ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چېكىنىش
ئامېرىكىدا كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان بىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەپتۇ. نەتىجىدە، نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇنى ئىشقا ئالماپتۇ. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئۇ ئاخىرى بارلىق دىپلوم – كېنىشكىلىرىنى يىغىشتۇرىۋېتىپ، بىر خىل «ئەڭ تۆۋەن سالاھىيەت» بىلەن خىزمەت ئىزدەشنى قارار قىپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ بىر شىركەتكە پروگرامما كىرگۈزگۈچى بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن خۇددى «زەمبىرەك بىلەن چىۋىن ئاتقان» دەك ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي ئىشلەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، خوجايىن ئۇنىڭ پروگراممىدىكى خاتالىقلارنى بايقىيالايدىغانلىقىنى، باشقا ئادەتتىكى پروگرامما كىرگۈزگۈچىلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا، ئۇ خوجايىنىغا ئۆزىنىڭ باكالاۋرلىق كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپتۇ، خوجايىن ئۇنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرگە ماس خىزمەتكە يۆتكەپ قويۇپتۇ.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، خوجايىن ئۇنىڭ ئادەتتە دائىم ئۆزىگە خاس قىممەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، باشقا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن داناراق ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ خوجايىنىغا ئۆزىنىڭ ماگىستىرلىق كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپتۇ، خوجايىن ئۇنى يەنە ئۆستۈرۈپتۇ.
يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، خوجايىن ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن كوچىلاپ سوراپتۇ، بۇ ۋاقىتتا، ئۇ خوجايىنىغا ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭ سەۋىيىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىگىلىگەن بولغاچقا، قىلچە ئىككىلەنمەي، ئۇنى مۇھىم ئىشقا قويۇپتۇ.
ھېكمەت: ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چېكىنىش، تۆۋەندىن يۇقىرىغا يامىشىش ـــ بۇ ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل سەنئەت.
ھازىرقى ۋاقىتتا ئىش ئىزدەۋاتقان نۇرغۇن ياشلار ئۇ دىپلوم، بۇ كېنىشكىلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا ئۆز دىپلوم-كېنىشكىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇشۇلارغا ئاساسەن ئۆزىنى بىراقلا يۇقىرى مائاشلىق يۇقىرى خىزمەتكە قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، نەتىجىدە، قۇرۇق قول قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئاز مائاش بىلەن پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ ھەم بۇنداق ئىشلارنى ياراتقۇسى كەلمەيدۇ، ئاقىۋەت، كېيىن قىلاي دېسە مۇشۇنداق خىزمەتلەرمۇ ئۇلارغا تەگمەيدۇ.
تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/