قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: gulenmen

گۈلەن: مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1246

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 19:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ھىچكىمدىن ئاغرىنىشقا ھوقۇقىمىز يوق ، چۈنكى شۇ مەشھۇرلىرىمىزنى مەشھۇر قىلغانلار يەنىلا بىزلەر .  

0

تېما

1

دوست

4277

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11691
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 445
تۆھپە : 972
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 19:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- ئۇلار كىمنىڭ مەشھۇرلىرى؟
- ئۇيغۇرنىڭ.
- ئۇنداقتا ئۇلاردىن ئاغرىنماي يەنە كىمدىن ئاغرىنىمىز؟؟؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

2

دوست

5310

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14492
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 1491
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 20:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز ئالدىمىزدىكى  تەخىرسىز مەسىلىلەرنى جاپا مۇشەققەتتىن قورىقماي ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ھەل قىلىۋاتقان گۈلەن ئەپەندى بىلەن قانۇنى يول قىرىندىشىمىزغا نەزەر سىلىپ باقايلى،نەچچە مىڭلىغان تورداشلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىختىزادى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بانكا ھىساپ نۇمىرىنى سورىغاندا ئۇلار چىرايلىقچە رەت قىلدى. مانا بۇلار ئاللا رىزاسى ئۈچۈن خالىس ئىش قىلىۋاتقان ھەقىقىي زىيالىلىرىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئەجەبا ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يوقما؟ ئۇلار پۇلغا ئىھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟ تىخى يىقىندا خوتەندە زور ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىز ئۈي ماكانسىز قالدى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يوقمۇ؟
دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە نەچچە مىليۇن قىرىنداشلىرىمىز ئۈزىنىڭ ئىتىزىنى تىرىيالماي مەجبۇرى ھاشارغا سىلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى يۇقمۇ؟
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ‹ ئىشەك ئۆلسە قوڭى غەجەك تارتىپتۇ دىگەندەك › بۇ كاتتا جەمىيەت شۇناس ئەرباپلىرىمىز << مۇھەممەد سالىھ دامۇللام بۇنىڭ سىرتىدا>>
1200 يۇەندىن بىلەت سىتىپ مەدداھلىق قىلماقچى بولىشىۋاتىدۇ. قىنى ئەركەكلەر سىلە؟  قىنى مىللەتنىڭ تۈرىكى بولغان زىيالىلار سىلەر؟ قىنى بىز نەچچە يىللاردىن بىرى ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتقان ئۇستازلار؟  ئۆزۈڭلارنى ،‹‹ئاتالمىش قوشتىل يەسلىسىدە قىينىلىۋاتقان بىچارە بالىلىرىڭلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ياكى ئۈيىسىگە ئوت كىتىپ ماكانسىز، چارىسىز قالغان قىرىنداشلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ۋەياكى ئايىقى ئۈزۈلمەس ھاشارنىڭ دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن ئاتا بوۋاڭلارنىڭ ››  ئورنىغا قۇيۇپ ۋىژدانىڭلار بىلەن جاۋاپ بىرىڭلار؟ ئائىلە باشقۇرۇش تىمىسىدىكى لىكسىيە نى سۈزلىگەنگە ھاشار تۈگەپ قالامدۇ؟ ئوتتا كۈيۈپ كۈل بولغان ئختىزاتى زىيان ،دەرىت-ھەسرەتلەر ئورنىغا كەپ قالامدۇ؟نا تونۇش تىلنى بىلمەي قىينىلىۋاتقان ،ئاتا ئانىسىنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈشكە نەقەدەر تەشنا بولىۋاتقان ئەشۇ سەبى بالىلىرىڭلارغا بىردىنلا تىل چىقىپ قالارمۇ؟
ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى توغرا يولدا ئىشلىتەيلى قىرىنداشلار، رىئاللىققا يۈزلىنەيلى. ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىز ئالدىمايلى. ‹‹ئوۋچىنىڭ ئالدىدىكى نادان كىيىكتەك ›› نەپسىمىزگە بىرىلىپ ئۆزىمىزنى ھەم گۈدەك پەرزەنىتلىرىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلىمايلى .كۆز ئالدىمىزدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەت بىر مەخسەتتە بىرلىكتە ھەلقىلىشقا تىرىشايلى.
كەڭ تورداشلارنىڭ، شەكلى ئۆزگەرگەن پىسخىكا ئوغورلىرىدىن پەخەس بولىشى ئۈچۈن ئەسكەرتىلدى،، ،

