قەشقەردىكى قۇملۇقلار ۋە چۆللۈكلەر

قەشقەردىكى قۇملۇق ۋە چۆللۈكلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەردىكى قۇملۇقلار ۋە چۆللۈكلەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەكلىماكان قۇملۇقى، كۈزلۈكقۇم، داۋانقۇم، يامانقۇم،چىۋىن چاقتى قۇملۇقى، ئۇزۇنساي، تۈزساي، ئاقتالا، ئودام جاڭگال، ئازغان جاڭگال، بوزكۆل جاڭگال، لالما جاڭگال، سېسىق قۇدۇق، سېرىم سېيى، تۇغىچى سېيى، ياسىدۆڭ چۆلى، شورلۇق ساي،بۇقسۇۋى سېيى، ئاۋات جاڭگىلى، شېكەرباغ جاڭگىلى، چىگە قۇدۇق جاڭگىلى، كونا دەريا جاڭگىلى، چاسا چۆلى، ئارىساي چۆلى، سايقورغان، چوڭقۇر، پەھلىۋان ساڭ دەشتى، توردەشت، كۆكتېتىر، سېغىزلىق، بەشكەن جاڭگىلى، قىياق جاڭگىلى، قاقشال سېرىق توغراق، قۇرۇق تىزناپ، بورا قالاق، ياسىدۆڭ جاڭگىلى، دۆڭلۈك، گۈمبەزساي، دۆڭساي، قەلەندەر زەي شورلۇقى قاتارلىقلار بار.

تەكلىماكان قۇملۇقى

تەكلىماكان قۇملۇقى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى رۇبئەل خارى قۇملۇقىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئاساس قىلىپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شەرقىدىكى قۇرۇق قۇملۇقى، چەرچەن دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ياقا تاغ قۇملۇقىنى ھەمدە قەشقەر دېلتىسىدىكى بوغۇل قۇملۇقى ۋە توغراق قۇملۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتكۈل قۇملۇقنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1070 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 410 كىلومېتىر، كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %47.4 ىنى، تارىم ئويمانلىقى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن  %63.7 ىنى ئىگىلەيدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 840-1200 مېتىر كېلىدۇ. كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، قۇم-بوران كۆپ، جەنۇبىي چەتلىرىنىڭ يىللىق قۇم-بورانلىق كۈنى 100 كۈندىن ئېشىپ كېتىدۇ. قۇملۇقتىكى كۆچمە قۇم بارخانلىرىنىڭ كۆلىمى ئومۇمىي قۇملۇق كۆلىمىنڭ %85 ىنى ئىگىلەيدۇ. دەريا بويلىرى ۋە غەربىدىكى مازار تاغ، رۇس تېغى ۋە شىمالىي نىيە تۆپىلىكلىرىدىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى قۇم بارخانلىرى بىلەن قاپلانغان. قۇم بارخانلىرىنىڭ ئېگىزلىكى سىرتتىن ئىچكىرىسىگە قاراپ تەدرىجىي ئېگىزلەپ بارىدۇ، نىسپىي ئېگىزلىكى ئومۇمەن 100-200 مېتىر، ئەڭ ئېگىز جايلىرى 300 مېتىرغا يېتىدۇ. قۇم بارخانلىرىنىڭ تىپى ئون نەچچە خىل بولۇپ، مۇرەككەپ تىپلىق بويلىما قۇم تىزمىلىرى بىلەن ھىلال ئاي شەكىللىك بارخان زەنجىرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. كېرىيە، نىيە ئارىلىقىدا يەنە پىرامىدا شەكىلدىكى قۇم بارخانلىرىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئاساسلىق شامال يۆنىلىشى كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقىدە شەرقىي شىمال شامىلى، غەربىدە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، قۇم بارخانلىرىنىڭ كۆچۈش يۆنىلىشى شامال يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. كېرىيە، نىيە ئەتراپلىرى كۆپ خىل شامال يۆنىلىشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، قۇم بارخانلىرىنىڭ يۆتكىلىشىمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ. قۇملۇقتا قۇم بورانلىق كۈن يىلىغا 30 كۈندىن، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى يىلىغا 150 كۈندىن ئارتۇق بولىدۇ. قۇملۇقنىڭ چەت رايونلىرىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 60-80 مىللىمېتىر. قۇملۇقنىڭ مەركىزىدىكى ھاۋارايىنى كۆزىتىشتىن قارىغاندا، قۇملۇقنىڭ مەركىزىي قىسمىدا ياز پەسلى ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ. مەنشى پونكىتى (شىمالىي كەڭلىك 40 گرادۇس 6 مىنۇت، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83 گرادۇس 6 مىنۇتقا جايلاشقان) نىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 84.4 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ئوتتۇرا تارىم پونكىىتى (شىمالىي كەڭلىك 38 گرادۇس 8 مىنۇت، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83 گرادۇس 57 مىنۇتقا جايلاشقان) نىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 26.4 مىللىمېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى نېفىت، تەبىئىي گازلىقلار بايقالدى؛ تارىمنىڭ شىمالىدىكى بۈگۈردىن تارىمنىڭ جەنۇبىدىكى نىيە ناھىيەسىگىچە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 522 كىلومېتىر كېلىدىغان، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان قۇملۇق تاشيولى ياسالدى.

كۈزلۈكقۇم

 كۈزلۈكقۇم يوپۇرغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسىنىڭ شەرقىدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى دولقۇنسىمان قۇم دۆۋىلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، يېكەن، قومۇش، شىۋاق، يۇلغۇن قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئاندا-ساندا ياۋا توشقان، تۈلكە قاتارلىقلار ئۇچرايدۇ. دېھقانلار كۈز پەسلىدە بۇ قۇملۇقتا چارۋا باققاچقا  شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

داۋانقۇم

داۋانقۇم مارالبېشى ناھىيەسى ئاقساقمارال يېزىسىنىڭ تەۋەسىگە جايلاشقان. يەر شەكلى ئېگىز-پەس، كۆلىمى 1 مىليون 125 مىڭ مو بولۇپ، قىزىل، قارا دۆڭ قاتارلىق ئىككى چۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يامانقۇم

  يامانقۇم مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئالاغىر يېزىسىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى ئېگىز-پەس، كۆلىمى تەخمىنەن 150 مىڭ مودەك كېلىدۇ. بۇ جايدا يۇلغۇن، يانتاق، توغراق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ.

چىۋىن چاقتى قۇملۇقى

بۇ قۇملۇق پەيزىۋات ناھىيەسى قارلىغاچ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 6.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 45 مىڭ مو كېلىدۇ. ھاۋاسى ئىللىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 12 سېلتسىيە گرادۇس، بوران كۆپ چىقىدۇ. بۇ جايدا قومۇش قاتارلىق ئوت-چۆپلەر ئۆسىدۇ. ياۋاتوشقان، تۈلكە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. بۇ يەردە كۆكۈيۈن كۆپ بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ئۇزۇنساي 

ئۇزۇنساي قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىن 8 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى-قونجىراپ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 6.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 40 مىڭ مودەك كېلىدۇ. چۆل ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

تۈزساي

 تۈزساي كونا شەھەر ناھىيەسى مۇش يېزىسىنىڭ شىمالىدىن 12 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 22 كىومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 12 كىلومېتىر، كۆلىمى 400 مىڭ مودەك كېلىدۇ. ئىقلىمى قۇرغاق، ھۆل-يېغىنى ئاز، بوران كۆپ چىقىدۇ. شىۋاق، يانتاق  قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار بولۇپ، چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. قەشقەر-كانسۇ ئوتتۇرىسىدىكى كونا تاشيول چۆل مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئاقتالا

  ئاقتالا كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىنىڭ غەربىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 10 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ مودەك كېلىدۇ. بۇ يەردە ئاندا-ساندا قومۇش، يانتاق قاتارلىقلار ئۆسكەن بولۇپ، چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن بۆرە، تۈلكە، ياۋا توشقان، كېيىك قاتارلىقلار بار.

 ئودام جاڭگال

 ئودام جاڭگال يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھاراپ يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. كۆلىمى تەخمىنەن 80 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، ئېگىز-پەس قۇم دۆۋىلىرىدىن تەركىپ تاپقان. ياۋايى ھايۋانلاردىن قاۋان، تۈلكە ۋە تورغاي قاتارلىقلار بار. ئۆسۈملۈكلەردىن ئاساسەن قومۇش، چىغ، سۆكسۆك ئۆسىدۇ.

ئازغان جاڭگال

ئازغان جاڭگال يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئەرمۇدۇن يېزىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 40 مىڭ مودەك كېلىدۇ، تەۋەسىدە نۇرغۇن بۇلاق بار. بۇ يەردە قومۇش ئۆسكەن بولۇپ، چارۋا بېقىشقا باب كېلىدۇ. بۇ يەردىن يەنە شور تۇز چىقىدۇ.

بوزكۆل جاڭگال

  بوزكۆل جاڭگال يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 11 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. يەر شەكلى ئېگىز-پەس، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 60 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، يانتاق، كەررەك قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. ياۋا توشقان، كېيىك ئاندا-ساندا چېلىقىدۇ. بۇ جاڭگالنىڭ تۇپرىقى بوز، يەر شەكلى ئويمان بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

لالما جاڭگال

  لالما جاڭگال يوپۇرغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 13.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، تۇپرىقى شور، سۇ ئورنى يۇقىرى، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىڭ مو كېلىدۇ. كەررەك، يانتاق، شۇرداق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئاندا-ساندا قاۋان، تۈلكە، ياۋا توشقان قاتارلىقلار چېقىلىپ قالىدۇ.

سېسىق قۇدۇق

  سېسىق قۇدۇق يوپۇرغا ناھىيەسى سىيەك يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 26 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. يەر شەكلى ئېگىز-پەس، ئومۇمىي كۆلىمى 60 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، يانتاق، قومۇش، شۇرداق، يۇلغۇن قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئاندا-ساندا ياۋا توشقان، تۈلكە قاتارلىقلار چېلىقىدۇ. بۇ يەردە بۇرۇن بىر قۇدۇق بولۇپ، سۈيى ئاچچىق ۋە سېسىق بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

سېرىم سېيى

سېرىم سېيى پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 135 مىڭ مودەك كېلىدىغان ساي ۋە قۇم ئارىلىقىدىكى چۆل بولۇپ، يەر شەكلى تۈز، سېرىم-ياپسا چۆل مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

تۇغىچى سېيى

تۇغىچى سېيى پوسكام ناھىيەسى تۇغچى يېزىسىنىڭ غەربىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 45 مىڭ مودەك كېلىدىغان شېغىل تاشلىق سايدۇر.

ياسىدۆڭ چۆلى

 ياسىدۆڭ چۆلى پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 16.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 49 مىڭ 500 مودەك كېلىدىغان ساي چۆلدۇر. چۆلنىڭ غەربىي شىمالىدا بىر قىسىم بوستانلىقلار بار. ياسىدۆڭ چۆلى «توپا دۆڭلۈك چۆل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

شورلۇق ساي

شورلۇق ساي قاغىلىق ناھىيەسى يىلقىچى يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 8 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، كۆلىمى 60 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ سايدا ئوت-چۆپلەر ئۆسىدىغان بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسلىدە چارۋا بېقىشقا بولىدۇ.

 بۇقسۇۋى سېيى

بۇقسۇۋى سېيى قاغىلىق ناھىيەسى لوق يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 30 مىڭ مودەك كېلىدۇ. بۇ جاي ھاۋاسى قۇرغاق، سايلىق چۆلدۈر. بۇقسۇۋى-سۇ ئايرىش ئېغىزى مەنىسىدە بولۇپ، بەشئېرىق يېزىسى بىلەن لوق يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.

ئاۋات جاڭگىلى

   بۇ جاڭگال مارالبېشى ناھىيەسى ئاۋات يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، يەر شەكلى تۈز، كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ مودەك كېلىدۇ. بۇ جاي قۇملۇق تىپىدىكى جاڭگالغا مەنسۇپ بولۇپ، ئاۋات يېزىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

شېكەرباغ جاڭگىلى

  بۇ جاڭگال مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، يەرشەكلى ئېگىز-پەس، كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. ئاز قىسمىدا قومۇش قاتارلىق ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن بولۇپ، شور، سازلىق قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ جاڭگال شېكەرباغ كەنتىنىڭ ياقىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

چىگە قۇدۇق جاڭگىلى

  بۇ جاڭگال مارالبېشى ناھىيەسىدىكى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى تۈز، كۆلىمى 400 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە يۇلغۇن، توغراق، قومۇش قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ئىلگىرى بۇ جايدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ئەتراپىدا ياۋا كەندىر ئۆسلەچكە شۇ نام بىلەن ئاتالغان

كونا دەريا جاڭگىلى

  بۇ جاڭگال مارالبېشى ناھىيەسىدىكى قارا قىلچىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. يەر شەكلى ئېگىز-پەس، كۆلىمى تەخمىنەن 150 مىڭ مو ئەتراپىدا بولۇپ، توغراق، يۇلغۇن قاتارلىقلار بار. كونا دەريا بۇ يەردىن ئۆتكەچكە، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

چاسا چۆلى

  چاسا مەكىت ناھىيەسى تۈمەنتال يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 18 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ مودەك كېلىدۇ. بۇ جايدا توغراق، يۇلغۇن، چۈچۈكبۇيا، قومۇش، ياۋا كەندىر قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا توشقان، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. بۇ چۆل چاسا شەكىلدە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ئارىساي چۆلى

  بۇ چۆل تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 3 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىك 6 كىلومېتىر، كۆلىمى 99 مىڭ مو كېلىدۇ. چۆلدە كۆكيار كەنتىدىن قاينار چارۋىچىلىق فېرمىسىغا ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ بار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 8 كىلومېتىر كېلىدۇ.

سايقورغان

  سايقورغان تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، كۆلىمى 96 مىڭ مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولۇپ، قەشقەر-تاشقورغان تاشيولى بۇ چۆللۈكنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

چوڭقۇر

  چوڭقۇر تاشقورغان ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئويمانلىق بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 90 مىڭ مو كېلىدۇ. چۆللۈكتە بىر ئۆستەڭ بار بولۇپ، ئەتراپىدا سۈنئىي يايلاق بەرپا قىلىنغان. جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى بۇ چۆللۈكنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

پەھلىۋان ساڭ دەشتى

  پەھلىۋان ساڭ دەشتى تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 22 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، كۆلىمى 100 مىڭ مو كېلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 28 سېلتسىيە گرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 34 سېلتسىيە گرادۇس،بولۇپ، تۈكلۈك ئەمەن قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈمۈكلەر ئۆسىدۇ. تاشقورغاندىن قارا چوقۇرغا بارىدىغان تاشيول بۇ چۆللۈكتىن ئۆتىدۇ.

 توردەشت

  توردەشت تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 21 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 18 كىلومېتىر، كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، كۆلىمى 189 مىڭ مو كېلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 28 سېلتسىيە گرادۇس ، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 34 سېلتسىيە گرادۇس بولىدۇ. ھەرخىل ئوت-چۆپلەر ئۆسىدۇ. توردەشت تاجىكچە سۆز بولۇپ، قارادەشت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

كۆكتېتىر

  كۆكتېتىر پەيزىۋات ناھىيەسى قارلىغاچ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 16.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 45 مىڭ مو كېلىدۇ. ھاۋاسى ئىللىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 12 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، بوران كۆپ چىقىدۇ. قومۇش، ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار. بۇ جايدا پاكار قومۇش ئۆسكەندىن سىرت، باشقا نەرسە ئۈنمەيدىغان بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

سېغىزلىق

  سېغىزلىق پەيزىۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 8.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 105 مىڭ مو كېلىدۇ. ھاۋاسى ئىللىق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 12 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، بوران كۆپ چىقىدىغان سېغىز توپىلىق باياۋان.

بەشكەن جاڭگىلى

  بۇ جاڭگال يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسىنىڭ شەرقىدىن 11 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 84 مىڭ مو كېلىدۇ. قومۇش، يانتاق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ، چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. بۇ يەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ھاراپ يېزىسىنىڭ بەشكەن كەنتى بىلەن تۇتاشقاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

قىياق جاڭگىلى

  بۇ جاڭگال يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 5.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 108 مىڭ مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. قومۇش، يانتاق قاتارلىقلار ئۆسكەن بولۇپ، چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە قىياق كۆپ بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

قاقشال سېرىق توغراق

  بۇ جاي يەكەن ناھىيەسى بەشكەن يېزىسىنىڭ شەرقىدىن 16 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 150 مىڭ مو كېلىدۇ. بۇ جايدا قومۇش، يۇلغۇن، توغراق قاتارلىقلار بار بولۇپ، دېھقانلارنى ئوتۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە چارۋا باققىلى بولىدۇ.

قۇرۇق تىزناپ

  بۇ جاي يەكەن ناھىيەسى ئالمەت يېزىسى سولاقما كەنتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزا بىلەن ئارىلىقى 3 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا قومۇش ناھىيىتى ئوبدان ئۆسىدىغان بولۇپ، ئاۋات، ئالمەت، ئازادباغ قاتارلىق ئۈچ يېزىنىڭ بورا توقۇش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىن ھەريىلى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

بورا قالاق

  بۇ جاي پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسىنىڭ غەربىدىن 14 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 493 مىڭ مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ جايدا ھەرخىل ئوت-چۆپلەر ۋە چۈچۈكبۇيا قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسىدۇ. بورا قالاق-بورا كەپە مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

ياسىدۆڭ جاڭگىلى

  بۇ يەر پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 35 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 24 مىڭ مو كېلىدۇ. دائىرىسىدە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانى بار بولۇپ، 7000 مو توغراق ئورمانلىقى بار. ئورمان رايونىدا يەنە چۈچۈكبۇيا بايلىقى بار. قۇملۇقتا دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسىدۇ.

دۆڭلۈك

  دۆڭلۈك پوسكام ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى شەرقىي شىمالىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 30 مىڭ مو كېلىدۇ. تۇپرىقى شورلۇق بولغاچقا، ئاز مىقداردا قومۇش، يانتاق قاتارلىقلار ئۆسىدۇ.

گۈمبەزساي

  گۈمبەزساي كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىنىڭ شىمالىدىن 4 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى 36 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 3 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 162 مىڭ مو ئەتراپىدا كېلىدىغان تاشلىق ساي بولۇپ، يانتاق، ئاق تىكەن قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. بۇ يەردە چارۋا باققىلى بولىدۇ.

دۆڭساي

  دۆڭساي كونا شەھەر ناھىيەسى تاشمىلىق يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 3 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 4.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 73 مىڭ مو كېلىدۇ. ئاندا-ساندا يانتاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ، ياۋايى ھايۋانلاردىن كىيىك، ياۋا توشقان بار. يازدا چارۋا بېقىشقا بولىدۇ.

قەلەندەر زەي شورلۇقى

 بۇ جاي مەكىت ناھىيەسى تۈمەنتال يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 19.5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى تۈز، كۆلىمى تەخمىنەن 55 مىڭ مو كېلىدۇ. يىل بويى سۇ يىغىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، كۆلىمى 40 مىڭ ئەتراپىدا. سۈيىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 10 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سۇلىرىدا بېلىق،  قومۇش بار. سازلىققا قاۋان، تۈلكە، ياۋا توشقان قاتارلىقلار ياشايدۇ. بۇ سازلىقنىڭ دائىرىسى چوڭ بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەچكە، بۇ يەردىن زېرىكىپ شۇ نام بىلەن ئاتىغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#