ئەرەق دورىلار
ئەرەق دورىلار - خام دورىلارنى سۇغا چىلاپ مەخسۇس ئەرەق قازانلىرىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ، سوغۇق تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق تامچىلىتىپ ئېلىنىدىغان سۇيۇق دورا ياسالمىسىدۇر.
ئەرەق دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. ئەرەق دورىلار سۇيۇق ياسالما بولغاچقا، باشقا سۇيۇق دورا ياسالمىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
2. باشقا پىششىق دورىلارنى ئەرەق دورىلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا دورىلارنىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشىنى تېزلەشتۈرۈپ، دورا ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئەرەق دورىلارنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. گۈل - چېچەك، يوپۇرماق، چۆپ، يىلتىز دورىلاردىن ئەرەق تەييارلاشتا بىر كىلوگرام دورىغا ئالتە لىتىر سۇ قويۇپ، 12~24 سائەت چىلاپ، ئۇنىڭدىن ئۈچ لىتىر ئەرەق ئېلىش لازىم.
2. ئۇرۇق دورىلاردىن ئەرەق تەييارلىماقچى بولغاندا بىر كىلوگرام دورىغا ئالتە لىتىر سۇ قويۇپ 24 سائەت چىلاپ، ئۇنىڭدىن تۆت لىتىر ئەرەق ئېلىش لازىم.
3. بىر قىسىم قاتتىق دورىلاردىن ئەرەق ئېلىشتىن ئاۋۋال قايناق سۇغا بىر كېچە - كۈندۈز چىلاش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا دورىلارنىڭ تەمىنى بىرقەدەر تولۇق
ئېلىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
4. ئەرەق چىقىرىشتا ئوت كۈچىنى تەكشى كونترول قىلىپ دورىنىڭ قۇۋۋىتىنى تولۇق ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. ئوت كۈچى تەكشى بولماي، دورا كۆيۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
5. دورا رەڭگىنىڭ سۈزۈك ۋە ياخشى چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
6. ئەرەق قازانلىرى تەلەپكە لايىق بولۇشى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تازىلىقى ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. تامچىلاپ چۈشكەن دورىنىڭ تېمىپ چۈشۈش سۈرئىتى بىر خىل بولۇشى لازىم.
7. ئەرەق تەييارلىنغاندا نۇسخا تەركىبىدىكى گۈل - چېچەك، يوپۇرماق، ئۇرۇق قاتارلىق دورىلارنى سوقماسلىق، غول - يىلتىز ۋە ياغاچ تۈرىدىكى دورىلارنى چالىراق سوقۇۋېتىش كېرەك. ]
8. ئەرەق دورىلاردا ئەسلىي خام ئەشيا قىلىنغان دورىنىڭ تەمى ۋە پۇرىقى بولۇشى كېرەك.
9. ئەرەق دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئەينەك شېشە، چىنە قاچىلارغا ياكى كوزىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا قاچىلاپ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ سالقىن جايدا ساقلاش كېرەك.