باھا سۆز

jantik  قوللايمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:23
jantik  قوللايمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:22
jantik  قوللايمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:22
kukhelal  قوشقوللاپ قوشۇلدۇم!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 14:32
senuber  ناۋاتتەك ئىنكاس! ئەگەشتىم!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 00:13
پەرۋاز

6

تېما

0

دوست

4341

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 955
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 21:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇرلارنى سېسىتايلى

noshirwan

(ھەجۋىي)


-يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۇ كەلمەسكە كەتتى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى خاتىرە


بىزدە مەشھۇرلار نېمانچە كۆپ؟

ئۇلارنى كۆرمىسەكمۇ، بىلمىسەكمۇ، تىللاپ تۇرايلى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىزنى خۇش ئېتەيلى، ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، ‹‹دانىشمەن››بولايلى.

يايلاقتا بۆرە ھۇۋلاپ تۇرمىسىمۇ، قوي پاڭقۇش بولمايدۇ، قوتۇر بېسىپ كەتمەيدۇ. بۆرىدەك ھۇۋلاپ تۇرغانلارنى شىددەت بىلەن قارغايلى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پىتنە-پاسات تېرىيلى، بولسا قاغاپ ئۆلتۈرىۋېتەيلى.

بىر مۇنچە نەرسىنى ئىچىگە سولاپ ئۇلۇغ بولىۋىلىپ، ھۆپۈپكە ئوخشاش ئىچىدە سېسىتىۋىتىدىغان ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇقلارنى، قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە جىگدىچىلىك مېۋىسى يوق قاپاق تېرەكتەك كارغا يارىماسلارنى ماختايلى، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەيلى. كىمكى سورۇنلارنى بېشىغا كىيىپ،خەقنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قۇرۇق لاپ ئۇرسا، بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ ئالەمنى بېشىغا كىيسە، ئۆزىنى ماختاپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئاساسسىز ئىنكار قىلىپ سېسىتسا، خەلققە قۇرۇق پىتنىدىن باشقا تۈزۈك نەپ بەرمىسە، شۇنداقلارنى ئۇلۇغلايلى.

مەشھۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى، مەشھۇرلارنى تىللاپ سېسىتىشنى،قۇرۇق گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىپ،سۇرۇن قوغلىشىپ قاتار چاي ئويناپ، كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈپ تۈگەشنى ئۆگىنەيلى، مەشھۇرلارنى تىللاپ-قارغاپ، يوقىرى-تۆۋەن قاتراپ مەشھۇرلارنى چېقىشنى، پىتنە قىلىشنى تازا ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹كەسپىي پىتنىچى››لەردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقايلى. ئۆز ئارا گەپلەشسەكمۇ، سالاملاشساقمۇ ھالال نىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى مەشھۇرلار ھەققىدە بىرەر غەيۋەت ئۇچۇرىغا ئىگە بۇلۇش مەقسىتىدە گەپلىشەيلى، سالاملىشايلى. مەشھۇرلارنى تىللاش،سېتىش، قەدىر-قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش، خورلاش، ھاقارەتلەش ئارقىلىق تۇغۇلغانغا، ئۇيغۇر بۇلۇپ يارىلىپ قالغانغا داد دېگۈزۈپ ئۆلتۈرەيلى.

مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى،چوڭ-كىچىكلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارساڭلار ئېلىپ باردىغان دۇئايى سالام، سوۋغاتلار ئىچىدە مەشھۇرلار ھەققىدە غەيۋەت بىلەن پىتنە چوقۇم كەم قالمىغاي. بۇ پىتنە-پاساتلار ئاندىن ھەر قايسى ۋىلايەت،شەھەر،ناھىيىلەردە ياڭيۇ كۆپەيگەندەك بىر-بىرىنى تۇغۇپ، كەڭ تارقالغاي. ھازىرغۇ تور بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى كەلتۈردى. مۇنبەر، كيۇ كيۇ توپى دېگەنلەردىنمۇ تولۇق پايدىلىنايلى. پىتنە-پاساتلارنى دەرھال تۈركۈملەپ كۆپەيتىپ تارقىتايلى.
مەشھۇرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ غاجاپ، قۇرۇق ئىسكىلىت قىلىپ، ئاندىن دەپنە قىلايلى. ئۇلارنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرىنىمۇ كەچۈرىۋەتمەيلى. بىكار تەلەپ ھارەمزادىلەر، گەپنىڭ چىرايلىقىنى، ئىشنىڭ ئەسكىسىنى قىلىدىغان خۇمسىلار، كېچىسى ئورا كولاپ،كۈندۈزى ئەلخۇمار بولۇۋالىدىغان مۇناپىقلار، بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، يۈز ئىشنى يامان قىلىدىغان نائەھلىلەر قىلغۇلۇقنى قىلىۋەرسۇن، كەمچىلىكىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان مەشھۇرلارنى يەتتە ياشتىن يەتمىش تاشقۇچە ھەممىمىز قارغايلى.

تىرىك چېغىدا سېسىتىپ،ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ، ئۇلارنى يادلاپ يىغلايلى. لەنەت تاشلىرىمىزنى شەيتانلارغا ئەمەس، مەشھۇرلارغا ياغدۇرايلى.


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=500

باھا سۆز

kukhelal  كۆزىڭىزگە ئادەم سىسىتقاندەك تۇرامدۇق!ئكچەكتىن چىقمايدىغان مەشھۇرلارنى چىكىسىگە تاڭسۇن!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 14:34
akpar777  ئىچىلمايدىغان توربەتنى ئىسپات شەكلىدە يوللاپسىز،يامغۇردا ئەزقاتمايدىغان ئىچىلمايدىغان كۈنلۇككەن بۇ  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:25

1

تېما

1

دوست

6087

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9071
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1143
تۆھپە : 1083
توردىكى ۋاقتى: 587
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 22:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     گۈلەن ئەپەندىم، تەپەككۈرىڭىز تازا قاناتلىنىپتۇ. سىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.
           ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى›› ئۇيغۇرلارنى نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى.....

چارە-تەدبىر ھاما

0

تېما

0

دوست

331

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13591
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 23:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم ساھەسىدىكى ئاشۇ«مەشھۇر»لارنىڭ ھەممىسىلا  ئانا تىل مەسىلسى ھەققىدە قايغۇرمىغان،ھېچنېمە دېمىگەن ،بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان ئەمەس.2001-يىلى ئابدۇرەۇپ پولات تەكلىماكانى مەخسۇس ماقالە يېزىپ،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژورنىلىدا ئىلان قىلدۇرغان.قۇربان مامۇت ئەپەندى بېسىشقا جۇرئەت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ژورنال ئالتە ئاي توختاپ قالغاان.ئىمىن ئەخمىدى،ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەخەت تۇردىلارمۇناسىۋەتلىك يىغىندىن پايدىلىنىپ ئاپتونۇم رايوننىڭ رەئىسىگە ئانا تىل يەسلىسىدىن بىرىمۇ قالمىغانلىقىنى،بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇنىڭ نەتىجىىسى قانداق بولدى ،تىخى بىلگەن يوق.ھەركىم قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ ھەم قىلىشى كېرەك.ئانا تىل ھەركىمنىڭ تىلى،بىرنەچچە «مەشھۇر»بولۇپ قالغانلارنىڭلا تىلى ئەمەس.مەسئۇلىيەتنى بىرقانچە ئادەمگىلا ئارتىپ قويۇش،ئورۇنسىز ئاغرىنىش توغرا ئەمەس.
يىغىپ ئېيتساق،بىزدىكى جامائەتنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ئېڭى ،بولۇپمۇ قانۇن بويىچەئىش كۆرۈش ئېڭى   ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن.بۇ ئانا تىل كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپنىڭ ئىچكى ،ئاساسلىق تەرىپى.
مەن گۈلەننىڭ شەخسىي ھەركەت قىلىش تەشەببۇسىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.يەنە مۇنداق بىر قانچە ئىشنى قىلىپ بېقىشقا بولامدۇ؟سىناپ باقساق:بىرى،ئانا تىل دۇچكېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە  ئوبىكتىپ،پاكىتلىق بىر پارچە ماتىرىيال تەييارلاپ ،ئاپتونۇم رايون  شۇجىسى بىلەن رەئىسىنىڭ خەت ساندۇقى ياكى قولىغا يەتكۈزسەك؛يەنە بىرى،ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ قولى ئارقىلىق يىغىنغا قويۇپ باقساق دېمەكچىمەن.ماتىرىيال تەييارلانسا،رەئىسنىڭ خەت ساندۇقىغا ياكى قولىغا يەتكۈزۈشكە مەن تىرىشىپ باقساممۇ بولىدۇ.چۈنكى 2005-يىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىغا  ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلەش ھەققىدە خەت يېزىپ باققانمەن.ئۈچ كۈندىن كېيىن جاۋاپمۇ كەلگەن.قېنى كۆپچىلىك بىرنېمە دېسۇن.

