سېرىق بۈركۈت

سېرىق بۈركۈت

سېرىق بۈركۈت (ئىلمىي نامى: Aquila chrysaetos) بۈركۈتلەر ئائىلىسىگە تەۋە، شىمالىي يېرىم شاردىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر خىل يىرتقۇچ قۇش. سېرىق بۈركۈت ئۆزىنىڭ گەۋدىلىك كۆرۈنۈشى ۋە چەبدەس، كۈچلۈك ئۇچۇشى بىلەن داڭلىق. يېتىلگەن قۇشنىڭ قانىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مېتىر، ئۇزۇنلۇقى بولسا بىر مېتىر، ئۇنىڭ پۇت تىرنىقى ئۈستىدە ھەممىسى پەيلەر بىلەن قاپلانغان. ئادەتتە تاغلىق ياكى ئېدىرلىق جايلاردا، ئېگىز تاغ، تاغدىكى ئېگىز تىك قىيالاردا ياشايدۇ ۋە ئۇۋا سالىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى سېرىق بۈركۈت
ئىنگلىزچە نامى Golden Eagle
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى لاچىنسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ھەقىقىي بۈركۈت ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 金雕
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى بۈركۈتسىمانلار ئائىلىسى
تۈرى سېرىق بۈركۈت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېرىق بۈركۈتسېرىق بۈركۈت (ئىلمىي نامى: Aquila chrysaetos) بۈركۈتلەر ئائىلىسىگە تەۋە، شىمالىي يېرىم شاردىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر خىل يىرتقۇچ قۇش. سېرىق بۈركۈت ئۆزىنىڭ گەۋدىلىك كۆرۈنۈشى ۋە چەبدەس، كۈچلۈك ئۇچۇشى بىلەن داڭلىق. يېتىلگەن قۇشنىڭ قانىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مېتىر، ئۇزۇنلۇقى بولسا بىر مېتىر، ئۇنىڭ پۇت تىرنىقى ئۈستىدە ھەممىسى پەيلەر بىلەن قاپلانغان. 

ئادەتتە تاغلىق ياكى ئېدىرلىق جايلاردا، ئېگىز تاغ، تاغدىكى ئېگىز تىك قىيالاردا ياشايدۇ ۋە ئۇۋا سالىدۇ. تاغلىقىتىكى يايلاق، چۆللۈك، چۆل-باياۋان، دەريا ۋە ئورمان رايونلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، قىش پەسلىدە دائىم تاغلىق يەر، ئېدىرلىق ۋە تاغ ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەڭ ئېگىز يېرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئوتتۇرا تىپتىكى قۇشلار ۋە ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. يېرىم شار مۆتىدىل بەلباغ، مۆتىدىل سوغۇق بەلباغ، سوغۇق بەلباغ رايونىلىرىغا تارقالغان.

سېرىق بۈركۈتسېرىق بۈركۈت ئۇرۇقدىشى چوڭ تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 76-102 سانتىمېتىر، قانىتىنىڭ كېرىلىش ئارىلىقى 1. 2 مېتىر، ئېغىرلىقى 2-6.5 كىلو گرام. بېشىنىڭ چوققىسى قارا قوڭۇر رەڭدە، بېشىدىن كېيىنكى بويۇن پەيلىرى ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن، يوپۇرماق شەكىللىك، تۇتۇق قىزغۇچ قوڭۇر، پەيلىرىنىڭ ئۇچى سېرىق، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك پەي غول سىزىقچىلىرى بولىدۇ. يۇقىرىقى گەۋدىسى قارامتۇل قوڭۇر، مۈرە قىسمى سەل سۇس، دۈمبە، مۈرە قىسمى سۇس سۆسۈن رەڭ پارقىراق بولىدۇ؛ قۇيرۇق پەيلىرى سۇس قوڭۇر رەڭلىك، ئۇچى سەل قارامتۇل قوڭۇر، قۇيرۇق پەيلىرى كۈلرەڭ قوڭۇر بولۇپ، رەتسىز توق كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك توغرا داغ ياكى داغ ۋە بىر كەڭ ئۇچى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك داغ بولىدۇ. قانات پەيلىرى سۇس قىزغۇچ قوڭۇر، پەي ئۇچى سۇس، ئاچ قىزغۇچ قوڭۇر، دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، ئىچكى تەرەپ دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى ئىچكى پەينىڭ تۈكچىللىرى تۈۋى كۈل رەڭ ئاق، قالايمىقان قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك تاغىل سىزىقچىلار ياكى داغلار بولىدۇ؛ ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر، غول قىسمىدا كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك داغ سىزىقلىرى بولىدۇ، قۇلاق پېيى قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. گەۋدە ئاستىنى ئېڭەك، كېكىردەك ۋە بۇرۇن بوينى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، پەي ئاساسىي ئاق بولىدۇ؛ مەيدە، قورساق ھەم قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. پەي ئوقى يوللۇق سۇس، پۇتى پەي بىلەن قاپلانغان، قۇيرۇقى ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ۋە قانىتىنىڭ ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ۋە قولتۇق پەيلىرى ئاساسەن قارامتۇل قوڭۇر، قىزىل پاچاق پەيلىرىدە بىلەن قاپلانغان ۋېرتىكال سىزىقچىلار بولىدۇ. 

