ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(6)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(12)

     

       يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ «باھادىرنامە»نى يېزىش جەريانىدىكى ئوي-خىياللىرىنى بىلىشكە قىزىقىپ قالدىم. بۇنىڭ سەۋەبى يازغۇچى 3-كىتاپنى تۈگەتكىچە بولغان جەرياندا نىمىلەرنى خىيال قىلغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەدرىجى تاكاممۇللۇققا قانداق كىرىشىپ قالغانلىقىنى بىلىش ئىستىكىمدۇر.
      يازغۇچى ياكى باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللانغۈچىلار بولسۇن، شۇنىسى ئېنىقكى، بىرەر ئىشنى باشلىغان چاغدىكى ھېسلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىچە بولغان جەرياندىكى ھېسلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى، بۈگۈن چوقۇم تۈنۈگۈندىن ياخشى بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ قەلىمى ۋە تەپەككۇرىغا دىققەت بىلەن زەن قويسام روماننىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك ھاياجان ۋە قىزغىنلىق جىلۋىسىدە تاقەتسىزلىك چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئەلبەتتە، چۈشىنىشكە بولىدىغان تەبىئىلىك. كىممۇ مۇشۇنداق كاتتا بىر ئىشقا يۈزلەنگەندە ھاياجانلانماي تۇرالايدۇ؟

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(5)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    «باھادىرنامە» ھەققىدەبايانلار(10)

     

    دەرخكى، ھاياتلىق ئادەمگە نىمە قىسمەتلەرنىكۆرسەتمەيدۇ؟ تۈركىستان ۋە موغۇلىستاننىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىقى بۇزۇلغان، جاھانئەھلىنى سۈر-ھەيۋىلىرى بىلەن تىز چۆكۈشكە مەجبۇر قىلغان باھادىر خاقانلارنىڭ كۆزيۇمۇشى بىلەن ئەسلىدىمۇ پارچىلىنىپ كېتىۋاتقان كەڭ زىمىننى تەپرىقچىلىكنىڭقاينىمىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھەر كىم ئۆزىنى قانۇنلۇق تەخت ۋارىسى سەپ قاراپ،تەخت-سەلتەنەتنىڭ دەۋاسىدا زىمىن جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇيىقىدا نالە قىلىشقا باشلىغۈان،بارلىق كەلگۈلۈك ئەشۇ تەخت-سەلتەنەتتىن تەمەيى يوق ئاۋامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىدىشۇنداق قىسمەتلىك جاھاندا ئاتا بىلەن بالا، ئاغا بىلەن ئىنى بىر-بىرىگە تىغتەڭلىشىپ تۇرماقتا. سۇلتان ئېسان بۇغاخاننىڭ تەختىگە كۆز تىكىپ تۇرغان يۇنۇسخانغاقاراپ كىشىنىڭ ئىچى ئاچچىق بولسا، تۇرۇپلا، كىملا دەۋران سۈرسە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟دىگۈسى كېلىدۇ.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(4)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(8)

     

      ئىككىنچى كىتاپنى ئوقۇپ بولغىنىمدا ئىختىيارسىز تۈردە سۇلتان ئۇۋەيىسخاننى ئەسلەپ قالدىم. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن باشلانغان جەڭگى-جىدەل ئايىقى چىقماس سەلتەنەت ماجراسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان بولۇپ، شۇندىن كېيىن تۈركىستان ۋە ماۋارائۇننەھردىن تارتىپ ئىران، ئىراققىچە تېنچلىقنىڭ دەپتىرى يېپىلىپ ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ سەۋەبى نىمە؟ سەۋەبى بىرلا بولۇپ، سەلتەنەتكە بولغان ئىنتىلىش. بۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە تۈپكى ئىچكى ئامىل بولغىنى سەلتەنەت ۋارىسلىرىنىڭ بىساپالىقى ۋە كۆڭلى قارىلىقىدۇر.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(3)

     

    ئەخمەتجان خۇما

    (5)

        بىزدە «قول تېشىغا ئېگىلمەيدۇ» دىگەن ھېكمەت بار. شۇڭا ھەر كىم ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈنلا گەپ قىلىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى. بۇ خىل قانۇنىيەت ئەدەبىياتتا ئۆز پېتى ئىپادىسىنى تېپىپ قالسا تارىخى شەخسلەرگە، تارىخقا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىدا يازغۇچىلىق مەسئۇلىيەتتىن باشقا تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان، تارىخى جەريانغا دىئالىكتىك نۇقتىئىنەزەر بىلەن قارىيالايدىغان جۈرئەت بولىشى كېرەك. يازغۇچى ياسىنجان سادىق بۇ جەھەتتە ئېغىپ كېتىشتەك ئادىمىگەرچىلىك يولىنى ئەمەس بەلكى، تارىخقا ۋە تارىخى شەخسلەرگە باراۋەر ۋە ئادىل مۇئامىلە دادىل يولنى تاللىغان ۋە بۇ ئارقىلىق تارىخى تېمىدا ئەسەر يېزىشتا تارىخنى قانداق مەيداندا تۇرۇپ يورۇتۇپ بېرىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(2)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (3)

    رومانچىلىق تارىخىمىزدا ئىزچىل تۈردە يېتەكچىلىك ۋە سالماقلىق ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن تارىخى رومانچىلىقىمىز گەرچە ئوبراز يارىتىش جەھەتتە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك باھادىرلار ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ كېلىنۋاتقانلىقى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرسىمۇ، ئەمما ئىزچىل تۈردە ئاياللار ئوبرازىنى يارىتىشتا نىمە ئۈچۈندۇر سەل قارىلىپ كەلدى. يازغۇچى ياسىنجان سادىق «جاللات خېنىم» رومانىدا مەلىكە مۇھتىرەم خېنىم ئوبرازىنى يارىتىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان بولسا، بىرىنچى كىتاپتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلىكە سۇلتان خاتۇن، مەلىكە دۆلەت سۇلتان، مەلىكە ئۇز سۇلتان خېنىم، مەلىكە مەختۇمسۇلۇ قاتارلىق بىر قاتار ئاياللار ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ، بىزنىڭ ئانىلىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك سىماسىنى ئايان قىلدى.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار (1)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

       يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ يېڭى بىرئەسىرى «باھادىرنامە»نىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. مانا ئالتە توملۇقرومان ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. مۇقاۋىسى كۆركەم ھەم جەلپ قىلارلىق ئىنشلەنگىنىدىنلاكىشىنىڭ كىتاپقا بىردىنلا زوقى كېلىدۇ. مەزكۇر رومان نەشردىن چىقىش ئالدىدا ۋە نەشرقىلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن توردا ۋە جەمىيەتتە ئوبدانلا داۋرىڭى بولدى. ياخشى نىيەتلىك ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ھەر خىل يوللار بىلەن ياسىنجاننى تەبرىكلىدى. بۇ گەرچە كىشىلەرنىڭ كىتاپنى كۆرمەي تۇرۇپ بەرگەن ئالقىشلىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇئالقىشلاردىن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يازغۇچىنىڭ قەلىمىگە ۋە يازغۇچىلىق ئىستىداتىغائىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدىكى گەپ، كىتاپ قانچىلىك سېتىلار؟ كىتاپتائالقىشقا لايىق بىر نىمە بارمۇ؟

  • تۇنجى نۆۋەتلىكقەشقەردىكى «كىتاب ئوقۇش چېيى»دا كۆپچىلىك ئورتاقلاشقان كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:

    تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    بۈيۈك شاھمات تاختىسى - (ئامېرىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ رايون ئىستىراتىگىيەسى)

     

     The Grand Chessboard – American Primacy and its Geostrategic imperatives(大棋局:美国的首要地位极其地缘战略)

     

    زبىگنىۋ بىرژېنىسكى  (Zbigniew Brezinski)(ئامېرىكا)

     

    ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن

     

     

     

  • قەشقەردە ئىلىم چېيى

     

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

    «ئىلىم دىلنى يورۇتقۇچى چېراق» دېگەن ئىكەن ئاتىلار. ئەزىزانە قەشقەردىكى بىر قىسىم ئۆز مۇناسىۋەت دائىرىمىزدىكى ئېلىم سۆيەر، كىتابخۇمار زىيالىي ياشلار ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت، ئائىلە، تۇرمۇش بېسىمى ئىچىدىكى مەۋجۇتلىقىنى، پىكىر يېڭىلىقىنى، كىتابخۇمارلىقتەك روھىي ئىشتايىمىزنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزلىكىمىزدىن تەشكىللىنىپ، «كىتاب ئوقۇش چېيى»نى باشلىۋالدۇق.(ئاللاھ خەيىرلىك قىلغاي!)

  • «قۇملار جىلۋىسى » نىڭ « جىلۋىدارلىقى» نەدە؟(2)

    ھەبىبۇللا مىجىت

    «ھەيران قالار دىمەڭ» ناملىق شېئىردىكى، شىئېرىي تىلدىن بالقىپ تۇرغان مەردانىلىق، قۇرۇلمىدىكى ئەپچىللىك ۋە ئۇنىڭ مەركىزىدە جۇلالىنىپ تۇرغان رەت قىلغۇسىز ھەقىقەت، ئوقۇرمەننى شائىرنىڭ ئويلىرىغا يېقىندىن ياندىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بىراق ئوقۇرمەن شىئېرغا ياندىشىش جەريانىدا، شائىرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن پىكىر دۇردانىلىرىنى سەمىگە سېلىپ قۇيۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىدۇ. شېئىردىكى مەنىلەر سەپىرى، ئوقۇرمەنگە بەدىئى تەسەۋۋۇرنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە پايانسىز بولغان ئالىمىگە يۈزلىنىپ، ئىلگىرى ئادەتلەنگەن پىكىر قىلىش ئوسۇلىمىزدىن ۋاز كىچىشىمىزنى، تەپەككۈردە تېخىمۇ دادىلىراق بۇلۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  • «قۇملار جىلۋىسى » نىڭ « جىلۋىدارلىقى» نەدە؟(1)

    ھەبىبۇللا مىجىت

     

    كىچىككىنە بىر تال قۇم يالغۇز تۇرغاندا، كىشىنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما، ئىگىز-ئىگىز قۇم بارخانلىرىنىڭ جىلۋىسى، كىشىنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىدۇ. ئابا-ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن بۇيان تەكلىماكان نامى بىلەن ئاتالغان ئەشۇ پايانسىز قۇملۇقلاردىن تەبىئەت بىلەن گارمۇنىيىلىك بىردەكلىكىنى ساقلىغان ئاساستا، ئۆز رىسقىنى تېپىپ كەلگەن. كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغىدەك مەدەنىيەتلەرنى ئەشۇ قۇملۇقلاردا يارىتىپ، ئۈن-تىنسىز ھالدا يەنە شۇ قۇملۇقلارغا دەپىنە قىلۋەتكەن. قۇملۇقلار بىزنىڭ ياشاش ماكانىمىز. رىئاللىقىمىز. پارلاق مەدەنىيەتلىرىمىزگە ھەغدا گۇۋاچىمىز.

  • شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» كىم؟ (2)

    ئەزىز ھېيىت كۈن

    شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» مېنىڭچە قاتمال،ئۆلۈك ھالەتتىكى «مەن»بولماستىن ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولغان «مەن» دۇر. «مەن»نىڭ  تەۋەلىكى شېئىردىكىكونكىرت ۋاقىت،كونكىرت ئورۇننىڭ ئېھتىياجىغا   ئاساسەن بارلىققاكېلىدۇ. ئالمىشىدۇ. ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. «مەن» يىغىلىدىغان شۇنداقلا يېيىلدىغانئۇقۇم.

  • شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» كىم؟ (1)

    ئەزىز ھېيىت كۈن

        ۋاقىت 2012-يىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.بىز ھازىرداتۇرىۋاتىمىز.ھازىرنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ «شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»كىم؟ » دىگەن سۇئالسورالسا 20-ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرى تۇغۇلغانلارنىڭ  شۈھبىسىزكى « شائىرنىڭ ئۆزىبولماي يەنە كىم بولاتى؟» دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقى ھەم مۇشۇنداق ئاددى سۇئالنىسورامدۇ؟ دەپ رەنجىيدىغانلىقى ئېنىق.لىكىن شائىرنىڭ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىيەنى شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»نىڭ كىملىكى ھەرگىزمۇ يەككە شەخس ياكى بىرلا ئوبكىتبىلەن چەكلىنىدىغان تار مەنىدىكى «مەن» ئەمەس.

  • ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى كاتتا شائىرىنى

     ئەسلەيمىز!

    ئەلشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 572 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز!

     

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 112 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز

    بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋايى (1441-1501)

     

    ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇ...
  • ئۇيغۇر سېنى ئېسلەسەم ساغىنچىم ئاشەر،
    سېنگە بولگەن مۇھەببەت ئۇزىلمەي تاشەر.
    سېنگە بەغىشلەنگەن قەلب سوزى بىتمەي،
    مىسرالەردەن تولقىنلەب-ئوركەشلەب تەشەر.

    كۇمىش رەڭ دەريالەرىڭ،زۇمرەد كوللەرىڭ،
    ئېلنىڭ قەلبىدەي كېڭ سەھرا چوللەرىڭ.
    جانىمنىڭ رىشتەسىدەي تا...

  • نەۋرۇز بايرىمىغا قۇتلۇق بولسۇن!

    بارلىق ياخشى نىيەتلىك، ئۇشبۇ نەۋرۇزنى ئۆزىنىڭ بايرىمى دەپ بىلگەن قېرىنداشلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

     

  •  

    قەشقەرگە قايتىش -6

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

     

    لەقەم تۇتار ھېيتگاھتا باخشى

    كوچا مەشرىپى

    كىتاب مەشرىپى، يىپەك مەشرىپى

    ياغما، قارلۇق، چىگىل، چاۋۇپلار

    گۈلخان ئارا ئەسلەر چۈشىنى

    سىڭقۇسەلى

    تۆمۈر تۈۋرۈك ئايۋىنىدا خۇش

    ئىسىم قويۇش لوغىتى تۈزەر.

  •  

    قەشقەرگە قايتىش -5

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

     

    شەھەردىكى چۆچەك

     

    دۆلەت قۇشى قونغان دۆلەتباغ،

    تەڭرى قۇشى قونغان چاھارباغ.

    دىنار يىغار ئويچان كېرەمباغ،

    تاغ تۇراسى قالغان بەك پەستە

    جىمجىتقىنا ياتار شامالباغ.

  •  

    قەشقەرگە قايتىش -4

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

     

     

    كوچىلار__   8  مۆجىزە

     

    ھالقىڭىز چىرايلىقكەن

    ئايغا قاراپ سوققانمۇ؟

    ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن

    ھاجى مەخسۇم قويغانمۇ؟....

                                    (قەشقەر خەلق قوشىقى)

     

  •  

    قەشقەرگە قايتىش -3

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

     

     

    بادام دوپپا

    مارجان دوپپا

    چىمەن دوپپا

    گىلەم دوپپا

    ئېنگىلىزلار بېشىدا كۈلەر،

    شىۋىتسىيە قىزلىرى سۆيەر.

    ئورخۇن ۋادىسىدىن

    ئۇچۇپ كەلگەن مەيىن شاماللار

    يوقلايدۇ قەشقەرنىڭ تۇپراقلىرىنى.

     

  •  

    قەشقەرگە قايتىش-2

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

     

     

    ھەزرەت سەيلىسى

    داشقازاندا قاينايدۇ جاھان

    ئەۋلىيالىق

    سوپىلارغا كۆرسىتەر ئارمان

     

    شەربەت كۆلى

    تۇتىشىدۇ مەككىگە بەلكىم

    تىڭشاپ ياتار ساناقسىز قەبرە

    يۈرىكىنى ئېلىپ قولىغا