باھا سۆز

uqkun13  تورداشلار ئۇلارنى مىللىي قەھرىمان قىلىۋەتكەن بولار ئىدى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:29
uqkun13  ناۋاتتەك گەپلەر، مەشھۇرلار ئۆزى قىلىۋاتقان ئۈنتىنسىز ئەمگەكلىرى تورغا بىر تۆككەن بولسا ئىدى تورداشلا....  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:29

0

تېما

1

دوست

2919

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9619
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 437
تۆھپە : 597
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 00:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىلارچە نەسىھەت بوپتۇ ، گۈلەن ئاكىمىزغا قول قويدۇم .

0

تېما

2

دوست

1278

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9785
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 228
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akpar777 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 20:48
كۆز ئالدىمىزدىكى  تەخىرسىز مەسىلىلەرنى جاپا مۇشەققەتت ...

توۋۋا دەپ قالدىم مۇنۇ ئىنكاسقا، بۇرادەر مەشھۇرلارنىڭ ھەممە ئىشقا ۋاقتى يىتەمدۇ؟ ئەقلى يىتەمدۇ؟ ئادىل تۇنىياز شىئىرلىرى بىلەن مەشھۇر بولسا، ئابدۇقادىر ئەپەندى ئالىي ئوقۇلدىكى ئوقۇتۇش مىتۇدى، غەرپچە تەپەككۇردىكى يولباشچىلىقى بىلەن،، مۇھەممەد سالى دامۇللام،نەزىرە مۇھەممەد سالىھلار دىنىي ساھەدىكى بىلىم كامالىتى بىلەن مەشھۇر بولغان.. سىز مۇھەممەد سالھ دامۇللام بۇنىڭ سىرتىدا دەپسىز، سىز قويغان شۇ سوئاللارنى سىزگە قويۇپ باقاي: ھاشار سىلىق ئىشلىرىدا دامۇللام نىمە قىلىپ بەردى؟ قوش تىل يەسلىسىدە دامۇللام نىمە قىلىپ بەردى؟زاتى مۇبارەكنىڭ بىردىنبىر قىلغان ئىشى مۇقەددەس قۇرئان كەرىم ھەم دىنىي ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىتاپلارنى بىزگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەنلىكى، سىز ئۇنداق ئەمەس دىيەلەمسىز؟ نىمىشكە بۇ كىشىنى سىز نارازى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىۋىتىسىز؟ مىنىڭچە بۇ يۈكسەك ھۆرمەتنىڭ كۈچى،دىنىي ئەقىدىنىڭ كۈچى شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭدا سىز دىگەن رىئاللىقنىڭ سىزگە قالدۇرغان سوئاللىرىغا جفۋاپ بولغۇدەك باشقا ئىش يوق شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا قىنى سىزدىكى رىئاللىققا يۈزلىنىش؟ قىنى سىزدىكى ئەركەكلىك دەپ جار سالغان بۇرچ تۇيغۇسى؟ قىنى سىزدىكى مىللەتچىلىك؟ ھەممە مەشھۇرلارنىڭ ئۆز ساھەسى بار، ئۇلار سۆزلىسۇن شۇ سەھە ئاشىنالىرى بۇ سۆزلەردىن قۇۋۋەت ئالسۇن، بىز توردا ئويۇن ئويناپ ئولتۇرايلى بولامدۇ؟ ھەممە ساھەگە ئارلىشالىغۇدەك بىلىم تىخى بىرەر ئۇيغۇردا  سەئىدخان دەۋرىدىن كىيىن  كۆرۈلۈپ باقمىدى دەپ قارايمەن،يەسلى قوشتىل دىگەنلەردە ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، مەشھۇرلارنىڭ ئەمەس.

