ۋاز كېچىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ
ئىككى ئادەم تاغقا چىقىپ گۆھەر ئىزدەشكە كېلىشىپتۇ، قايتاشىدا A بولسا لىق بىر سېۋەت تاش يۈدۈۋاپتۇ، B بولسا پەقەت ئۆزى ئەڭ پۇلغا يارايدۇ دەپ قارىغان بىر تال تاشنىلا ئېلىۋالغان ئىكەن. A بولسا B نى مازاق قىلىپ:
ــ سەن نېمىشقا ئاران بىر تال تاشنىلا ئېلىۋالدىڭ؟ــ دەپ سوراپتۇ.
B بولسا:
ــ قىممەتلىك تاشلار گەرچە كۆپ بولسىمۇ، بىراق مەن ئەڭ قىممىتىنى تاللىۋالساملا بولدى،ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. A كۈلۈپ قويۇپ باشقا گەپ قىلماپتۇ.
قايتىش سەپىرىدە A ئۆزىنىڭ يۈكىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامالسىزلىقتىن سېۋىتىدىن ئۆزى ئەڭ ناچار دەپ قارىغان بىر تال تاشنى ئىلغاپ توختىماي تاشلاپ مېڭىپتۇ. نەتىجىدە، تاغ باغرىغا چۈشكەندە ئۇنىڭ سېۋىتىدىمۇ ئاران بىر تاللا تاش قاپتۇ.
ھېكمەت: ھاياتلىقتا نۇرغۇن نەرسىلەر بىزنىڭ تارتىشىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، بىراق بەزىدە سىز ۋاز كېچىشنىمۇ ئۆگىنىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ!
تۆۋەندىكى مەنزىلنى يانفون تور كۆرگۈچىڭىزگە كىرگۈزۈپ، بىلوگىمنىڭ يانفون نۇسخىسىنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
mo/