كىچىك قۇش ۋەيىتىلگەن قۇش ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن رەڭگى تېخىمۇ قاراڭغۇ، بىرىنچى كىچىك قۇشلارنىڭ قۇيرۇق پېيى ئاق، كەڭرى قارا رەڭلىك ئۇچى داغ، ئۇچۇش پەيلىرى ئىچكى پەينىڭ تۈكچىللىرى تۈۋى قىسمى ئاق، قانىتى ئاستىدا شەكىللەنگەن؛ ئىككىنچى يىلىدىن كېيىن، قۇيرۇق قىسمى ئاق ۋە قانىتىنىڭ ئاستىدا ئاق داغ پەيدا بولۇپ بارا-بارا ئازايتىپ، قۇيرۇقى ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى يەنە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ بېرىپ قارامتۇل قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ بېرىپ قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.

رەڭدار پەردىسى قوڭۇر رەڭلىك، تۇمشۇقىنىڭ ئۇچى قىسمى قارا، تۈۋى قوڭۇر رەڭدە ياكى كۆكۈش كۈلرەڭ   تۇمشۇقى قارامتۇل كۈل رەڭ، تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم سەل پەسكە سېرىق، موم پەردىسى ۋە بارماقلىرى سېرىق، تىرنىقى قارا رەڭدە بولىدۇ. 

چوڭ-كىچىكلىكى

چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى: 

  چىشى سېرىق بۈركۈت ئەركەك سېرىق بۈركۈت
 بەدەن ئېغىرلىقى 2000-5900 گرام 3260-5500 گرام
 تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 785-912 مىللىمېتىر 825-1015 مىللىمېتىر
 تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى 36-46 مىللىمېتىر 40-46 مىللىمېتىر
 قانىتى ئۇزۇنلۇقى 582-670 مىللىمېتىر 635-695 مىللىمېتىر
 قۇيرۇقى ئۇزۇنلۇقى 330-445 مىللىمېتىر 352-432 مىللىمېتىر
 ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 99-115 مىللىمېتىر 99-128 مىللىمېتىر

سېرىق بۈركۈتبۈركۈت يايلاقلاردا، چۆللۈك، چۆل-باياۋان، ۋادا، بولۇپمۇ ئېگىز تاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ئىچىدە  ياشايدۇ، قىش پەسلىدە دائىم تاغلىق، ئېدىرلىق ۋە تاغ ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەڭ دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئىگىز. كۈندۈزى ئېگىز تىك تاغ چوققىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇنىڭدەك ئوچۇقچىلىق جايلاردىكى ئېگىز دەرەخلەردە ئارام ئالىدۇ. قاقاس تاغ باغرى، قەبرىستانلىق، چاتقاللىق قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدۇ.

سېرىق بۈركۈتسېرىق بۈركۈت ئادەتتە يالغۇز ياكى جۈپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، قىش كۈنلىرى بەزىدە كىچىك توپ بىلەن بولسىمۇ، ئەمما بەزىدە 20 دانە ئەتراپىدا بولغان توپ قۇرۇپ بىر قەدەر چوڭ يەرگە تۇتۇش قىلىدۇ. ئۇ پەرۋاز قىلىشقا ماھىر، پەرۋاز قىلغاندا دائىم يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىكى بىر تۈز سىزىق ياكى چەمبەر شەكىللىك ئايلانما بۇلۇپ، بىر تەرەپتىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ يەر يۈزىدە ئوۋ ئوۋلايدۇ، «V» شەكىللىك ئىككى قانىتى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، يۇمشاق ھەم جانلىق ئىككى قانىتى ۋە قۇيرۇق ئۇچۇش يۆنىلىشىنى ئۆزگىرىشى ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. ئوۋ نىشانى بايقالغاندىن كېيىن، ئادەتتە سۈرئىتى سائىتىگە 300 كىلومېتىر بۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە قانات قاقماي غاچىلداپ توختاپ قالغاندەك بۇلۇپ، ئاندىن بېشىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى ئولجىنىڭ باش سۆڭىكىگە سانجىپ ئولجىنى دەرھال ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئوۋ ئولجىسىنىڭ نەچچە ئون خىلى بار بۇلۇپ، مەسىلەن: قىرغاۋۇل، تىيىن، بۇغا، ئۆچكە، تۈلكە، سۇغۇ، ياۋا توشقان قاتارلىقلار، بەزى ۋاقىتتا چاشقان قاتارلىق كىچىك ھايۋانلار تۈرىمۇ بار. 

دۇنيادىكى تارقىلىشى 

سېرىق بۈركۈتئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي: ئافغانىستان، ئالبانىيە، ئالجىرىيە، ئاندوررا، ئەرمېنىيە، ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلارۇسىيە، بۇتان، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، بۇلغارىيە، كانادا، جۇڭگو، كرودىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە، مىسىر، ئېستونىيە، ئېفىئوپىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گرۇزىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، ۋېنگرىيە، ھىندىستان، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىراق، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئىئوردانىيە، قازاقىستان، كورېيە، چاۋشيەن، قىرغىزىستان، لاتۋىيە، لىۋان، لىۋىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋانىيە، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى، مالى، ماۋرىتانىيە، مېكسىكا، مولدوۋا، موڭغۇلىيە، مونتېنېگرو جۇمھۇرىيىتى، ماراكەش، بېرما، نىپال، نورۋېگىيە، ئامان، پاكىستان، پەلەستىن، بولان، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان، تۇنىس، رۇم (تۈركىيەتۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان، غەربىي سەھرا، يەمەن

يولۇچى قۇشلار: بېلگىيە، سىپرۇس، گىبرالتار، كۇۋەيىت، مالتا، گوللاندىيە، ساينت پىئېر ئارىلى ۋە مىكېلون. 

جوڭگودىكى تارقىلىشى 

جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاڭجى، يۇقۇپ دەريا، خاربىن، چىچىخار، مۇدەنجياڭ، جيامۇسى، سۇيخۇا، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، جىلىن ئاق شەھىرى، توڭخۇ، يەنبيەن، جىلىن، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنشى، دانتون، داليەن، جىنجوۋ، كۈنگەي، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ خۇلۇنبىر، شىنجاڭ غەربىي كوئېنلۇن تېغى ۋە تەڭرىتاغ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى، مېنيۈەن، چىڭخەيخۇ كۆلى (كۆكنۇر كۆلى)، گەنسۇدىكى ۋۇۋېي، ۋۇدۇ، ۋېنشيەن ناھىيەسى، گەننەن، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربى، لەنجوۋ، سەنشى يەنبېي، شىنجوۋ، تەييۈەن، لۈلياڭ، جىنجۇڭ، شاڭداڭ، لىنفېن، يۈنچېڭ، بېيجىڭ فاڭشەن، مىيۈن، شەنشى، خۇبېي، گۈيجۇ، شىڭيى، چۇڭچىڭ شەھىرى ئېغىزى، فېڭجيې، ۋۇشى، سىچۈەننىڭ باتاڭ، ۋەنيۈەن، جىنياڭ، كاڭدىڭ، شىچۈ، ماۋشيەن، ۋېنچۇەن، گۇاڭيۈەن، كوندو، يۈننەننىڭ غەربىي قىسمى، ھىمالايا تاغ تىزمىسى قاتارلىق جايلار.

سېرىق بۈركۈتسېرىق بۈركۈتنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر بالدۇر، ئۇۋىسى يوپۇرماقلىق ئورمان، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان ياكى شالاڭ ئورمانلىق ئىچىدىكى ئېگىز، قىزىل قارىغاي، داغۇر بال قارىغىيى، تېرەك ۋە دۇپ دەرىخى قاتارلىق دەرەخ ئۈستىدە، يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 10 − 20 مېتىر ئەتراپىدا. بەزىدە ئۇۋا تاغلىق رايونلاردا چوڭقۇر ھاڭ ۋە تىك قىيالار، ئويمان تاش بويلاپ يالاپ كەتكەن چاك، تېيىز ئۆڭكۈر قاتارلىق جايلارغا، كۆپىنچە شامالدىن دالدا، كۈنگەي، ئورنى خەتەرلىك، يېقىنلىشىش، چىقىش تەس بولغان جايلارغا ئۇۋا سالىدۇ. تەخسىسىمان ئۇۋىسى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تەرىپىدىن يىغىلىپ قالغانشاخ-شۇمبىلار بۇلۇپ، قۇرۇلمىسى ئىنتايىن زور، سىرتقى دىئامېتىرى ئىككى مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر، ئىنچىكە شاخلىق ئۇۋىسىغا قارىغاي يوپۇرمىقى، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، تېرە قاتارلىق نەرسىلەر ئاساس قىلىپ ئۇۋا سالدۇ. بەزىدە يەنە كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم لازىملىق نەرسىلەردىن ئۇۋىسى ياسالغان بولىدۇ. سېرىق بۈركۈتنىڭ كونا ئۇۋىسىنى ئىشلىتىش ئادىتى بار بۇلۇپ، ھەر يىلى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن رېمونت قىلىدۇ، بەزى ئۇۋىلىرىنى نۇرغۇن يىل ئىشلىتىلگەن بولغاچقا ئۇۋىسى بارغانسېرى چوڭ، ئەڭ چوڭ ئۇۋىسى «گىگانت ئۇۋا» بولغان بۇلۇپ، خۇددى چوڭ دەرەخنىڭ ئۈستىگە بىر ئۆي ياسىغاندەك كۆرۈنىدۇ. 

