كاشكاپ (دەملىمە) دورىلار

2012-يىل 2-فېۋرال1,7620

كاشكاپ (دەملىمە) دورىلار

كاشكاپ دورىلار - بىر ياكى بىر قانچە خىل دورىلارنى چالا سوقۇپ ياكى پۈتۈن چۆپى بىلەن چەينەك ياكى ئېغىزلىق قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ دەملەپ، دورىنىڭ تەمى چىققاندا ئىسسىق ياكى سوغۇق ھالەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق دورا ياسالمىسىدۇر.

كاشكاپ (دەملىمە) دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى

1. دورىلارنى دەملەپ ئىشلەتكەندە بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەبىئىتى ۋە خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى ھەمدە دورىنىڭ داۋاملىق ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

2. دورىلارنى دەملەپ ئىشلەتكەندە بىر قىسىم دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى ئۇچۇچان ماي ۋە باشقا شىپالىق تەركىبلەرنىڭ پارلىنىپ چىقىپ كېتىپ، دورىنىڭ قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىشدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

3.كاشكاپ (دەملىمە) دورىلارنى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆز ۋاقتىدا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئىشلىتىش قۇلايلىق، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي.

4. كاشكاپ دورىلار سۇيۇق دورىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك باشقا ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

كاشكاپ (دەملىمە) دورىلارنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. دورىلارنى ئالدى بىلەن پاكىز تازىلاپ، زۆرۈر تېپىلغاندا يۇيۇپ، ئاندىن چىلاش ياكى دەملەش لازىم.

2. دورىلارنى ئاغزى بار قاچىلارغا سېلىپ چىلاپ، ئاغزىنى يېپىپ، تەمى چىققۇچە دەملەش كېرەك.

3. دورىلارنى 1~3 سائەتكىچە چىلاش، ئىشلىتىلىدىغان سۇ )قايناق سۇ( مىقدارى بىر ھەسسە دورىغا 2~3 ھەسسە ئەتراپىدا بولۇش كېرەك.

4. دەملىمە دورىلارنىڭ ئېرىتكۈچىسى سۇ بولغاچقا، تۇراقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، ئاسان بۇزۇلۇپ، ساقلاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا ئۇدۇللۇق تەييارلاپ ئىشلىتىش كېرەك

4 0

ulinix tori ئازساز