چېلەكنىڭ ھېكايىسى
بۇرۇنلاردا كىشىلەر تۇرمۇشتا سۇ ئىشلەتكەندە كۆپىنچە قۇدۇق سۈيىگە تايىناتتى، شۇڭا چېلەكنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بىر كۈنى بىرەيلەننىڭ ئۆيىدىكى چېلەكنىڭ بىرنەچچە تاختىيى چىرىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ، دەماللىققا مۇۋاپىق كەلگۈدەك تاختاي تېپىلماپتۇ. شۇڭا ئۇ ئۇچرىغانلا ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە تاختاينى ئېلىپ چېلەكنى قايتا ياساپتۇ.
بىراق ئۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ چىققاندا، سۇنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئاز ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. كۆڭلىدە:« بۇ نېمە ئىشتۇ؟» دەپ ئويلاپ ئىچى سىقىلىپتۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئالماشتۇرۇلغان تاختايلار ئارىسىدا بىرسىنىڭ ئالاھىدە قىسقىلىقىنى، چېلەكتىكى سۇنىڭ ئاشۇ يەردىن ئېقىپ چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاۋۇ ئۇزۇن تاختايلارنىڭ رولى بولمايۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ.
ھېكمەت: بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى شۇ گۇرۇپپىدىكى مەلۇم شەخسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى شۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ كەمچىل نۇقتىسىغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا، بىز خىزمەتلىرىمىزدە ھەمكارلاشقاندا، ئاشۇ ئاجىز ھالقىلارغا (كەمچىلىكلەرگە) ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئارتۇقچىلىقلارنى جارىي قىلدۇرۇشقىلا كۈچىمەستىن، ئاجىز ھالقىلار (كەمچىلىكلەر)نى تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/