ھەر بىر چاڭگا سالىدىغان رايونى تەخمىنەن ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلى ھەر يەرنىڭ شارائىتى ئوخشىمايدۇ، بېيجىڭ رايونىدا قوغلىشىپ جۈپ بولۇپ ئاسماندا ئايلىنىپ يۈرۈپ جورا ئىزدەيدۇ، ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. رۇسىيەدىكى كۆپىيىش مەزگىلى بولسا كىيىنرەك بولغان، ئادەتتە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاندىن تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. جۇڭگودا شەرقىي شىمال رايونى، كۆپىيىش مەزگىلى 3-5-ئايلاردا تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. ھەربىر ئۇۋىغا ئىككى دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، بەزىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر، كۆپ بولغاندا 3 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى ئاق ياكى كۈل رەڭ ئاق، ھەمدە تېنىدە قىزغۇچ قارامتۇل داغلار ۋە داغلار بار، تۇخۇمىنىڭ شەكلى يۇمۇلاق شەكىللىك بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى 74-78 × 57-60 مىللىمېتىر. تۇنجى تۇخۇملىغاندىن باشلاپلا تۇخۇم باسۇرىدۇ، ئەركەك، چىشى قۇش نۆۋەت بىلەن تۇخۇم باسىدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 45 كۈن. چۈجىلىرى كېچىكىپ يېتىلىدۇ، ئۈچ ئايدىن كېيىنكى ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇزۇن پەيلەر چىقىشقا باشلايدۇ. ئادەتتە تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن پەقەت بىر ئىككى چۈجىسىلا ھايات قېلىپ، چىشى قۇشنىڭ پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق 80 كۈندە  ئۇۋىسىدىن ئايرىلىدۇ. 

سېرىق بۈركۈتنىڭ 6 خىل كەنجى تۈرى بار. 

  ئۇيغۇرچە نامى  خەنزۇچە نامى  لاتىنچە نامى 
 1. سېرىق بۈركۈت شىمالىي ئافرىقا كەنجى تۈرى  金雕北非亚种 Aquila chrysaetos homeyeri
 2. سېرىق بۈركۈت شۇڭقار كەنجى تۈرى 金雕指名亚种 Aquila chrysaetos chrysaetos
 3. سېرىق بۈركۈت ئوتتۇرا ئاسىيا كەنجى تۈرى 

金雕中亚亚种

 Aquila chrysaetos daphanea
 4. سېرىق بۈركۈت ياپونىيە كەنجى تۈرى  金雕日本亚种 Aquila chrysaetos japonica
 5. سېرىق بۈركۈت كامچاتكا كەنجى تۈرى  金雕堪察加亚种Aquila chrysaetos kamtschatica
 6. سېرىق بۈركۈت كانادا كەنجى تۈرى  金雕加拿大亚种 Aquila chrysaetos canadensis

سېرىق بۈركۈتسېرىق بۈركۈت تۈرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، كىرتىك قىممەت ئۆلچىمىگە يېقىنلاشمىغان جانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدى ئاجىز، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۆلچىمى (تارقالغان رايونلار ياكى تەۋرىنىش دائىرىسى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كىچىك، ياشاش سۈپىتى، تۈر توپى كۆلىمى، رايونلارغا پارچە-پۇرات تارقالغان)، تۈر توپىنىڭ يۈزلىنىش سانى مۇقىم.

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN)؛ 2013-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە ver 3.1 كىرگۈزۈلگەن ___ خەتىرى تۆۋەن (LC). 

«ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسى» نىڭ قوشۇمچە Ⅱ خاتىرىسىگە 1-دەرىجىلىك يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرىگە  كىرگۈزۈلگەن. 

جۇڭگو دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 

«جۇڭگو ھالاكەت ئېغىزىدا تۇرغان ھايۋانلار توغرىسىدىكى قىزىل تاشلىق كىتاب. قۇشلار» ئېغىر ئەھۋالدا قالغان تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. [0]


Aquila chrysaetos kamtschatica

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#