- تىزىملاتقان
- 2012-7-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 170
- نادىر
- 0
- يازما
- 32
ئۆسۈش
56.67%
|
پۇسۇڭلىڭنىڭ «قارا چىكەتكە »دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر گەپ بار 。«بىرى ئەرىشكە چىقسا، ئۇنىڭ ئىت -مۈشۈكلىرىمۇ ئەرىشكە چىقارمىش .»
ئەمىلىيەتتە مەيلى جەنۇپنىڭ ياكى شىمالنىڭ مائارىپ ساھەسىدە بۇلسۇن مەسىلە خېلىلا ئېغىر ،بۇ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلار خۇددى ئېينىشتىيىن ئېيتقاندەك «كۆرۈنمەس مۇناسىۋەت يىپى بىلەن چىڭ باغلانغان .» ئەمەلدارلاردۇر . تۆۋەندىكى سىلەر قاخشاۋاتقان ئەمەلدارچاقنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا ،يۇقۇردىكىسىنىڭ مۈڭگۈزى سىقىرايدۇ .شۇڭا ئاپتۇنۇمدىن بۇيرۇق چۈشسىمۇ ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغان گەپ .«خەلق دېڭىز ئەمەلدارلار كېمە ،خەلىق قوزغالسا كېمىنى ئۆرىۋېتىدۇ »دەيدىغان بىر گەپ بولىدىغان .بۇ كونا گەپ بولۇپ قالدى .تاڭ سولالىسىدىغۇ دەيمەن 900 ئادەمگەبىر ئەمەلدار توغرا كېلىدىكەندۇق ،ھازىر 9 ئادەمگە بىر ئەمەلدار توغرا كېلىدۇ.ئەمدى يۇقارقى كونا گەپكە كېلەيلى ،ھازىر دېڭىزنىڭ ئۈستىنى «كېمە» قاپلاپ كەتتى ھەممىدىن يامان يېرى بۇ «كېمىلەر »خىيانەتچىلىك ،قويمۇچۇلىق ،بۇزۇقچۇلۇق ،قاتارلىق بىر قاتار چۇلىقلار ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن چىڭ باغلىنىپ تۇرغلۈق، شۇڭا خەلىقتىن ئىبارەت بۇ «دېڭىزنىڭ »ئۇنى ئۆرۈۋېتىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ،ھەتتا «كېمىلەرنىڭ »ئاچچىغى تۇتسا بۇ «دېڭىزغا »«كۈن نۇرىنى »چۈشەرمەي ئەختەم ئۆمەرنىڭ كۆلىدەك قۇرۇتلىتىۋېتىشىمۇ مۈمكۈن .
شۇڭا يۇقۇردىكى ئەمەلدارلارمۇ ئامالسىزمىكىن دەيمەن .ئۈزۈل كېسىل ئىسلاھات قىلاي دىسە بۇزۇپ قويۇشتىن قورقىيدۇ .قىلىماي دېسە ئاممىنىڭ ئىنكاس كۈچۈيۈپ كەتكەن . ھازىرقى ئۇلارنىڭ بىردىن -بىر پىلانى كۆزىنى بەزىدە ئېچىپ بەزىدە يۇمۇپ كۈنى ئۆتكۈزۈش ،ئەپلەپ بىرەر ئورۇنغا ئۆسىۋېلش ،قېىرپ قالغان بولسا پىنسىيەگە چىقىۋېلىش .
بۇندىن نۇرۇنقى ئىشلارغا نەزىرىمىزنى سېلىپ باقايلى 2000 -يىلارنىڭ بېشىدا دەرىس ئىسلاھتى ئېلىپ باردۇق. شۇنداق داغدۇغۇلۇق بولدى .بىر مەزگىل ئۆتۈپلا ھەمىسى ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسىگىلى تۇردى .ھەتتا دەرىسخانە ئوقۇتۇشىنىڭ يادىروسى بولۈن «ئۈچ ئۆلچەم»نىمۇ بىلمەي تۇرۇپ پىلان تۈزۈپ دەرىسكە كىرىپ كېتىۋاتقانلار كۈرمىڭ .مەيلى شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرىدىكى مەسئۇل رەھپەرلەر بولسۇن ،ۋەياكى مەكتەپلاردىكى مەسئۇل رەھپەرلەر بولسۇن دەرىس ئىسلاھاتى ھەققىدە گـەپ ئاچمايدۇ |
|