمۇ-خىل ناتونۇش كىشىلەر بىرلىكتە ياشايدۇ. ھەممە ئادەم جان بېقىش ھەلەكچىلىكىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، دەرىجە، ئورۇن، سالاھىيەت، مەرتىۋە، ھۆرمەت، ئىززەت ۋە ھۇزۇر قوغلىشىش ھەممە كىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولۇپ قالماقتا. بۇنداق رىقابەتلىك ئىجتىمائىي مۇھىتتا كىشىلەر ئوڭايلىقچە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئىرىشەلمەيدىغانلىقى تۈپەيلى جەمئىيەت تەرىپىدىن ”تاشلىۋېتىلىش“ خەۋپى كۈچلۈك بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە، كەسپىي ساپادا ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىدا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشەلمىگەن بەزى كىشىلەر ئايفون قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرمەكچى بۇلۇشاتتى. ئەمما، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ كىشىلەر روھىدىكى گادايلىقنى، مەنىۋى جەھەتتىن كەمتۈكلۈكنى، قەلب جەھەتتىكى قۇرغاقلىقنى يوشۇرۇپ بۇلالمايتتى. چۈنكى، بۇ خىل كىشىلەر ئۈچۈن ”ئايفون مودىسى“ ساختا ئېھتىياجدىن كېلىپ چىققان مودا ئىدى.بۇ خىل كىشىلەر ئۈچۈن ئايفۇنلۇق بولۇش باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن ”ئېتىراپ قىلىنىشقا ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولۇش“ ئىدى. چۈنكى، باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىلا،  كىشى ئۆزى ھەققىدە ئىشەنچ تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلالايتتى.  بۇنىڭ بىلەن كىشى ئىنقسىزلىقتىن ۋە سالاھىيەتسىزلىكتىن قۇتۇلاتتى. بۇ مەنىدە، ئايفون كىشىلەرنىڭ سالاھىيتىگە ”رەڭ“ قۇشاتتى. ھەممىمىز  ئالدىنقى يىلى ئىچكىرىدە بۆرىكىنى سېتىپ ئايفون ئالغان بالىنىڭ ھېكايىسگە شاھىت بولدۇق. بۇ دەل ئايفون مودېسى ماس كەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيەت قوغلىشىشدىن كېلىپ چىققان جان ساۋىقى ئىدى.

مىنىڭ قارىشىمچە، ھەممە كىشىنىڭ ئايفون قوللىنىشى ئايفۇننى مودىلىقتىن چىقىرىدۇ. چۈنكى، جەمئىيەتتە ھەممە كىشىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن نەرسە مودا ھېسابلانمايدۇ. مودا، پەقەت ئاز سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغان؛ ۋە بىر مەزگىل بازار تاپقاندىن كىيىن يەنە باشقا شەكىلگە ئۆزگىرىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتەتتى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممە كىشىنىڭ يانچۇقىدا ئايفون بولۇش، ئايفۇنغا يۈكلىگەن مودا ۋە سالاھىيەت چۈشەنچىمىزنى يوققا چىقىراتتى.

ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايفۇننىڭ ئىككى خىل فۇنكسىيەسى بار. بىرى ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىقى. قوللىنىشچانلىق ئەلۋەتتە ئايفۇننىڭ قوللايدىغان مۇلازىمەتلىرى ۋە ئەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قوللىنىشچانلىق يەنە كىشىلەرگە قولايلىق ۋە راھەتلىك يارىتىپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ جەھەتتە ئاندىرويىد سۇپىسىنىڭ ئەپلىرى ئەڭ كۆپ ۋە تېخىمۇ قوللىنىشچان بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى بىر فۇنكسىيە، ئالدىدا دەپ ئۆتۈلگىنىدەك ئايفۇننىڭ يېڭى ئېقىمغا سىمۋول بۇلىشىدۇر. ئەلۋەتتە، ئالما شىركىتى سامسۇڭ ۋە باشقا ماركىلاردەك قىسقا مۇددەت ئىچىدە يېڭى مودېل چىقارمايدۇ. ھازىرغا قەدەر بىر يىلدا بىر مودېل چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ دەل ئايفون ھەۋەسكارلىرىنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئايفون چىققاندا، قولىدىكى تېلېفوننىڭ يېڭى ئېقىمغا ماسلىشالماسلىقى ياكى يېڭى يۈزلىنىشكە ماس كەلمىگەنلىكىدىن ئالماشتۇرۇش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر تىپتىكى ئايفۇنغا ئىگە بولۇشىنىڭ خۇشاللىق تۇيغۇسى بىر يىل ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. دېمەككى، بىرەر مودېلنىڭ مودا ۋاقتى بىر يىل ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر مودېلنىڭ يېڭىلىنىشى تىز بولۇپ كەتسە، ئايفون ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىتىشەلمەسلىكىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن يېڭى مودېلغا ئېتىبار بەرمەسلىكنى؛ بەك ئاستا بولۇپ كەتسە، ئالما شىركىتىنىڭ پۇل تېپىش سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ئۇنداقتا، ئايفون بىلەن جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ئايفون مەسىلىسىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرى ئىچىدىن سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسى ئارقىلىق تەھلىل قىلىش مۇمكىن.

سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنسان ھەرقانداق بىر ئوبيېكتقا مەنە يۈكلەيدۇ. ئاندىن بۇ مەنىلەر ئاساسىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى بەرپا قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتقا يۈكلىگەن مەنىلىرى ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس. مەنىلەر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىجاد بولىدۇ ۋە يوقايدۇ. ھالبۇكى، كىشىلەرنىڭ زىھنىدىكى مەنىلەر سىمۋوللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جۈملىدىن، تىلىمۇ بىر سىمۋول؛ ئايفۇنمۇ بىر سىمۋول.

بەزى كىشىلەرنىڭ باشقا ماركىلارغا قارىغاندا ئايفۇننى ياخشى كۆرۈشى ئايفۇنغا يۈكلىگەن مەنىلىرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. كىشىلەرنىڭ باشقا ماركىدىكى تېلېفونلارغا قىزىقماسلىقىدىكى سەۋەب، باشقا ماركىلارنىڭ ئۇلارغا مەنىلىك تۇيۇلماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر ئۆزىگە مەنىلىك تويۇلمىغان ئوبيېكت ياكى سىمۋوللار بىلەن ئىجتىمائىي ھايات قۇرمايدۇ. ئەگەر قۇرۇلسا، مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ. دېمەككى، ئايفۇنلۇق بولۇش ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ ”يېڭى ئېقىمغا ماسلىشىش“ ۋە ”سالاھىيەتلىك بولۇش“تەك چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.

ئەلۋەتتە، بىز تېخنىكىلىق بويۇملارغا چوقۇنۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، كاپىتالىستىك ئىستېمال مەدەنىيتىنىڭ مەنە ۋە ھۇزۇر ”ساھىبى“ ئىكەنلىكىمىزنى ئونۇتماسلىقىمىز كېرەك. تېخنىكىلىق بويۇملار ئەقلىمىزنى، زىھىنىمىزنى ۋە ۋاقتىمىزنى ئىگىلەپ ھاياتىمىزدىكى ھۇزۇرنىڭ ياراتقۇچىسى بولماقتا.  ئەجەبا، تېخنىكىلىق بۇيۇملارنىڭ ئۆزىنى بازارلاشتۇرىدىغان ۋە قۇل قىلىدىغان ئوبيېكتىمۇ بىز!؟

Scan the QR Code
QR Code Generator

باھا يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز