كىچىك ئاققۇ
كىچىك ئاققۇ (ئىلمىي نامى: Cygnus columbianus) يەنە تۇندرا ئاققۇ، قىسقا تۇمشۇق ئاققۇ دەپمۇ ئاتىلىدىغان سۇ قۇشى بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 110-135 سانتېمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 4-7 كىلوگرام، چىشىسى سەل كىچىكرەك. بەدەن شەكلى چوڭ ئاققۇنىڭكىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تېنى روشەن ھالدا بىرقەدەر چوڭ ئاققۇنىڭكىدىن كىچىك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دالىدا پەرق ئېتىش ئالاھىدىلىكى: كىچىك ئاققۇ تەن ئېغىرلىقى 4-7 كىلوگرام، تەن ئۇزۇنلۇقى 110-135سانتېمىتىر. پۈتۈن بەدىنى ئاق، تۇمشۇق ئۇچى قارا، تۇمشۇق ئاساسى سېرىق، سىرتقى شەكلى چوڭ ئاققۇ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تېنى روشەن ھالدا بىرقەدەر چوڭ ئاققۇنىڭكىدىن كىچىك، بوينى ۋە تۇمشۇقى قىسقا ھەم چوڭ ئاققۇنىڭكىدىن بىرقەدەر كىچىك، ئاغزىدىكى قارا داغلىرى چوڭ، سېرىق كىچىك، تۇمشۇقىنىڭ تۈۋىدە ئىككى تەرىپىدە سېرىق داغ بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئېغىزىنىڭ گىرۋىكى بويلاپ ئالدىغا سوزۇلغان؛ سايرىغان ئاۋازى جاراڭلىق، خۇددى « Kou-kou» ئۈشتەك ئاۋازى، چوڭ ئاققۇنىڭكىگە كاناي ئاۋازى ئوخشىمايدۇ. دالىدا پەرق ئېتىش تەس ئەمەس. ئاق ياۋا غازنىڭكىگە بىر قەدەر ئوخشاپ كېتىدۇ، پۈتۈن بەدىنى ئاق، لېكىن ئاق ياۋا غازنىڭ جۇغى كىچىكرەك، ئاغزىدا يوللىرى بار، ئاغزىدا قارا دېغى يوق، دەسلەپكى پەي قارا، ئۆرە تۇرغاندا كەينى قار، ئۇچقاندا قانىتىنىڭ ئۇچى قارا، كىچىك ئاققۇ نىلەن روشەن ھالەتتە ئوخشىمايدۇ.
ئەركەك چىشى ئىككىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاش، چىشىسىنىڭ جۇغى سەل كىچىك، يېتىلگەن قۇشنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاق بولىدۇ، پەقەت باش قىسىمىدىن تارتىپ گەجگە قىسمى دائىم سەل يۇقۇپ قوڭۇر سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
رەڭدار پەردىسى قوڭۇر، تۇمشۇقى قارامتۇل كۈلرەڭ، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ تۈۋىدە ئىككى تەرىپىدە سېرىق داغ ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت بۇرۇن تۆشۈكى ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان؛ ئوشۇق-پەنجە، ئۈزۈش پەردىسى ۋە تىرناقلىرى قارا رەڭدە بولىدۇ. چۈجىلىرىنىڭ پۈتۈن بەدىنى سۇس كۈلرەڭ قوڭۇر، تۇمشۇق ئاساسى قىزىل، تۇمشۇق ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ.
چوڭ-كىچىكلىكى
كىچىك ئاققۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى:
چىشى كىچىك ئاققۇ (♀) | ئەركەك كىچىك ئاققۇ (♂) | |
بەدەن ئېغىرلىقى | 5010-6400 گرام | 4510-7000 گرام |
تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى | 1110-1132 مىللىمېتىر | 1130-1300 مىللىمېتىر |
تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى | 85-91 مىللىمېتىر | 94-105 مىللىمېتىر |
قانىتى ئۇزۇنلۇقى | 490-500 مىللىمېتىر | 506-530 مىللىمېتىر |
قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى | 138-144 مىللىمېتىر | 149-155 مىللىمېتىر |
ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى | 88-92 مىللىمېتىر | 94-100 مىللىمېتىر |
كىچىك ئاققۇ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاساسلىقى كەڭ كۆل، سۇ ئازگىلى، سازلىق، سۇ ئېقىمى ئاستا دەريا بويلىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى تۇندرا پەسلىك ۋە تۇندرا سازلىقتا ياشايدۇ. قىش پەسلىدە ئاساسلىقى قومۇش، يېكەن، ئىـگىر ۋە باشقا سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولغان چوڭ كۆل، سۇ ئامبىرى، كۆلچەك بىلەن دەريا قولتۇقى قاتارلىق جايلارغا، نەم ئوتلاق ۋە سۇ بېسىپ كەتكەن تۈزلەڭلىك، سازلىق، دېڭىز ساھىلى ۋە دەريا ئېغىزى رايونىدا. بەزىدە ھەتتا ئېتىز-ئېرىق چۆل جەزىرىلەردىمۇ ياشايدۇ.
