- تىزىملاتقان
- 2011-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2970
- نادىر
- 1
- يازما
- 122
ئۆسۈش
42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aratvrkye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 11:16
بەزەنلەر بۇنچىلىك قارغۇ بولىۋالمىساڭلار قانداق ؟ ئاشۇ ئۇستازلارنىڭ ئۆمۈر بويى دەرس مۇنبەرلىرىدە ، بەزەنلەردەك جانباقارلىق قىلماي ، مەسئۇليەتچانلىق روھلىرى بىلەن ھاردىم تالدىم دىمەي ئىشلىگەنلىرى سىلەرچە ئەمەلى خىزمەت ، ئەمەلى تۆھپىلىر ئەمەسمىكەن ؟( باشقا ئىلمى ئەمگەكلىرىنى ، ھەر -ھەر خەلقارالىق سۆھبەتلەردىكى ئەمگەكلىرىنى ....... قويۇپلا تۇرايلى بوپتۇ ) مۇشۇنداق بىر ئىشنى باھانە قىلىپلا ھەممىنى كۆزىمىزنى چىڭ يۇمۇپلا سۈپۈرۈپ تاشلامدۇق ؟ ھەممىنى ياراتماي مۇشۇنداق سۈپۈرۈپ تاشلىساق، يەنە كىملەر بىزگە ئۇستاز ، كىملەر بىزگە يازغۇچى ، كىملەر بىزگە تىلشۇناس بوپ بېرە ؟ جاڭ ئەپەندى ؟ ۋاڭ خانىم ؟ توماس ؟ جېك ؟ ناتاشالارمۇ ................ ؟ قاراپ تۇرۇپ ئەمدى مۇشۇ كىشىلىرىمىزگە تىل سالغانلار ، ئويلاپ بېقىڭلار ، تۇزكور بولمىدىڭلارمۇ مۇشۇ تاپتا ؟ يۈزۈڭلەر ئازىراقمۇ ئۇيۇلمامدا ؟ يۈرىكىڭلەرنى ئوبدانراق تۇتۇپ ئويلاپ بېقىڭلار ! ھاياجاننى ، غەزەپلەرنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ ، ھېسىياتىڭلارنى ئەقلىڭلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۋەتمەي تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭلار !
جىق گەپ قىلماقچى ئىدىم ، بىراق كونۇپكا تاختىسىنى بېسىۋاتقان قارشى تەرەپنىڭ 8 ياشلىق بالىمۇ ياكى 80 ياشلىق مويسىپىتمۇ ؟ نېرۋىسىدا مەسىلە بار ئاغىرقچان كىشىمۇ يا بېجىرىم كىشىمۇ ؟ بىزگە دوسىتمۇ ياكى تىمسىقلاپ يۈرۈپ ، ئىش تېرىپ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاۋاتقان ئوغرى مۈشۈكمۇ ؟ دىگەن مەسىلىلەر پۈتۈنلەي بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى مەۋھۇم مەسىلىلەر بولغاچقا ھەمدە بىر ھېساپتا، تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ھەر خىل گەپلەرنىڭ چىقىشىمۇ بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى، ھازىرچە توغرا چۈشۈنۈپ تۇرۇشقا بولىدىغان مەسىلە دەپ قارىغاچقا ئۆزەمىنى بەك ئۇپۇرتۇپ كېتىشنىمۇ خالىمىدىم ، خالاس.
ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش توغۇرسىدىكى ئىشلارغا قارتا ، بۇ مۆھتېرەھملىرىمىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىغىنى ، قوش تىللىق مائارىپقا قارتا قانداق ئىلمى ، سېستىمىلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ بارلىغىنى مېنىڭمۇ ئوخشاشلا بىر بىلىپ باققۇم بار ، ئەلۋەتتە ! ئەمدى ، بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىنىڭ دادىللىق بىلەن مۇشۇ سۆھبەتنى روياپقا چىقارغانلىغىنى چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلەيمەن ! مۇشۇ پائالىيەتنى روياپقا چىقىرىش يولىدا قانچىلىك ھەرەجلەرنى تاتقىنىڭلارنى بىر ئاللاھ ئاندىن ئۆزەڭلار بىلىشىڭلار مۈمكىن ، بەزى ئاز ساندىكى نادان قېرىنداشلار ( ھەم دۈشمەنلەر ) نىڭ بەزى تاققا –تۇققا سۆزلىرىدىن رەنجىپ ، قېيىداپ كەتمەيدىغىنىڭلارغىمۇ ئىشىنىمەن ! چۈنكى سىلەر شۇلاردەك ئىچى تار ، چىدىماس بولغان بولساڭلار ، ‹ بىلكۈچ › دەيدىغان كۈتۈپخانىنىمۇ قۇرۇپ چىقالمىغان ، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىمۇ روياپقا چىقىرالمىغان ھەتتاكى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرەلمىگەن بولاتتىڭلار ، خالاس . شۇڭا مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن ! بۇنۇڭدىن كېيىن چوققۇم بۇنۇڭدىنمۇ زور ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىمۇ روياپقا چىقىرالىشىڭلارغا ھەم ئىشىنىمەن ! چۈنكى ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ تاغدەك قىيىنچىلىقلارنى يىڭەلەيدىغان تىرىشچانلىقىڭلار ، دىتىڭلار ، جاسارىتىڭلار بار . ئاندىن قالسا ئاللىقاچان چۆچۈپ ئويغانغان ، ئويغىنۋاتقان ، ئويغىنىشقا ئىنتىلۋاتقان ، سىلەردەك مەرىپەت تارقاتقۇچىلارنى قوللايدىغان خەلىقىڭلار بار !
1200 يۈئەن باھا مەسىلسىگە كەلسەك ، گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا قاراشلىق ، جان باقار ئىشلەمچى بولساممۇ شەخسەن مەن قوللايمەن ! بېرىپ –كېلىشىم ئۈچۈن 2000 سوم خەلق پۇلى كېتىدىكەن . ۋاقتى كەلگەندە شارائىتىم يار بەرسىلا نەق مەيدانغا بېرىپ قاتنىشىمەن .... كىچىككىنە تەكلىۋىم ، بولسا ئومۇمى ئەھۋالىمىزنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ، بېلەت باھاسىنى قىممەتكەن دەۋاتقان قېرىنداشلارنىڭمۇ گەپ –سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ قويۇشىڭلارنى ، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەمەلى ئەھۋالغا قارتا نەزەرگە ئېلىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن !
ئاخىردا بارلىق قېرىنداشلارغا ئامانلىق ، ئىشلىرىغا ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن !
|
|