ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • قەشقەرنىڭ 30-يىللاردىكى ئاياللار مائارىپى

    (مۇھەممەت تۇرسۇن ئىبراھىمى)

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(11)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

      

      ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

      

    دائىرىگە كىرگەن بەھىرلەر ئاخىرلاشتى، يەنە بىر نەچچەۋەزىن بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىسىنى فارس شائىرلىرىنىڭ كېيىنكىلىرى يازغان، بەزىلىرىھازىرقى (نەۋايى ياشاۋاتقان- تەر) زامان شېئىرىيىتىدە نەزىم قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ،ئەرۇزغا كىرگۈزۈلمىگەن. گەرچە، ئەرۇز بەھرىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭئەرۇز بەھرى بىلەنكى مۇناسىبىتىنى يىراق دېگىلى بولمايدۇ. شۇ جۈملىدىن، رەمەلىمەخبۇننىڭ ھەر مىسىراسى سەككىز بۆلەك، بېيىتى (بوغۇمى) ئون ئالتە بولۇپ، خوجائىسمەت بۇخارىيدا كۆپ دېيىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكى ئۇسلۇپ بىلەندۇر.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(10)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

     

        ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

        ئەجەم (فارسى) شائىرلىرىنىڭ كېيىنكىلىرىدىن بەزىلىرىمەقبۇزى ئەسلەمنىڭ قۇرۇلمىسىنى 16 بۆلەككە قويۇپ مۇنداق شېئىرلارنىيېزىپتۇ:

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(9)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

        

    ئەلىشىر نەۋايى

     

      ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

       ئۈچىنچى دائىرىنىڭ ئىككىنچى بەھرى جەدىدتۇر، ئۇ مۇستەھدەس بەھر بولۇپ، غەرب دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(8)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

       

     ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

       بۇ دائىرەنىڭ ئۈچىنچىسى مۇقتەزەب بەھرىدۇر.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(7)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

     

        ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

     

      مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مەفئۇلۇن فە.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(6)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

     

        ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

       مۇنسەرىھى مۇسەممەنى مەتۋىيىي مەقتۇئى مەنھۇر

        كۆڭلۈم ئىستەر سەير مەيلى گۈلشەن سارى،

        مەن نېگە ئىچمەي بىراۋكى بولغەي يارى.

        مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇ مەفئۇلۇن فە.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(5)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

     

        ئەلىشىر نەۋايى

      

     ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

    رەمەلى مۇسەممەنى مەخبۇن

      (ئۇرغۇسىز ئوقۇلىدىغان سەككىزلىك ئاۋۇن بەھىر)

        سۈبھى دەۋلەت يۈزۈڭ، ئېي، تەۋسەنى گەردۇن، سەڭەئەشھەب،

        تاجىڭ ئۈستىدەگى دۇر ئۇيلەكى، تاڭ باشىداكەۋكەب.

        فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن فەئىلاتۇن.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(4)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

     

       ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

      تەۋىل بۆلەكلىرى: "فەئۇلۇن مەفائىيلۇن، فەئۇلۇنمەفائىيلۇن" دىن ئىبارەت ئىككى تەكراردۇر.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(3)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

      

      ئەلىشىر نەۋايى

     

      ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

       بۇلارنىڭ زىھافاتى (ۋەزىن بۆلەكلىرىنىڭئۆزگىرىشى) :

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(2)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

        

    ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

     

     

        ۋەتەد (ئۈچ ھەرپتىن تەشكىل تاپقان سۆز بوغۇملارگۇرۇپپىسى) دىكىسى ئىككى قىسمدۇر: بىرى، ۋەتەدى مەجمۇئ (ئىككى ھەرىكەتلىك ۋە بىرھەرىكەتسىز- ئۈچ ھەرپنىڭ يىغىندىسىدىن تەشكىل تاپقان سۆز) بولۇپ، ئاۋالقى ئىككىھەرىپى ھەرىكەتلىك، ئاخىرقى بىر ھەرىپى مۇقىم- ئاساس سۆزدۇر. يەنى، شەجەر، سەمەر،خوتەن، ئەدەن شەكلىدە.

  • ئەلىشىر نەۋايى - مىزانۇل ئەۋزان(1)

    )ۋەزنلەر ئۆلچىمى(

     

       ئەلىشىر نەۋايى

     

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇقادىر سادىر

     

        بارلىق رەھمەت-مەدىھىيىلەر ۋە چەكسىز شۈكۈرلەرياراتقۇچى-ئاللاھقا بولسۇنكى،ئىنسان ۋۇجۇدى ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۆت ئەناسىر(ئېلمېنت) ئاساسىدا تۈزدى. ۋە بېيت (ئىككى مىسىرا شېئىر) نىڭ ئاساسىنى نەزىمئەھلىنىڭ (شائىرلارنىڭ) ساپ خارەكتىرى ۋە پاك زېھنى بىلەنئىككى مىسىرا نەزمھالىتىگە كىرگۈزدى. جەدىد (بەھرى) نىڭ سۈپەتلىرى، قەرىب (بەھرى) نىڭ مەدھىيلىرىئەشۇ تەرتىپكە سالغۇچى- شائىرغا بولسۇنكى، ئۇ، ئالەم ئەھلىنىڭ ئىنتىزامى ئۈچۈنشەرىئەت مىزانىنى ئادىل ئۆلچەملىرى بىلەن راست كەلتۈردى. بۇ راستلىق يىغىلىشلارنىڭمىزانلىرىغىمۇ مەدەت يەتكۈزدى.

  • ئەدەبي ئىجادىيەت ۋە مېتافىزىكىلىق رېئاللق

     

    پەرھات تۇرسۇن

     

    رېئالىزم تۇرمۇشنى، ھەقىقي رىئاللىقنى يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنداقتا ھەقىقي رېئاللىق زادى  نىمە ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك رېئاللىق تەسۋىرلەش ئوبيېكتىغا ئايلانغاندا ئۇ ھامان  تەسۋىرلىگۈچىنىڭ سوبيېكتىپئورنى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . مەلۇم بىر خىل رېئاللىق مىڭ خىل ئادەمنىڭ ئاغزىدا مىڭ خىل بولۇپ كېتىشى مۈمكىن ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممسى ئۆزلىرىنىڭ ئېتقانلىرىنى رېئاللىق دەپ تۇرىۋالىدۇ .  ھەممە ئادەمنىڭ ئېيتقىنى رېئاللىق بولسا  ئۇنداقتا رېئاللىق   چەكسىزمۇ؟ ئەگەر ھەممەئادەمنىڭ ئېيتقىنىنى رېئاللىق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىنسانىيەت  دۇنياسىدىكى ئۆلچەم ۋە قىممەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىنىپ، ئىنسانىيەت تېخىمۇ  بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان مەنىسىزلىك شەكىللىنىشى مۇمكىن.  

  • جۇتاۋ: ياش يازغۇچىلار ۋە كەسىپداشلارغا بىرقانچە مەسلىھەت

     

    جۇتاۋ (周涛)

    كېۋىر ھىمىت تەرجىمىسى

     

       1.«ئەدىب» قالپىقىنى كېيىشنىڭ ۋەجى

       ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللانماقچى بولغان كىشى باشقىلارغا ھەرقانچە دوستلۇق بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا  يەنىلا تېگىپ قويىدىغانلار ۋە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىدىغانلار بولىدۇ. بولۇپمۇ، شائىرلارنىڭ ھاياتى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

  •  ھەقىقەت _ ئىجادىيەتنىڭ بايرىقى

     

     ئەخەت تۇردى    

    بۈگۈن مەن شۇنچە كۆپ ھەر مىللەت ياش يازغۇچى، شائىرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ، ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان پىكىرلىرىمنىڭ ئىدىتلىقاراق بولۇشى ئۈچۈن، قىسقىچە ئۈچ تېمىدا سۆزلىمەكچىمەن.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار (11)

    ئەخمەتجان خۇما

    باھادىرنامە ۋە قۇربان ئەمەت (24)

    قۇربان ئەمەت ئۇيغۇر نەسرچىلىك مۇنبىرىدىكى ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئۆزگىچە تالانتىنى كۆرسىتىپ تۇرىۋاتقان ياش نەسرچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ئەدەبىيات ھەققىدىكى يېڭىچە، ئىجادى قاراشلىرىنىڭ موللىقى بىلەنمۇ ھەمسۆھبەت بولغۇچىنى قايىل قىلىدىغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىپ تۇرىدۇ. مەن ھەر قېتىم قۇربان بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىنىمدا ئۇنىڭ تەلقىنلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلايمەن ھەم ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن يېڭىچە ھاسىلاتلارغا ئىگە بولىمەن. تۈنۈگۈن شۇنداق قۇتلۇق پۇرسەتتە يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ھەم پارىڭىنى ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
      -ئەدەبىياتىمىزدا يازغۇچىشۇناسلىق بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك ئىدى، -دىدى ئۇ كىشىنى چوڭقۇر تەپەككۇر ۋە ئويلىنىشلارغا سالىدىغان تەلقىنلىرىنى باشلاپ،- بىزدە ئەدەبى تەنقىد مۇئەييەن بىر ئىزىغا چۈشۈپ بولالمايۋاتقان بولسىمۇ لېكىن يازغۇچىشۇناسلىقنىمۇ ئەدەبى تەنقىدنىڭ بىر قانىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىز ۋە تەنقىدچىلىكىمىز بىر پۈتۈنلىككە ئىگە بولغان ھالدا سېستىمىلىق ئىزىغا چۈشكەن بولاتتى.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(10)

     

    ئەخمەتجان خۇما

        

    ياسىنجان سادىق ۋە بابۇر (22)

     

    «بايانلار»نىڭ بېشىدا ياسىنجان «باھادىرنامە»نى يېزىش جەريانىدا ھېچكىمگە يان باسماي، ئورتاق ھالدا تارىخى شەخسلەر ۋە پېرسۇناژلارنى ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن، ھېچكىمگە ئېغىپ كەتمىگەن دەپ يازغان ئىدىم. لېكىن تۇيۇقسىزلا يازغۇچىنىڭ قەلىمىدىن بۈيۈك ئىستىلاچى مۇھەممەت زۆھۈررىدىن بابۇرنى باشقىچە مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن يېزىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم.بۇ خىل سەزگۈمنىڭ دەۋىتى بىلەن بابۇر ھەققىدىكى قۇرلارغا نەزەر سالغىنىمدا، ياسىنجاننىڭ بابۇرغا مايىللىقنىڭ سەۋەبى، بابۇرنىڭ روھىيىتى ۋە ۋۇجۇدىدىكى خىسلەت ۋە باھادىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(9)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (19)

    موغۇلىستان ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلىنى كىم كولىدى؟

     

     تارىخ بىزگە مىرزا ئابابەكرىنىڭ 40يىللىق دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنداق بىر قانخور ھۆكۈمدارنىڭ قانداقلارچە تەخت-سەلتەنەتنى قولغا ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئۇ ھىلە-مىكىر بىلەن تاغىسى مۇھەممەت ھەيدەر مىرزىنى ئالداپ يەكەن بىلەن خوتەننى تەسەررۇپىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، قانات-قۇيرىقى تەڭشىلىپ ھاكىمىيەتكە ئاشكارا ئىسيان بايرىقىنى كۆتىرىشكە پېتىندى. ئەجىباكى، ئۇ شۇنچە كۆرەڭلەپ يۇرتلارنى بېسىۋېلىپ ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتسا مۇھەممەت ھەيدەر مىرزىدەك تەخت-سەلتەنەتنىڭ ساداقەتمەن ئۇلۇغى بولمىش ماڭلايسۆيە ئەمىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ دامىغا چۈشتى. پاكىت كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ يەنىلا مىرزا ئابابەكرىگە ئىشەنگەننى ئاز كۆرگەندەك ساداقەتمەن باھادىرلار ۋە ئەمىرلەرنى ھەيدىۋەتتى. بۇمۇ مەيلى دەيلى، سۇلتان يۇنۇسخان قانداق خاقان؟

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(8)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (16)

    «باھادىرنامە»دە ئىزچىللىق- ئەمىر خۇدايداد ھەزرىتىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى

     

    ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەتتە شۇ ھاكىمىيەتكە چىن ساداقىتى ۋە ئەل-ئاۋامغا بولغان جاۋانىمەردلىكى بىلەن تەخت-سەلتەنەت ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئەمىر-سەركەردىلەرنىڭ بولىشى ھاكىمىيەت ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. موغۇلىستان ھاكىمىيىتىنىڭ تەۋرەنمەي تۇرالىشى ئۈچۈنمۇ ئەمىر خۇدايداد ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان ھالدا سۈپۈرگە مىرزا، پولات باھادىر، ئالچىنبەگ... قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەر، باھادىرلار، ئەمىرلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھېچنىمىسى ئايىماي خىزمەتتە بولدى. بولۇپمۇ ئەمىر خۇدايداد ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇغلۇق تۆمۈر زامانىدىن تارتىپ ئۇدۇمى جان پىدالىقى داستان بولغۇدەك ئۈزۈلمەس ئېقىننى ھاسىل قىلغان. يازغۇچى موغۇلىستان تارىخىنى يورۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ بەدىئى ئەمگىكى جەريانىدا بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىشنى ۋە ئىزچىللىقنى روشەنلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغاچقا، ئەمىر خۇدايداد ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ نۇرانە سىماسى ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا ھەر قاچان نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(7)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (14)

    يۇنۇسخان تەختكە قانداق چىقتى؟

    سۇلتان ئۇۋەيىسخاننىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، يۇنۇسخان چوڭ ئوغۇل ھەم تۈركى قەۋملەرنىڭ سەلتەنەت قائىدىسى بويىچە تەخت ۋارىسى ئىدى. ئەمما سۇلتان ئۇۋەيىسخان قازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، سەيدئەلى ئالپ ئۆزىنىڭ ئوردىدىكى نوپۇزى ۋە ھەيۋىسىگە تايىنىپ، ئۇنىڭ تەختىنى كىچىك خانزادە ئېسان بۇغاخانغا ئېلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى خىل سەۋەپ بار.