باھا سۆز

jantik  مەشھۇرلارنىڭلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ ئۆز ساھەيىمىز بار ، بىراق بۇ تىل ھەممىمىزنىڭ تىلى  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:40

0

تېما

3

دوست

206

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11608
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 59
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇرلاردىن ئورۇنسىز ئاغرىنغانلارغا شۇنداق دىگۈم كىلۋاتدۇ ،سىز بىرقىتىمدا بەش قولڭىزنى تەڭ ئاغزىڭىزغا  سالالامسىز ؟

باھا سۆز

akpar777  نۆۋەتتىكى جىددى مەسىلىلەرگە ئەڭ ئاۋال جاۋاپ تىپىشىمىز كىرەك ئىدى.ئاندىن ئائىلە باشقۇرۇش لىكسىيەسىنى  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:53

0

تېما

2

دوست

1278

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9785
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 228
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:43:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 10:46  

پۈتۈن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇنۇ مىسرالىرى يادىمغا كىلىپ قالدى.: بىز ئۇيغۇرلار ئاجايىپ خەقمىز، باشقىلارنى ئىشلەپ سۆيىمىز،ئۆزىمىزنى چىشلەپ سۆيىمىز....................رازىمەن قىيامەتتە ئۇيغۇر بولۇپ كۆرۈنۈشكە.......
  مانا بۇ ئاق چاچلىق پەيلاسۇپنىڭ ھايات ھەقىقىتى...
بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ئەۋلات تەربىيىسىگە ئاتىغان ياشلارنى مىللىييەت تەربىيىسى ئىلىمنىڭ قەدرى ھەققىدە ئاز بولمىغان تونۇشلارغا ئىگە قىلغان بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى كىغىلەر تەرىپىدىن مەشھۇر دەپ ئاتالدى ، ئۇ ئۆزى بۇ نامدىن قورقىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا دىگەن بولسىمۇ ئۇنى ھەممە كىشى مەشھۇر دىدى. ئاقىۋەت ئۇمۇ ئۆزىنى مەشھۇر سىزىشنى ئويلىشىۋاتقاندا يەنە شۇ كىشىلەر تەرىپىدىن يەر بىلەن ياكسان بولدى. ئەي ئاق چاچلىق پەيلاسۇپ كىشى ئۆزى تاللىغان يولدا مىڭىش نىمىدىگەن راھەت ھە؟ گەرچە بۇ يولدا تالاي بوران چاپقۇن بولسىمۇ، ئۈمىدىم شۇكى تاكى قىيامەتكىچە مۇشۇ يولدا توختاپ قالمىغىن، چۈنكى بۇ مىللەت تىرىكنىڭ قەدرىنى قىلمىغان بىلەن ئۆلۈكنىڭ قەدرىنى ئاجايىپ قىلىدۇ.ئاجايىپ....  

    توردىكى قايسىبىر تورداش قايسى بىر مەشھۇرنى تونىساڭلار مىنىڭ بۇ ئۇچۇرۇمنى يەتكۈزۈپ قويساڭلار، چۈنكى مەشھۇرلار بىزگە كىرەك ...تىل سالىدىغانلار ئارقا ھويلىغا ئۆتكەيسىلەر، تونۇردىن يىڭى سويغان ياخشى تىللار بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-23 17:08 , Processed in 0.068267 second(s), 14 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش