پاقىنىڭ ھېكايىسى
بۇرۇنقى زاماندا سۈيى ناھايىتى ئەلۋەك ھەم سۈزۈك، ئەتراپى بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن ئورالغان تولىمۇ ھاۋالىق ناھايىتى چوڭ بىر كۆل بولغان ئىكەن. دەل-دەرەخلەردە خىلمۇ – خىل قۇشلار، كۆلدە بولسا بىر توپ پاقىلار ماكان تۇتقان ئىكەن.
كۆلنى ماكان تۇتقان بۇ پاقىلار بەكمۇ ھورۇن ھەم مەينەتكەن، كۆلنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تازىلىمىغاننى ئاز دەپ، ئۇدۇل كەلگەنلا يەرگە چوڭ-كىچىك تاھارەت قىلىدىكەن، تۈكۈرۈپ-مىشقىرىدىكەن، كۈنلەر ئۆتۈپ، ئاي-يىللار ئۆتۈپتۇ، كۆلنى بارا-بارا سېسىقچىلىق قاپلاپ، كۆل يۈزىنى پاقا لېشى قاپلاپ كېتىپتۇ. كۆل سۈيىمۇ قارىيىپ دۇغلىشىپ، سېسىق پۇراپ كېتىپتۇ، دەل-دەرخلەر قۇرۇپ، ئۇلارنى ماكان تۇتقان قۇشلار تەرەپ-تەرەپلەرگە تاراپ كېتىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، ئارىدىن بىر ياشراق پاقا چىقىپ، كۆپچىلىككە مۇنداق دەپتۇ:
ــ كۆپچىلىك، قاراڭلار، بۇ كۆل نېمىدېگەن سېسىق ـ ھە؟ ھەممە يەرنى پاقا لېشى قاپلىغان، سۇيى قاپقارا ھەم سېسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلمۇ قۇرۇپ كىچىكلەشكە باشلىدى، بۇ يەردە تۇرۇۋەرسەك ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز، بۇ يەردە ئۆلۈمىمىزنى كۈتۈپ تۇرغاندىن كۆرە، سۈيى سۈزۈك ھەم چوڭراق باشقا كۆللەرگە كۆچۈپ كەتمەيمىزمۇ؟
پاقىلار شۇندىلا بۇ كۆلنى ئەمدىلەتىن كۆرۈۋاتقاندەك ئەتراپقا قاراپ ھەيران قېلىشىپتۇ، بەزىلىرى ھەتتا سېسىقچىلىقتىن يىرگەنگەندەك بۇرۇنلىرى ئېتىشىۋاپتۇ. ئارقىدىن ھەممىسى تەڭلا «كۆچۈپ كېتەيلى» دېيىشىپ كۇكىرىشىپ كېتىپتۇ. ھەممەيلەن كۆچۈشنىڭ تەييارلىقىنى جىددىي قىلىۋاتقاندا، بىر قېرى پاقا بىخارامان ئولتۇرىۋېرىپتۇ. پاقىلار ئۇنىمۇ بىللە كۆچۈرۈشنىڭ كويىدا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشىپتۇ، ئەمما قېرى پاقا جاھىللىق قىلىپ كۆچكىلى زادىلا ئۇنىماپتۇ ۋە پاقىلارغا مۇنداق دەپتۇ:
ــ بۇ كۆل بەكمۇ سېسىق، بىراق بۇ مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاي ــ مېنىڭ ۋەتىنىم، گەرچە بۇ كۆلدىن گۈزەل، سۈيى سۈزۈك كۆل تېپىش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى مىجەزىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك، ئىككى كۈندە ئۇ جاينىمۇ سېسىتىپ تۇرغۇسىز قىلىۋېتىمىز-دە، يەنە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىمىز، ئۆزىمىزنى تۈزەتمەي مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسەك ئاخىرى ماكانسىز قالىمىز!
بۇنى ئاڭلىغان پاقىلار باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشقىنىچە جىمىپ كېتىپتۇ، بىر ھازادىن كېيىن ئۇلار غەيرەتكە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، كۆلنى تازىلاپ، قايتىدىن گۈزەل بىر ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپتۇ.
ھېكمەت: ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ كۈنلىرىمىزنىڭ تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاقشىغاندىن كۆرە، ئۆزىمىزنىڭ ئىللەتلىرىنى تۈزىتىپ، ئارتۇقچىلىقىمىزنى جارىي قىلدۇرۇپ، كۆپرەك تېخنىكا ئىگىلەپ، ئۆز تۇرمۇشىمىزنى ئۆزىمىز تۈزىگىنىمىز تۈزۈكرەك.
تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/