-
2011-09-10
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -2
ئىجادىيەت ھەققىدە پاراڭلار
ـ يازغۇچى ئەپەندى ، ھازىر ئويغۇر ئەدەبىياتى پروزىچىلىقىدا ئېقىم شەكىللەندىمۇ؟ شەكىللەنگەن بولسا ، سىز قايسى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىسىز ؟
ـ مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروزىچىلىقىدا شەكىللەنگەن ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان بىرەر «ئېقىم » بار ، دەپ قارىمايمەن .
-
2011-09-10
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت - 1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -1
زىنھار" زىتلىشىپ " قالمىدى
بىزدە شۇنداقمۇ بىر ئىستىداتلىق يازغۇچى بار . ئۇ ـ مەخسۇس خەنزۇ تىلى كۇرسىدا تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ ، بىمالال خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىقىنى قىلغان ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپتە مۇئەللىم ـ لېكتور بولغان، ھەربىي قىسىمدا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلمگە تولغان تالانىت ئىگىسى، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى » ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى سەمەت دۇگايلى ئەپەندى .
-
2011-05-12
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
ئىجادىيەت بېغىدا
قىرىق يىل مۇھەررىرلىكنىڭ قىرمىزى قەلىمىنى تۇتۇپ ، تالاي ـ تالاي ئەدىبنىڭ ئەدىبىي ئەسەرلىرىگە ئۆز ئەجرىنى سىڭدۈرگەن ، ئەتە ـ ئاخشاملىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، قارا كۆك قەلىمىنىمۇ قولىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن ، نۇرغۇنلىغان جەلبكار نەزمە ۋە نەسرلەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ لىرىك ۋە تەنقىدىي تۇيغۇلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىگە بىلدۈرگەن پېشقەدەم شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ «ئۈمىد چىچەكلىرى » قاتارلىق تۆت شېئىرلار توپلىمى ، « بازار نەرخى» قاتارلىق ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى ، «قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى » قاتارلىق ئىككى ئوبزۇرـ ماقالىلار توپلىمى نەشر قىلىنغانىكەن .
-
2011-05-12
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ 3 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
ياخشىلىقنى يار تۇتۇڭ
ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ، ئازادە پاراڭلىشىش داۋامىدا ئالىي مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا كۆڭلىگە پۈككەن ، ئويلىغان ـ پۈتكەنلىرىنى رىياسىز سەمىمى نىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى .
ـ شائىر ئەپەندى ، كىشىلىك ھاياتتىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز ؟
ـ ئوبدان . ئالدى بىلەن ھاياتتىن سۆز ئاچساق ، مېنىڭچە ، « پولات قانداق تاۋلاندى » رومانىدىكى ئوستروۋسكىنىڭ سۆزىنى ھاياتنىڭ ئۆلچىمى ـ مىزانى دېيىشكە بولىدۇ . ئىنسان بۇ دۇنيادا ئۆزىگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئۆمۈرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ، ھاياتلىقىدا ياخشىلىقنى يار تۇتۇپ ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشى ، چەكلىك ئۆمۈرىنى خەلققە پايدىلىق چەكسىز ئىشلارغا بېغىشلىشى كېرەك .
-
2011-05-12
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ـ1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت تەشكىللىگۈچى: غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
مەنزىل مەردنى تاللايدۇ
بىرئۆمۈر نەشرىيات پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىك مۆھۈرىنى ھىچ ساتمىغان، پاك ـ دىيانەتلىك بولۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، قىرىق يىللىق مۇھەرىرلىك مۇساپىسىدە قىرلار ئېشىپ، ئاخىرقى مەنزىل بوسۇغىسىدىن مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئاتلىغان ئالىي مۇھەررىر، پېشقەدەم ئەدىب ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا نەۋقىران چاغلىرىدىكىدەك سۇباتلىق ۋە سۇمباتلىق كۆرۈنەتتى.
-
2011-04-23
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت _2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت -2
قەلەم سەۋدالىقىدىكى « ساراڭلىقلار»
ئارامغا چىققۇچە تۆت شېئىرلار توپلىمى ، ئىككى ھېكايە ـ پوۋېستلار توپلىمى ، ئۈچ سەھنە ئەسەرلىرى توپلىمى قاتارلىق توققۇز توپلام چىقىرىپ ، ئوندىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە سەنئەت تىياتىرى ، تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرى ، نەچچە يۈزلىگەن ناخشا ـ لەپەرلەر يازغان تەشنائى ئەپەندى ئارامغا چىقىپ ، يەنە بىر چوڭ ئەدىبىي ئەسلىمە ، ئۈچ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ، ئۈچ ئوپېرا، نۇرغۇنلىغان سەنئەت فىلىملىرى ۋە كۈي نەزمىلىرى ئىجاد قىلىپتۇ .
-
2011-04-23
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت _1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت
قوشاقچى بالا ، دۇئاگوي ئانا
دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك دراماتۇرگ ، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتئىلى زۇنۇن ئەپەندى بىر قېتىملىق قاتتىق ئاغرىق تۈپەيلى ئاۋازى پەسىيىپ ، جاراڭلىق ھالىتىىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ ، سۆزى راۋان ھەم مەنتىقىلىق ئىدى . ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ يېرىمىنىلا ئاڭلاپ ئولتۇرساممۇ ، تەكرار سوئال قويۇۋىرىشنى بىئەپ كۆرۈپ ، دىققىتىمنى يىغىپ ، زەن قويۇپ تېڭشاشقا تىرىشاتتىم .
-
2011-04-14
يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن سۆھبەت_2 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
بەدىئىي تالانىت ، تارتىملىق تىل
ئوقۇمۇشلۇق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ۋە يېزىقچىلىق ماھارەتلىرى ھەققىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقىغان ۋە ئىجادىيەت جەريانىدا كۆڭلىگە توقىغان مول بىلىم ، تۆل تەجرىبىلىرى كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلماي قويمايدۇ . مەن بۇ بىلىم ، تەجرىبىلەرگە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يەنە سوئال قويۇپ، يازغۇچىنى سۆزلىتىشكە تىرىشتىم .
-
2011-04-14
يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن سۆھبەت_1 - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن سۆھبەت
غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
مېنىڭ قۇت نىشانىم
ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەپەندى بىر نەچچە قېتىملىق تېلېفونلىشىش ۋە باردى ـ كەلدى قىلىش داۋامىدا ۋاقىت قارىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى ، ئوچۇق ـ يورۇقلىقى ۋە لەۋزىدە تۇرىدىغان ئېسىل پەزىلىتى بىلەن مەندە ئوبدان تەسىرات قالدۇردى .
-
پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
قەدىناس ئىلھاملار
پروفېسسور مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى ـ پېنسىيەگە چىققىچە نەزمە بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1500پارچە شېئىردىن تەركىپ تاپقان بەش توپلام ، 30 دىن كۆپ باللادا ـ داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت توپلام ، بەش داستاندىن تۈزۈلگەن بىر خەمسە ، 25 مىڭ مىسرالىق ئىككى قىسىملىق شېئىرىي رومان نەشر قىلدۇرغان مول ھوسۇللىق شائىر ، شۇنداقلا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن نەسر بىلەن شۇغۇللىنىپ ، يەتتە توملىق تۆت رومانىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ئىجتىھاتلىق يازغۇچى .
-
پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)
شائىرلىق ھەۋەس
پېشقەدەم پروفېسسور ، مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس ، تالانىتلىق شائىر ھەم ئىستىداتلىق يازغۇچى مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى قىرىق يىل ئۇستازلىق قىلغان ـ ياش بوغۇنلار قەلبىگە مەرىپەت نۇرىنى ياققان ، قىرىق يىل نەزمە تۈزگەن ـ شېئىرىيەتتە قەلىمى ئۆتكۈر ھەم چاققان ، ئارامغا چىقىپ نەسرگە ئېغىپ ، ئەسەرلىرىدە ئۆز دىيارىنىڭ تارىخىغا باققان ، ئۇستازلىق ۋە ئىجادىيەتتە ئۆرنەك بولۇپ ، كۆپ قېتىم مەيدىسىگە مېداللار تاققان ئادەم !
-
2011-04-03
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت
سۆھبەت ئىلىپ بارغۇچى: ئىدىل ئەپەندى
خۇش سۆھبەت ئادەم
داڭلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى تېلېفوندا سۆزلىشىش ۋە يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ، قەلىمى ئۆتكۈر يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن ، سۆزگىمۇ ئۇستا ، ناتىق ئادەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ ، گېپى ئوچۇق ، خۇش مۇئامىلىلىكى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . كۆڭلى تۈز بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ، دەسلەپ سۆزلەشكەندىلا ئشلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ ، سىر ساقلاپ كەتمىدى .
-
2011-02-13
مۇتەپپەككۈرشائىرىمىز ئەلشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570يىللىق خاتىرە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مۇتەپپەككۈرشائىرىمىز ئەلشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570يىللىق خاتىرە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .
-
2011-01-14
تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت
غىلاجىدىن ئوسمان
بۈركۈت بوۋاي
ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى تۇنجى ئۇچراشقان كىشىگە سىپايە كۆرۈنسىمۇ ، سىرلىق تەسىر بېرەتتى. نەزىرى ئۈستۈن، چۇس مۇجەز بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن... -
2010-12-24
ھەقىقىي لىرىكا پەردازغا مۇھتاج ئەمەس - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
ھەقىقىي لىرىكا پەردازغا مۇھتاج ئەمەس
)ياش ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غالىپ مۇھەممەت قارلۇق بىلەن سۆھبەت(
ئاپتۇر ئېلاۋىسى: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغا... -
2010-11-25
ئابدۇرېھىم ھىيىت بىلەن سۆھبەت (2) - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
راخمانجان : سەنئەتنىڭ ھەر قانداق بىر تۈرى مىللىي روھ ۋە مىللىي ھېسسىياتقا تويۇنغاندىلا ، ئاندىن ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ . بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىگەن سەنئەت شۇمىللەتكىم...
-
2010-11-25
ئابدۇرىھىم ھىيىت بىلەن سۆھبەت (1) - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
ئابدۇرىھىم ھىيىت بىلەن سۆھبەت
زىيارەت خاتىرىسى
راخمانجان : ئابدۇرېھىمكا ، سىز بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر سەنئىتى ساھەسىدە مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، كۆپلىگەن نادىر مۇزىكىلارنى ئىشلەپ ، ئۆزىڭىزگە خاس سەنئەت ئۇسلۇبى يارا... -
غالىب مۇھەممەت قارلۇق
(شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت)
غالىب مۇھەممەت قارلۇق: ئابدۇقادىر ئاكا، ئىخلاسمەنلىك مېنى سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا باشلاپ كەلدى. بۇ سىزنىڭ ... -
2010-10-17
خالىدە ئىسرائىل:ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە تەسىر كۆرسەتكەن كىتابلار - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
خالىدە ئىسرائىل
بالىلىق قەلبىمنى تۇنجى بولۇپ ئەسىر قىلىۋالغىنى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» بولغانىدى. مەن چۆچەك ئوقۇشقا، ئاڭلاشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىدىم. ئاتا-ئانامنىڭ «مۇشتەك تۇرۇپ كىتاب ئوقۇشقا بۇنچە بېرىلىپ كەتسە قانداق بولىدۇ&... -
2010-09-25
ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ شىئېرىيەت ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻫﺒﻪﺕ - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]
مەھمود دەرۋىش ئۆزگىچە ئۇسلۇب، ئۆزگىچە خۇسۇسىيەت ياراتقان ئەرەب دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئاتاقلىق شائىر، ئۇ 1942- يىلى فەلەستىننىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان « ئوككا » دېگەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەرەبچە، ئىنگىلىسچە،...