- تىزىملاتقان
- 2012-8-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1104
- نادىر
- 0
- يازما
- 40
ئۆسۈش
10.4%
|
جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى،لېكىن ئىنتايىن تەتۈر بىر سىياسەت يولغا قۇيۇلۇپ،يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق مەكتەپلەر چۇقۇم مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلىدۇ دىيىلىپ،مائارىپ ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان كەنت مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئاتالمىش ئۇقۇتۇش خىزمىتىدىن خەۋەرسىز،پەقەت يىىغىنغا قاتنىشىشىنى ۋە ھەيۋە قىلىشىنى،خوشامەتچىلەرنى يېنىغا تارتىشنى كەسىپ قىلۋالغان ئىقتىدارسىز مەكتەپ مۇدىرلىرى،ھەپتىدە بىر سائەتمۇ ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسى،يەنە ئاللىقانداقتۇر كىملەرنىڭ چەكىلىمىسىگە ئۇچراپ خىزمەتنى ھەقىقى ئىشلەش،ئۈنۈم يارىتىشقا زور دەرىجىدە توسالغۇ بولماقتا.
ئاددەتتە بىر كەنت مەكتەپ مۇدىرىنى ئېلىپ ئېيىتساق ئۇ كەنت مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزىنىڭ مەكتىپى(50پىرسەنت) ۋە باشقا تۈرلۈك«ئۇرۇنلۇق چىقىم»لارنىڭ تالونلىرىغا ئىمزا قۇيۇش،مەركىزى مەكتەپنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىپ مەكتەپ مۇدىرلىق رولىنى يوقىتىش ھالىتىدە تۇرۋاتىدۇ.ھەتتا مەلۇم يېزىدا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى كەنت مەكتەپ مۇدىرى بىلەن تەڭ دىگەن گەپ پەيدا بولغان.نەتىجىدە كەنت مەكتەپ مۇدىرى ھەتتا مەكتىپىدىكى مەلۇم بىر ئۇقۇتقۇچى خىزمەت تۈزۈمى ۋە ئۇقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلسىمۇ ئۇنى جازالاشتا ئىككىلىنىدىغان(ئەگەر جازالاش قارارى چىقارسا جازالانغان شۇ ئۇقۇتقۇچى مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىشەك سۈيدۈكى ھاراق،ئۈلۈك تۇخۇ قۇرۇمىسى بىلەن مىھمان قىلسا بۇ قارارنامىنىڭ رولى بولمايدۇ).كەنت مەكتەپ مۇدىرى ئۆز مەكتىپىنىڭ شارائىتى ئەخلەتخانىدىن پەرقلەنمىسە ئامال قىلالمايدۇكى مەكتەپ ئىقىتسادىنى مەركىزى مەكتەپ ۋە شۇ يېزا تەۋەسىدىكى«ياغلىق قاپاق نامدار مەكتەپلەر(مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ياكى تۇغقاندارچىلىق بار مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى باشقۇرۋاتقان مەكتەپ)نىڭ ئالدىن تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ۋە ياكى كۈتۋېلىش خىراجىتى ئۈچۈن خەجلىنىپ ئاللىقانداقتۇر تەييارلانغان چىقىم تالونلىرىغا ئىمزا قويالايدۇ(قويماي مۇمكىن ئەمەس).
كەنت مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ بىر يېڭى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قۇيۇش جەريانىدا مەركىزى مەكتەپتىكى ئاتالمىش«مۇتەخەسسىلەر»نىڭ بىر ئېغىز«كۆرسەتمىسى»بىلەن تاشلاپ قويىدىغان ماشىنىلاشقان ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالماقتا.
مائارىپ ئىشخانىلىرى قايتۇرۇلغان بىلەن ھازىرقى يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە«7.5سائەت كومپيۇتېردا تور ئۇيۇنلىرى ۋە باشقا ئىشلارنى قىلىپ،0.5سائەت (خوشياقسا)ئىشلەپ قويىدىغان ماڭقۇرت بەگزادىلەر»ئۇقۇتۇشقا بىر سائەت چۈكۈپ باقماي تۇرۇپ،ھەر مەۋسۈم بېشىدا يىتەكچىلىك قىلىپ،بايقالغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە ياردەم قىلىشنى ئويلىماستىن مەۋسۈم ئاخىرىدا كونسىپىكلەر تۈزۈلۈپ بولغان ۋاقىتتا،تۈزۈلۈپ بولغان كونسىپىكلەردىن مەسىلە تېپىشنى مەقسەد قىلىپ ئاللىقانداقتۇر مەقسەدلەر بىلەن تەكشۈرۈشكە چىقىدىغان ..........،پىتنە پاسات تارقىتىپ كەنت مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى ئېغىر.
بىر مەكتەپكە بىر يىلدا 200مىڭ يۈەن خىراجەت چۈشسە كەنت مەكتەپ مۇدىرى بۇنى پەقەت مەكتەپنىڭ تازىلىق سايمانلىرى ۋە بور،كونسىپىك قاتارلىقلارنى تەييارلاشقا ئىشلىتەلەيدۇ، ئېشىپ قالغان خىراجەت قالسا مەركىزى مەكتەپ ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى خادىملىرىنىڭ كوماندىروپكىسى،مائارىپ باش ياچېيكىسى(بۇرۇنقى مائارىپ ئىشخانىسى)نىڭ 366كۈن ئارام ئالمايدىغان،مەخسۇس مەركىزى مەكتەپ مۇدىر،شۇجىسىنىڭ خۇسۇسى ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قالغان «ئەجدىرھا»نىڭ رېمونت ۋە ماي چىقىملىرىنى شۇنداقلا مەركىزى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مىېھماندارچىلىق كۈتۋېلىش چىقىملىرىنى كۆتىرىشكە تەييار.(ئەمەليەتتە بۇ «ئەجدىھا»نىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇشى ئۈچۈن رولى يوق).
يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مائارىپ تەكشى تەرەققىياتى خىزمىتى باشلىنىپ،مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال،ئۇل مۇئەسسەسە خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ،كەنت مەكتەپلىرىمۇ قەۋەتلىك ئۇقۇتۇش بىناسى بەرپا قىلىنىش خىزمىتى باشلىنىپ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ياخشىلىنۋاتىدۇ،ئەمما شۇ باش ئۇرۇندىكى «پوق قورساق»مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكى بىلەن تەكشى تەرەققىيات تاشلىنىپ قېلىپ،«يەككە تەرەققىيات،ئالدىنئالا تەرەققىيات،كۆڭلى يېقىنلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش»شەكىللەندى.
بىر قانچە يىللار بۇرۇن دەرس ئۆزلەشتۈرۈشى %89چىققان بىر ئۇقۇتقۇچى %90دىن كەملىگەن بىر پىرسەنت ئۈچۈن ئاھ ئۇرسا،ھازىر ئاتالمىش مەركىزى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەمەل ساقلاش كويىغا كىرىۋېلىشى،كەنت مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مالىيە ۋە تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن دەرس ئۆزلەشتۈرۈشى 0بولغان ئۇقۇتقۇچىلاردىمۇ قاقاقلاپ كۈلۈش ھالىتى شەكىللەندى.
دىمەك مائارىپ نازارىتى چۇقۇم يۇمىلاق تامغىسى بار مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىتراپ قىلىشى،مەكتەپ ئۇقۇتۇش خىزمىتىگە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ئۆزى مەسئۇل بۇلالايدىغان،مائارىپ ئىدارىلىرى نازارەتچىلىك قىلالايدىغان ،مەكتەپ مالىيەسىنى مەكتەپ مۇدىرى ئۇقۇتۇش ۋە مەكتەپ شارائىتى ئۈچۈن پىلانلاپ ئىشلىتەلەيدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى،ھەر بىر يېزىدا چۇقۇم ئاددەتتىكى مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلەش ئىقتىدارى بار،ھەقىقى ئىشلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق مەسئۇل خادىملارنى بېكىتىشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ،«جان باقتى»لارنىڭ سانىنى ئازايتىپ،ئۇقۇتقۇچى دىگەن نامغا ئىگە بولغانلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش مىخانىزىمى بەرپا قىلغۇزۇشى شۇ ئارقىلىق مائارىپ ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. |
|