ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم باغداش تور بېكىتىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ، مۆھتىرەم قوللىغۇچىلىرى :
تور بېكىتىمىز تور بېكىتىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا رەخمەت ئېيتىش ۋە تورداشلارنى تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە <باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى >ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق ، تورداشلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشىشى نەتىجىسدە تورداشلارنىڭ بىر -بىرىدىن نادىر بولغان ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلدى مۇقەددەم ئىككى يىل بۇرۇن يەنى 2009-يىلى تور بېكتىمىز < ئالىم ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر تەۋەللۇتىنىڭ 85يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى > ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئەسەر ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىنى قومۇل دىيارىدىكى ئىۋىرغول رېستۇرانىدا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزگەن ئىدۇق ،
بۇ قېتىقى ئەسەر باھالاشنى شۇنداق قىلىشنى ئويلاشقان بولساقمۇ شارائىت يار بەرمىدى .شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەردە ئېلان قىلىشنى لايىق تاپتۇق . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پائالىيتىمىزنى قوللاپ ئەسەر قاتناشتۇرغان بارلىق قەلەمكەش دوستلارغا چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمىز . بۇ قېتىمقى ئەسەرلەرنى باھالاشقا تەكلىپ قىلغان باھالىغۇچىلار :
قارماي يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ،مول- ھوسۇللۇق يازغۇچى ئارسىلان تالىپ
تونۇلغان يازغۇچى ، <جاللات خېنىم> ، <باھادىرنامە> قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى : ياسىنجان سادىق چوغلان . <قومۇل ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ،تونۇلغان شائىر : سەمەت ئابدۇراخمان قوچىغۇن
<ئۆزىنىڭ ئانىسىنى تالاق قىلغان بالىلار >،<ئاياللىق قەلبنىڭ نىداسى >ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن تەسىر قوزغىغان ئەدىب :ئابلا ئىساق پەروزان . يوقىرىقى تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى نەتىجىسىدە ئەسەرلەرنىڭ دەرىجىسى تۆۋەندىكىدەك تىزىلدى : 1-دەرىجە:
ئاپتور: tarati
سىم-سىم يامغۇر
2-دەرىجە:
ئاپتور: abdulhemidyasin
كېپەنسىز جەسەتلەر
ئاپتور: oyganganzimn
گۇگۇمدىكى ۋەھىمە
3-دەرىجە:
ئاپتور: bozqir
يۇيۇلماس ئار نومۇسلار
ئاپتور: imannur
ھېيتلىق
ئاپتور:oychan
ئۇيغۇرلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن(ئىبارە ئويۇنى- ئىنئاملىق ئەسەر)
باغداش تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن يوقىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئاپتورلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ،
ئەمەلىيەتتە قاتناشتۇرىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى نادىر ئەسەرلەر لېكىن پائالىيەت تۈزىمى ۋە شارائىت تۈپەيلى پەقەت بەلگىلىك ئەسەرلەرگە قارىتا مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردۇق ، باشقا ئاپتورلارنىڭ پائالىيتىمىزنى قىزغىن قوللاپ ئاۋاز قوشقىنىغان رەخمەت ئېيتىمىز :
بارلىق مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر باغداش تورى باش بېتىدە تەۋسىيە تېما قاتارىدا تەۋسىيە قىلىنىدۇ .
مۇكاپات بويۇملىرى تۆۋەندىكىچە :
1-دەرىجە : قۇتلان تېلىفۇنى ، 500 يۈەن نەق پۇل ، بىلقۇت كومپىيوتور ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتالى
2-دەرىجە :300 يۈەن نەق پۇل ، بىلقۇت كومپىيوتور ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتالى
3-دەرىجە :200يۈەن نەق پۇل ، بىلقۇت كومپىيوتور ئۆگۈتۈش يۇمشاق دېتالى
ئەسكەرتىش : مۇكاپاتلاش نەتىجىسىنىڭ كېچىكىپ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن تورداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز ، شۇنداقلا تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق قوللىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ! مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇكاپات بويۇملىرىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ :
ئىشخانا تېلفۇن نومۇرى : 0991-5155117 137183568:QQ ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن : باغداش تور بېكىتى ياردەم بەرگەن ئورۇنلار :
قۇتلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى [ بۇ يازمىنىhawarدە2011-08-03 18:37قايتا تەھرىرلىدى ]