ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  •  

     

    «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا - 2

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

  • «80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە «80-يىللىقلار» توغرىسىدا -1

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

  • ئىچىمدىكى قار (2)

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    ھاياتنىڭ كۆزىدە پەقەتلا بىر سۆز،

    تاماكا چوغىدەك تۇرار يىلىنجاپ.

    قۇرىغان چۈشلەرنىڭ يېلتىزى چوڭقۇر،

    كۆتۈرۈپ يۈرگەنچە باردى ئېغىرلاپ.

  • پاتىمە

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     

    بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدە ئۈستىدىكى خەلق قوشىقىدىكى قىز بىلەن ئىسىمداش ئاجايىپ سەبىي بىر قىز گۈلدەك كۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تال - تال ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى ھېلىھەم ئەسلەپ قالىمەن. شۇ دەملەردە قالدۇرۇلغان سۈرەتلەرنى گاھىدا قولۇمغا ئېلىپ كۈلۈپ كېتىمەن. پاكىز بالىلىق ھېسلىرىم بىلەن تەلپۈنگەن قەلبىمنى ئەسلەيمەن. بەلكىم مېنى شېئىرغا شۇ قىز باغلاپ قويغان بولىشى مۇمكىن.

  • «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار »

    «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» نەقەدەر گۈزەل ۋە سەمىمىي تەلپۈنۈش ھە! شۇنداق، كىتابخانىلارغا كىرگىنىڭىزدە ئىسمىمۇ، ئۆزىمۇ گۈزەل بۇ كىتابنى سېتىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. يېقىندا ئۈمىدلىك قەلەمكەش گۈلباھار ئەزىزنىڭ «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى .

  • چۈشلىرىمگە كىرمەڭ ئىلتىماس

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     

    سۈرەتلەرنى كۆيدۇردۇق ئۆرتەپ،

    خەتلەرنىمۇ يىرتتۇق بىر بىرلەپ،

    ياق، تۈنلەردە قولۇم يېتىلەپ،

    چۈشلىرىمگە كىرمەڭ ئىلتىماس.

  • ھىجران پەسلى

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

  •  

    ئاپتورنىڭ بايانى : تۈركىيەلىك ئۇستازىم مۇستافا كاجالىن مەندىن «سىز نەدىن» دەپ سورىغىنىدا، جۇڭگۇ، شىنجاڭ، قەشقەر، كوناشەھەر دېگەنلەرنى ئەسكەرتمەستىنلا «ئوپالدىن، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ يۇرتىدىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم. ئۇستازىمنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ھاياجان، پەخىرلىنىش ۋە ھەۋەسلىنىش نۇرلىرى چاقنىغان، قولۇمنى چىڭ سىقىپ كۆرۈشكەن ئىدى. مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ ئوپالدا تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىمدىن، ئەشۇنداق مەرىپەتلىك، جەننەتتەك ماكاندا يېتىلگىنىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن
    بالىلىقىمنى ئەسلىسەم ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ بەختىيار چاغلىرىمدەك بىلىنىدۇ.مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىمىدا مەھەللىدىكى «قابىل تەشكىلاتچى» ئىدىم. تۆت كوچا دوقمۇشىدىكى چوڭ سۆگەت سايىسى پۈركەپ تۇرىدىغان ئىشىك ئالدىمىز ۋە گۈللۈك ھويلىمىز مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ «مەكتىپى»، «باغچىسى» ئىدى. مەن بۇ مەكتەپنىڭ «مۇدىرى»، «ئوقۇتقۇچى»، «ئامانلىق قوغدىغۇچىسى» ئىدىم.

  • سۆيگۈ دەۋاسى

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

  • «ئەلشىر نەۋايى  تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى


  • قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك ئەزىزلىرىم

    !

     

     

     

    ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن يەنە شۇنداق گۈزەل كۈنلەرگە ئۇلىشىپ، رەھمەت ۋە ھىدايەت بايرىمى بولغان قۇربان ھيىتنى كۈتىۋالماقتىمىز. مەن رەھمەت ئىگىسىگە ھەمدۇ - سەنالار ئوقۇش بىلەن بىرگە ئەزىز قىرىنداشلىرىمغا، ھەمپىكىر، ھەمساۋاق دوستلىرىمغا، ۋە دۇنيانىڭ بارچە ئىقلىملىرىدىكى ئەھلى مۇسۇلمانلارغا، ياخشى نىيەت كىشىلەرگە ئىزگۈلۈك تىلەيمەن! ئاللاھ، گۇناھلىرىمىزنى بۇ ئۇلۇغ كۈننىڭ خاسىيىتى بىلەن مەغپىرەت قىلغاي. ئىككى دۇنيا ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەر قاتارىدىن بولۇشقا نىسىپ قىلغاي!

    قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك ئەزىزلىرىم!

     

  • تۈركچە: سەندىن ۋاز كەچمەيمەن

     ھاياتتا ۋاز كىچىپ بولمايدىغان شۇنداق مۇھىم نەرسىلەر باركى، ئۇ ھەتتا ئۆزىمىزدىن ھەم ئۈنۈملۈكتۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن كەچسەك كىچىمىزكى، پەقەت ئۇنىڭدىن كەچمەيمەن. ھاياتتا ئەلۋەتتە كىچىشنى ھەم بىلىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك. چۈنكى قىسمەت تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز پۈتۈپ چىقالمايمىز. ئاللاھ، بۇيرىغاننى كۆرمەسكە ئامالىمىز يوق. دېمەك، ئاللاھ بۇيرىغاننى قوبۇل قىلىشنى بىلىش ھەم كېرەك.
    بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. نېمىلەردىن كېچىشىم كېرەك؟ نېمىلەردىن كەچمەسلىكىم كېرەك؟! بۇ زادى نېمە؟ شۇنداق، بۇ دەل مۇھەببەت. مېنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرغان، ئەڭ كۆپ ئىككىلەندۈرگەن نەرسە دەل مۇھەببەت بولدى. قېنى ناخشىغا دىققىتڭىزنى بېرىڭ. سىز نېمىلەردىن كەچتىڭىز؟ نېمىلەردىن كەچمەيسىز؟ نېمىشقا؟!!

  • تۈركچە ناخشا: ئۆلسەممۇ ئايرىلمايمەن يار سەندىن
     
    شۇ قەدەر گۈزەل بىر ئاۋاز بىلەن مۇھەببەت ئۈچۈن ئېيتىلغان بۇ ناخشىنىڭ يۈرىكىڭىزنى تىترەتمەسلىكىگە ئىشەنمەيمەن.

  • مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان):

    سىر

     

    شامالدەك بىقارار شائىر سۆيگۈسى،

    سۆلىتى ـــ ئۇنىڭ بار مالۇ-مۈلكى شۇ.

    ھىجرانىم تارقىتار رەيھان ھىدىنى،

    مېنى تاللىغىنىڭ غەلىتە ئىشقۇ؟!

  •  

    فەرىدە ئەفرۇز:

    بىلدىم

     

     

      

    بەلكى سورۇنلاردا كۈلگىنىم راسىتتۇر،

    گۈل كىيگىنىم، گۈللىگىنىم، گۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    كۈيلىگىنىم، كۆيدۈرگىنىم، كۈل بولغىنىم راسىتتۇر،

    ئەمما سىزسىز ھېچكىممەن، بىلدىم.

  •  

    مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان):

     

    ئانا يىغلار

     

     

     

    كۆڭلۈم قالسا بۇلبۇلدىن ھەم گۈلدىن ھەم،

    قالار بولسام بىر كۈن ئاخىر تىلدىن ھەم،

    ئەگەر بىر زات يىغلىسا چىن دىلدىن ھەم،

    ئانا يىغلار، ئانا يىغلار، ئانا ئۇ.

  • نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-2

    ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار

     

      

      شائىر نەۋائى يەنە ئالەمنىڭ گۈزەللىكى، ئىنسان ئارزۇ-غايىلىرىنىڭ رىئال ھەم مۇقەرەرلىكى، ئەمما پەلەكنىڭ رەھىمىسىزلىكى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئىنساننى پۈتكۈل ئالەم ۋە ھاياتلىق تۈرلىرىنىڭ مەركىزىدە قويۇپ تونىغان.نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرلىك ۋە گۇمانىزم قاتارلىق ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر قاراشلىرىنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، ئۇلارنى يۈكسەك ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلالىغان. نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى بۇ خىل ئىدىيىۋى يۈكسەكلىك ئۇنىڭ ئىشىق ۋاسىتە قىلىنغان لېرىك غەزەللىرى ۋە ئىپىك ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىدۇ.

  • نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-1

    ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار

    مۇھىم مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 15- ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر شائىرى نەۋائى (1441-1501) ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىدە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۆرنەك بولغىدەك يۈكسەك بەدىئىي نەمۇنە ياراتقان. نەۋائى ئەسەرلىرى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە ۋە يۈكسەك ئىستېتىك قىممەتكە، كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدىيىۋى ئاساسقا، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە. بۇ ماقالىدە، نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

     

        ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: نەۋائى ئىجادىيىتى ئىدىيىۋى مەنبىئى

  •  

    مەكتۇب

     

     

    سۆيگىنىم، سۆيگىنىم ئاغرىيدۇ دىلىم،

    جېنىم بەك قىينىلار سىزنى ئەسلىسەم.

    گۈلدەك يۈزىڭىزنى سىيلار ئەمدى كىم،

    مېنى ئويلارسىزمۇ-يوقمۇ ئاشۇ دەم؟!

  • ئانا، ئامان بول

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    ئانا، سەھەر گۈل تاشلاپ قويۇپ

    كېتىپ قالدىڭ چۈشۈمدىن تېزلا.

    بۈگۈن مەندە ئەڭ ئېسىل نەرسە

    پەقەت سېنىڭ، سېنىڭ ھىدىڭلا.