قېلىچۋاز
بىر قېلىچۋاز قېلىچۋازلارنىڭ پىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ شۇنداق بىر ئالاھىدە ماھارەتنى ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدا تەلىم ئالماقچى بولۇپتۇ. قېلىچۋازلارنىڭ پىرى قوينىدىن ئاران بىر گەز كېلىدىغان قىسقا خەنجەرنى چىقىرىپتۇ ۋە:
ــ مۇشۇ نوچى خەنجەر بولغاچقىلا مېنىڭ بۈگۈنكىدەك ماھارىتىم بولغان،ــ دەپتۇ. قېلىچۋاز ئىشەنمەپتۇ:
ــ باشقىلارنىڭ قېلىچىنىڭ ھەممىسى 3~4 گەز، سىزنىڭ ئاران بىر گەز ئۇزۇنلۇقتىكەن، قوراللار دەستۇرىدا «قېلىچىڭ بىر ئۈلۈش قىسقارسا، خەتىرىڭ ئۈچ ئۈلۈش كۆپىيىدۇ،» دېيىلگەن. بۇنداق قىسقا خەنجەرنى كۆتۈرۈۋالسىڭىز، شۈبھىسىزكى، بىر خىل ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز، شۇنداق تۇرۇپ بۇ خەنجەرنى يەنە تېخى ياخشى دەيسىزغۇ؟
ــ دەل مۇشۇ قورال جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك سەۋەبلىك، مەن دائىم باشقىلار بىلەن روبىرو جەڭ قىلغاندا ئۆزەمنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ تۇردۇم. شۇڭلاشقا، مەن تىرىشىپ قېلىچۋازلىق ماھارىتىنى مەشق قىلىپ، ماھارەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق ئارقىلىق قورال جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنى ياپتىم. شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ قېلىچۋازلىق ماھارىتىم ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، يېتەرسىزلىكنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇردۇم،ــ دەپتۇ قېلىچۋازلارنىڭ پىرى.
ھېكمەت: ناچار ھالەت بىلەن ياخشى ھالەت مۇتلەق بولمايدۇ. ئۆزىڭىزنى ناچار ھالەت ئىچىگە قويغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزگە بېسىم چۈشۈرۈپ، ئۆزىڭىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرەلەيسىز. ئۆزىنى ناچار ھالەتكە قويۇشقا جۈرئەت قىلالىغان ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا ۋەزىيەتنى ياخشى ھالەتكە ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/