- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7749
- نادىر
- 6
- يازما
- 295
ئۆسۈش
54.98%
|
مانا مۇشۇ كۈنلەردە ئايالىم ماڭا باقمايتتى،،، ياكى مەن ئايالىمغا.... (ئايالىمنىڭ ئوقۇشىنى تەڭ سۆزلەپ مېڭىشىمدا مەلۇم بىر سەۋەب بار، كېيىن ئۇقۇپ قالىسىلەر).. مەن بولسام بىر يىلدا تاماملاش ئۈچۈن تىرىشۋاتاتتىم.. ئايالىم بولسا دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بۇۋاقنىڭ تۇغۇلىشىدىن ئاۋال ماقالىسىنى تۈگىتىشنى خالايتتى......... ئاللاھ بىزدەك مۇساپىرلارنى نائۈمۈدتە قويمىدى.. قارىمامسىلەر...... ئايالىم مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىشىنى تاپشۇرۇپ بولۇپ، 2 كۈندىن كېيىن ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان نىمەت 2- پەرزەنتىمىز دۇنياغا كۆز ئاچتى.. بۇ قېتىممۇ ئاللاھ بىزگە يەنە قىز پەرزەنت ئاتا قىلدى.... ئىسمىنى شەرىفە دەپ قويدۇق......ئاللاھتائالا بەندىلىرىنىڭ ئىشىنى مۇشۇنداق ئاسان قىلىدىكەن،، ئەگەر ئىشلار ئاسانغا چۈشمىگەن بولسا، ئاتا-ئانىمىز ۋە قەۋم-قېرىنداشلىرىمىز بولمىغان بۇ مۇساپىر يۇرتتا قانداقمۇ قىلارتتۇق؟؟
قىزىمىز تۇغۇلۇپ 20 كۈن بولغاندا، مەن يەنە ئوكىسفورد ئۇنىۋېستىتىغا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئايالىمنىڭ قوللىشى بىلەن يەنە بېرىشنى قارار قىلدىم... يوقىرىدا دەپ ئېيتقاندەك بىر پارچە ماقالام بۇ ئۇنىۋېرسىت تەرىپىدىن قوبۇل بولىنغان ئىدى.. ئۇ ماڭا« قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بۇ پۇرسەت كېلىدۇ ؟ بۇ دىگەن پۇرسەت،، پۇرسەتنى قەدىرلەيلى، پۇل دىگەننى تېپىۋالغىلى بولىدۇ،، لېكىن پۇرسەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ » دەپ مەدەت بەردى... مۇشۇ مەدەتلەر بىلەن يەنە ئەنگىلىيىگە قاراپ يول ئالدىم...
بۇ ھەقتىكى باياننى مۇنۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
./read.php?tid=6206
مۇشۇ پۇرسەتتە تۇركىيەنى بىر زىيارەت قىۋېلىشنى قارار قىلدىم.. بېلەتنى كۇۋالامپۇر دىن لوندونغا، لوندوندىن ئىستانبۇلغا، ئىستانبۇلدىن كۇۋالامپۇرغا ئالدىم ( ئوتتۇرىدا مەدىنە ۋە جىددىدە توختايتتى)،، شۇنداق بولغاندا بېلەت ئەڭ ئارزان توختايتتى... شۇنداق قىلىپ ئەنگىلىيەدىن قايتىش سەپىرىدە تۇركىيەنىمۇ زىيارەت قىلىۋالدىم... تۇركىيە ماڭا ھىچقانداق يات تۇيۇلمىدى... خوددى ئۆزەمنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.... شەھەر مەدەنىيىتى ئوخشاش، تىل مەدىنىيىتىمۇ بەك يىراق ئەمەس، يىمەك - ئىچمەك ۋە سودا مەدىنىيىتىمۇ بىزدىن يىراق ئەمەس ئىدى...... يىغىپ ئېيتقاندا مەن ھەممە جەھەتتىن يەكلەشكە ئۇچۇرمىدىم... شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە ھەپتە كۈنلۈك زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مالايسىياغا قايتىپ كەلدىم..
|
|