ئاقىلنىڭ كۆزى

يوللانغان ۋاقىت: 2013-09-10 / تەۋەلىكى: تەمەچلەر كۆرۈلىشى: 616 / دىۋان بوش باھالايمەن

تاراتقۇلار سودا ساھەسىدە داڭق چىقارغان بىر سودىگەرنى ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە زىيارەت قىپتۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. بىراق ئۇ پەقەت سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ مۇنداق دەپتۇ:

ــ مەن كۆپچىلىكتىن بىر ئىمتىھان ئېلىپ باقاي. مەلۇم بىر جايدا ئالتۇن كانى بايقىلىپتۇ، كۆپچىلىك ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك ئۇ يەرگە قاراپ يوپۇرۇلۇپتۇ، بىراق يولنى چوڭ بىر دەريا توسۇۋاپتۇ. سىزچە بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟

Aqilning-Kozi

كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنازىرە قىلىشىپتۇ، بىرى «ئايلىنىپ ماڭىمەن» دېسە، يەنە بىرى «ئۈزۈپ ئۆتىمەن» دەپتۇ. ھېلىقى داڭلىق سودىگەر كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلماپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دەپتۇ:

ــ نېمىشقا چوقۇم ئالتۇن كولاشنىلا ئويلايسىلەر؟ نېمىشقا بىر كېمە سېتىۋېلىپ كىراكەشلىك قىلىشنى خالىمايسىلەر؟

كۆپچىلىك ھەيران قاپتۇ. سودىگەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:

ــ ئاشۇنداق ئەھۋالدا، دەريادىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ھەتتاكى بىر تال ئىچ تامبىلىنىلا قالدۇرۇپ، قالغان ھەممە نەرسىسىنى كىرا ھەققىگە ھېسابلاپ ئېلىۋالساڭلارمۇ ئۇلار رازىمەنلىك بىلەن ماقۇل بولىدۇ، سەۋەبى ئالدىدا ئالتۇن كانى بار تۇرسا!

ھېكمەت: باشقىلار قىلىشنى خالىمىغان، قىلمىغان ئىشنى قىلىش دەل مۇۋەپپەقىيەت يولىدۇر. قىيىنچىلىق ئاقىللار نەزىرىدە دائىم يۇشۇرۇن بىر پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، بىلوگىمنىڭ ۋېيشىن (ئۈندىدار) سالونىنى قوشۇۋېلىڭ.

تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/
ئالدىنقى يازما:
كېيىنكى يازما:

كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ.

تەخەللۇسىڭىز *

ئىلخېتىڭىز * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور بېتىڭىز

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif