شەربەت دورىلار
شەربەت دورىلار- نۇسخا تەركىبىدىكى دورا ئەشيالارنى بەلگىلىك ۋاقىت قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ (مېۋىلەرنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ)، دورا سۇيۇقلۇقىغا تەڭشىگۈچلەرنى قوشۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان سۇيۇق ھالەتتىكى دورا ياسالمىسى.
شەربەت دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
شەربەت دورىلار سۇيۇق دورا ياسالما تۈرىگە تەۋە بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
1.شەربەت دورىلارنىڭ بەدەنگە ئۆزلىشىش ۋە تەسىر قىلىشى تېز بولۇپ، ئۈنۈمىنى تېز كۆرسىتەلەيدۇ.
2. شەربەت دورىلارنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىشقا ئەپلىك.
3.شەربەت دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، ئائىلىلەردىمۇ تەييارلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
4.شەربەت دورىلار سۇيۇق دورا ياسالمىلىرى ئىچىىدكى نىسبەتەن تۇراقلىق ياسالما شەكلى بولۇپ، تەلەپ بويىچە تەييارلانسا بىر يىل تولۇق ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
شەربەت دورىلارنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. شەربەت دورىلارنى تەيي