كىچىك ئاققۇتوپلىشىش خاراكتېرلىك ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدىن سىرت باشقا ۋاقىتلاردىمۇ دائىم كىچىك توپ ياكى چوڭ بىر توپ بۇلۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەرىكىتى ئىنتايىن ئېھتىياتچان، دائىم يىراقتىكى ئادەملەر توپىدىن ئايرىلىپ سۇ بار جايلاردا سۇ ئۈزۈپ يۈرىدۇ. ئارام ئالغاندا دائىم قىرغاقتىن يىراقراق جايلارغا ئېقىپ كېتىدۇ. خاراكتېرى سەزگۈر، سۇ ئۈزگەندە بوينى تىك تۇرىدۇ. ئاۋازى يۇقىرى ھەم زىل، دائىم سەل ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋاز چىقىرىدۇ.
ئوزۇقلىنىشى
كىچىك ئاققۇ ئاساسلىقى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يوپۇرمىقى، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ، غولى ۋە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يەيدۇ، يەنە ئازراق قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، يۇمشاق تەنلىكلەر، سۇدا ياشايدىغان ھاشارات ۋە باشقا كىچىك سۇ ھاشارەتلىرى، بەزىدە يەنە يېزا ئىگىلىك ئۇرۇقى، مايسا ۋە ئاشلىق زىرائەتلەرنى يەيدۇ. دائىم كىچىك توپ ياكى بىر توپ بۇلۇپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.
كىچىك ئاققۇ 6-7-ئايلاردا شىمالىي قۇتۇپ تۇندرا بەلبېغىدا كۆپېيىش ئۈچۈن ئەركەك چىشى قۇش جۈپلىشىدۇ. ئادەتتە 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە كۆپىيىش رايونىغا ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن دەرھال ئۇۋا ياساشقا باشلايدۇ. ئۇۋىلىرى كۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىك كۆل ۋە كۆل ئوتتۇرىسىدىكى قىلىنغان چۆپلۈك تۇندرا يەرگە ۋە تۇندرا سازلىق ئىچىدىكى كىچىك بارخان ئۈستىگە، ئەتراپتىكى كەڭ كەتكەن دەريا قولتۇقى ۋە دېڭىز قولتۇقى بار تۇندرا ئۈستىگە ئۇۋا سالىدۇ. ئۇۋىسىنى ئاساسلىقى قۇرۇق قومۇش، قۇرۇق ئوت-چۆپ ۋە باشقا تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىچىدە مامۇق پەيلەر بار شەكلى تەخسىسىمان. ئۇۋا ياساشنى ئەركەك قۇش ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قېتىمدا 2-5 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى ئاق بولىدۇ. چىشى قۇش، ئەركەك قۇش نۆۋەتلىشىپ تۇخۇم بېسىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. چۈجە چىقىرىش مەزگىلى 29-30 كۈن. چۆجىسى بالدۇر يېتىلىدۇ، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ماڭالايدۇ، 40-45 كۈندىن كېيىن ئۇچالايدىغان بولىدۇ.
كىچىك ئاققۇ ئاساسلىقى شىمالىي ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغان بۇلۇپ، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو ۋە ياپونىيەدە قىشتىن ئۆتىدۇ.
دۇنيادىكى تارقىلىشى
كىچىك ئاققۇكىچىك ئاققۇ ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلگىيە، بۇلغارىيە، كانادا، جۇڭگو، كرودىيە، چېخ، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، گرېنلاندىيە ئارىلى، ۋېنگرىيە، ئىسلاندىيە، ھىندىستان، ئىران، ئىراق، ئىېرلەن، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، چاۋشيەن، كورېيە، لاتۋىيە، لىۋىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مېكسىكا، مونتېنېگرو، نېپال، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، پاكىستان، بولان، پورتورىكو، رۇمىنىيە، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، جۇڭگو نىڭ تەيۋەن، رۇم (تۈركىيە)، تۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا.
كۆچمەن قۇشلارنىڭ تارقىلىشى: ئالجىرىيە، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا، بېلارۇسىيە، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى، گىبرالتار، ئەنگلىيە، گۇئام، ئىئوردانىيە، قىرغىزىستان، شىمالىي مارىئانا تاقىم ئارىلى، ئامان، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ساينت پىئېر ۋە مىكېلون تاقىم ئاراللىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكىغا قاراشلىق ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرى.
جۇڭگودىكى تارقىلىشى
جۇڭگو چېگراسىدا ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، ئىچكى مۇڭغۇل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شىمالىي ۋە شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا، قىشتا جەنۇبتا ۋە تەيۋەن يەنخەي دېڭىزلىرىدىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.
كىچىك ئاققۇنىڭ 3 كەنجى تۈر بار.
ئۇيغۇرچە نامى | خەنزۇچە نامى | لاتىنچە ئىلمىي نامى | نام بەرگۈچى ۋە يىلى | |
1. | كىچىك ئاققۇ رۇسىيە كەنجى تۈرى | 小天鹅俄罗斯亚种 | Cygnus columbianus bewickii | Yarrell,1830 |
2. | كىچىك ئاققۇ كەنجى تۈرى | 小天鹅指名亚种 | Cygnus columbianus columbianus | Ord,1815 |
3. | كىچىك ئاققۇ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كەنجى تۈرى | 小天鹅东北亚亚种 | Cygnus columbianus jankowskii | Todd,1979 |
«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىك» (The IUCN Red List) گە كىرگۈزۈلگەن: خەتىرى يوق تۈر (LC)؛ ____ 2012-يىلى باھالانغان.
«دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانات مۇندەرىجىسى» : «دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان» لار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. (1988-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.