ئاڭلاش سەنئىتى
ئامېرىكىلىق داڭلىق رىياسەتچى لىنكلەتېر بىر كۈنى بىر كىچىك بالىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
ـــ سىز چوڭ بولغاندا نېمە قىلماقچى؟
ـــ ھە… مەن چوڭ بولغاندا ئۇچقۇچى بولىمەن!ـــ سەبىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ بالا. لىنكلەتېر ئۇنىڭغا ئۇلاپلا سوراپتۇ:
ــ ئەگەر بىر كۈنى سىزنىڭ ئۇچقۇرىڭىز تېنچ ئوكيان ئۈستىگە كەلگەندە بارلىق ماتورلىرىڭىزنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالسا، سىز قانداق قىلىسىز؟
ـــ مەن ئالدى بىلەن ئۇچقۇدا ئولتۇرغانلارغا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ تاقاشنى ئېيتىپ، ئاندىن ئۆزەمنىڭ پاراشوتىنى ئېچىپ سىرتقا سەكرەيمەن،ـــ دەپتۇ بالا بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ. بۇ چاغدا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار كۈلۈپ تولغىشىپ كېتىپتۇ. لىنكلەتېر بولسا داۋاملىك بۇ بالىغا سەپسېلىپ، ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغان بۇ شاكىچىكنى ئوبدانراق كۆرۈۋالماقچى بولۇپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن، لىنكلەتېر بالىدىكى ئېچىنىش ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىدىن داۋاملىق سوراپتۇ:
ـــ سىز نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟
بالىنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ سەمىمىي خىيالىنى ئاشكارىلاپتۇ:
ـــ مەن يېقىلغۇ ئالغىلى بارىمەن، مەن يەنە قايتىپ كېلىمەن!!!
ھېكمەت: باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان چېغىڭىزدا، سىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاپ بىلەلىدىڭىزمۇ؟ بىلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر بىلەلمىگەن بولسىڭىز، سىز باشقىلارنىڭ گېپىنى سۆزلەپ بولۇشىنى كۈتۈڭ، مانا بۇ «ئاڭلاش سەنئىتى»دۇر. بىرىنچىسى، گەپ ئاڭلىغاندا يېرىمىنىلا ئاڭلىسىڭىز بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، ئۆز ئويىڭىزنى باشقىلار گېپىگە تاڭسىڭىز بولمايدۇ. تەلىم ئېلىپ ئاڭلاش، كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم.
تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/
2014/03/13 سائەت 15:56:09
گەپنىڭ ئاخىرىغىچە ئاڭلاشمۇ كىشىگە قىلىنغان ھۆرمەت
بلوگىڭىزغا پەتىلەپ كەلدىم نىدا ئاكا