دىلنىڭ قۇلۇپى
بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن سېھىرگەر خۇدىنىنىڭ بىر ئالاھىدە ھۈنىرى بار، ئۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا ھەر قانداق مۇرەككەپ قۇلۇپنىمۇ ئېچىۋېتەلەيدىغان بولۇپ، ئەزەلدىن مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش نىشانىدىن بىرنى بېكىتكەن بولۇپ، 60 مىنۇت ئىچىدە ھەر قانداق قۇلۇپنى ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى، شەرت بولسا ئالاھىدە تىكىلگەن كىيىم كىيىشى ۋە باشقىلار يېنىدا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك ئىدى.
ئەنگلىيىدە بىر كىچىك كەنت بولۇپ، ئۇ يەردىكى ئاھالىلەر بۇ ئۇلۇغ خۇدىنىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئوساللاشتۇرماقچى بولۇشۇپتۇ. ئۇلار ناھايىتى مۇستەھكەم تۆمۈر قەپەزدىن بىرنى ياساپ، ئۇنىڭغا قارىماققا ئىنتايىن مۇرەككەپ قۇلۇپتىن بىرنى ساپتۇ ھەمدە خۇدىنىنى بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلەيدىغان ياكى كېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ.
خۇدىنى بۇ جەڭنى قوبۇل قىپتۇ. ئۇ ئالاھىدە تىكىلگەن كىيىمىنى كىيىپ تۆمۈر قەپەز ئىچىگە كىرىپتۇ. تاراڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قەپەزنىڭ ئىشىكى ئېتىلىپتۇ، كىشىلەر قائىدىگە بىنائەن كەينىگە ئۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا قارىماپتۇ. خۇدىنى كىيىمىدىن ئۆزى ئالاھىدە ياسىغان قوراللىرىنى چىقىرىپ خىزمىتىنى باشلاپتۇ.
30 مىنۇت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، خۇدىنى قۇلىقىنى قۇلۇپقا يېقىپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. 45 مىنۇت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، خۇدىنى تەرلەشكە باشلاپتۇ. ئىككى سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، خۇدىنى باشتىن-ئاخىر ئۆزى زارىقىپ كۈتكەن قۇلۇپ پۇرژىنىسىنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالماپتۇ. ئۇ ھارغىنلىقتىن بوشىشىپ، ئىشىككە يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قاپتۇ، نەتىجىدە قەپەزنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كېتىپتۇ، ئەسلىدە، قەپەز ئىشىكى سولانمىغان ئىكەن، ھېلىقى قارىماققا ئىنتايىن مۇرەككەپتەك كۆرۈنىدىغان قۇلۇپ پەقەت قۇرۇق سۆلەت ئىكەن.
بۇ كىچىك كەنت ئاھالىلىرى بۇ قېچىش مۇتەخەسسىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەخمەق قىلىپتۇ، ئىشىككە قۇلۇپ سېلىنمىغان ئىكەن، تەبىئىيكى، قۇلۇپنىمۇ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس-تە؟ بىراق خۇدىنىنىڭ قەلبىدىكى ئىشىككە قۇلۇپ سېلىنىپتۇ.
ھېكمەت: دىلدىكى «قۇلۇپ»نى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ، بىراق رېئاللىقتىكى ھەرقانچە مۇرەككەپ قۇلۇپنىمۇ ئېچىۋېتەلەيدىغان خۇدىنىنى چەكلەپ قويالىدى. بىزنىڭ كونا كۆز قاراش، كونا ئۇسۇل، كونا ئىدىيىگە ئىگە نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا كۆڭلىدە بىرەر تال قۇلۇپ بارمىدۇ – يوقمىدۇ؟
تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/